نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت | ئۆرنەكلەر | ئاساسىي مەزمۇن
wordpress نىڭ باشقۇرۇش بېتى بىلەن تونۇشۇش
2015-يىلى02-ئاينىڭ04-كۈنى | ئۆرنەكلەر |جەمئى 2779خەت بار | 427 قېتىم كۆرۈلدى | 4پارچە ئىنكاس بار

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
پىشقەدەم ، تەجرىبىلىك بىلوگگىرلارنىڭ بىلوگ ساھەسىدىن چېكىنىشى ، يېڭى ، ياش بىلوگگرلارنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشى بىلەن ، WordPress بىلوگلىرى توغرىسىدا سورايدىغان سۇئاللارمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى . ئاساسلىق ۋاقتىممۇ يېڭى بىلوگگرلارنىڭ باشقۇرۇش بېتى (ئارقا بەت) توغرىسىدىكى سورىغان سۇئاللىرىغا جاۋاب بېرىش بىلەنلا كېتىپ بارىدۇ . بۇرۇن ئۇسلۇب توغرىسىدا سورايتتى ، ھازىر بولسا ئۇسلۇبچىلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ، بۇ جەھەتتىكى بوشلۇق تولغاندەكمۇ قىلىدۇ .
يېڭى بىلوگگرلار ۋە WordPress قا كۆچۈش ئالدىدا تۇرغانلارغا نىسبەتەن يول باشلىغۇچى دەرسلىك بولار دېگەن ئۈمىدتە ، بۇرۇن باشلىغان ، ھازىر داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن كېتىپ بارغان بۇ يازمىنى يوللاش قارارىغا كەلدىم .
WordPress تە بىلوگ قۇرۇش ئۈچۈن WordPress نى قاچىلاش توغرىسىدىكى يازمىلارنى كۆرمەكچى بولسىڭىز ، بۇ يەرگە «مەرھەممەت »قىلغايسىز ......

wordpress نىڭ باشقۇرۇش بېتى بىلەن تونۇشۇش

wordpress بىلوگلىرىنىڭ باشقۇرۇش بېتى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش بولۇپ ، قىسمەن ئوخشىماسلىق ئۇسلۇبقا قوشۇلغان ئىقتىدار جەھەتتىن بولسىمۇ ، تىزىملىك ۋە كۆرۈنۈش ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش .
بىلوگ ئارقا بېتىگە كىرىش ئادرىسىمۇ ئوخشاش . مەسىلەن :

  1. http://www.muellim.me/wp-admin  

تور بېكەت ئادرېسىنىڭ كەينىگە «wp-admin» نى قوشۇش ئارقىلىق بىلوگ باشقۇرۇش بېتىگە كىرىش بېتىنى ئېچىشقا بولىدۇ .

wordpressباشقۇرۇش بېتى

يۇقارقى ئادرېس ئارقىلىق wordpress نى ئارقا بېتىگە كىرگەندىن كېيىنكى دەسلەپ كۆرگىنىڭىز بولسا تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك بولىدۇ .
2015020401
ئارقا بەتكە كىرگەندىن كېيىن ، ئوڭ تەرپكە قارىسىڭىز بىر قانچە تىزىملىكنى كۆرىسىز . بۇنىڭ ئىچىدە ئۈستىدىكى رەسىمدىكى سىلىنغان نۇمۇرغا ئاساسەن قايسى تىزىملىكنىڭ نېمىگە ئىشلىتىلىدىغانلىغى توغرىسىدا ، كېيىنكى يازمىلاردا تەپسىلى توختىلىمىز .....
ئارقا بەتكە دەسلەپ كىرگەندە كۆردىغىنىمىز بولسا «1» دەپ بەلگە سېلىنغان «باشقۇرۇش تاختىسى» ناملىق تىزىملىك ئىچىدىكى «باش بەت» تىن ئىبارەت .

باش بەتنىڭ تۈزۈلۈشى

1. قارشى ئېلىش كۆزنىكى . تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ ؛
2015020404
سىز wordpress يېڭى كىرگەن بولۇپ ، باشقۇرۇش بېتىدە (ئارقا بەت) قايسى خىل مەشغۇلاتنى قىلىشنى بىلمىسىڭىز ، ئاشۇ قارشى ئېلىش كۆزنىكىنى ئەستايىدىل كۈزەتسىڭىزلا ، ئۇ سىزگە نېمە ئىش قىلىشىڭىزنى ئۆگىتىپ قويىدۇ . رەسىمگە قاراڭ ؛
2015020402
«1» دەپ بەلگە ئۇرۇلغان جايغا قارىسىڭىزلا ھەممىنى چۈشىنىسىز ، «2» دەپ بەلگە ئۇرۇلغان جاي سىزگە يېڭى يوللانغان باھا ، تەسىتىقلانغىنى ۋە تەستىقلاشقا تىگىشلىكلىرىنى ھەر ۋاقىت بىلدۈرۈپ تۇرىدۇ ، كېيىن سىز ئاشۇ جايغا قاراشنى تەبئىيلا ئادەت قىلىۋالىسىز .....

باش بەتتە قانداق مەشغۇلات قىلىشنى ئۆگىنىپ بولدۇم ، باش بەتنى ئاددىيلاشتۇرسام بولاتتى ...

ئۇنداق بولسا ، تۆۋەندىكى رەسىمگە ئاساسەن مەشغۇلات قىلىپ سىناپ بېقىڭ ، يەنە قانداق ئۈنۈمگە ئېرىشىشىڭىز مۇمكىن ؟
2015020403
ئىستىرىلكا كۆرسەتكەن جايلارنى بېسىپ بېقىڭ ، يەنە قانداق ئۈنۈملەرگە ئېرىشىشىڭىز مۇمكىن ؟
2015020405
شۇنداق قىلىپ ، «wordpress نىڭ باشقۇرۇش بېتى بىلەن تونۇشۇش» ناملىق بۇ دەرس مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى ، wordpress نىڭ باشقۇرۇش بېتىگە دائىر يەنىمۇ كۆپ چۈشەنچىگە ئېرىشىشنى ئويلىسىڭىز ، دىققىتىڭىز يازمىمىزنىڭ داۋامىدا بولسۇن . يازما ئوقۇپ كۆزىڭىز تالغاندا ، كۆزىڭىزنىڭ ھاردۇقىنى چىقىرىش ئۈچۈن بولسىمۇ ئىنكاس يوللاشنى ئۇنتۇماڭ .
ئالىملارنىڭ ئىسپاتلىشىچە ، تور بېكەتلەرگە كىرىپ يازما ئوقۇپ كۆزلىرىڭىز تالغاندا ، ئىنكاس يوللاپ قويۇش كۆزنىڭ ھارغىنلىقىنى چىقىرىش بىلەن بىرگە ، يازما يوللىغۇچىلارنىڭمۇ ھاردۇقىنى چىقىرىدىكەن . ئىشەنمىسىڭىز سىناپ كۆرۈڭ ...... :mrgreen: :???: :smile: ;-) :evil:

QR:  wordpress نىڭ باشقۇرۇش بېتى بىلەن تونۇشۇش

ئاپتور « مۇئەللىم» ھەققىدە

  • بىلوگچىلىققا بولغان قىزىقىشىم تۈپەيلى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىمنىڭ نامىغا ماس ھالدا «مۇئەللىم بىلوگى»نى قۇرۋالدىم . مېنى نۇرغۇنلىغان بىلوگ ۋە مۇنبەرلەردە «مۇئەللىم»ياكى «ئىقبال»نامىدا ئۇچىرىتالايسىز . بۇ بىلوگ مېنىڭ شەخسى دۇنيارىم ، بۇ يەردە ۋوردپرېس توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرىمدىن ، كەچمىشلىرىمنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن يازغان شېئىر ۋە يازمىلىرىمدىن ، كەسىپىمگە ئائىت ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولالايسىز ......

  • يازما ئۇچۇرلىرى

    نۆۋەتتە 4 پارچە ئىنكاس بار | بۇنىڭ ئىچىدە :زىيارەتچى قالدۇرغىنى :3 پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :1 پارچە

    1. ئابدۇبەگ 2015-يىلى02-ئاينىڭ09-كۈنى |  1-رەت جاۋاب

      رەھمەت مۇئەللىم جاپا چەكتىڭىز

      Firefox 35.0Windows 7
      • مۇئەللىم 2015-يىلى02-ئاينىڭ09-كۈنى |  1-قاتار جاۋاب

        @ئابدۇبەگ ئەرزىيدۇ جۇما ، چاڭقىغانلارغا ئۇسسۇزلۇق بېرىش مەجبۇرىيتىم بار جۇمۇ مېنىڭ ….

        Google Chrome 41.0.2243.0Windows 7
    2. مەھدى 2015-يىلى02-ئاينىڭ05-كۈنى |  2-رەت جاۋاب

      رەھمەت مۇئەللىم جاپا چەكتىڭىز

      Safari 534.30Android 4.2.2

    بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل !