WordPressبىلوگلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە تەھرىرلەش ۋە ئۆچۈرۈش مەشغۇلاتلىرى ئارقا سۇپىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ . بەزىدە بىز ئالدى بەتتىمۇ مۇشۇنداق ئىقتىدارلار بولسىكەن ، دەپ ئويلاپمۇ قالىمىز .
ئالدىرىماڭ ، "مۇسۇلمانچىلىق ئاستا-ئاستا" دەپتىكەن كونىلار ، شۇنىڭغا ئوخشاش ، بۇنداق تېخنىكىلارمۇ بىر كۈندە روياپقا چىقمايدۇ . شۇنداق قىلىپ ، بۇ ئىقتىدار مۇئەللىم بىلوگىدا ئۇسلۇب يىڭى نەشىرىنى ئىشلەتكەندىن باشلاپ قوشۇۋىتىلگەن بولۇپ ، بۈگۈن باشقا بىلوگگىر دوستلار بىلەنمۇ ئورتاقلاشماقچىمەن .
comments.php تىكى جاۋاب خېتىگە مۇناسۋەتلىك كودلارنىڭ ئاخىرلاشقان قىسمىدىن قۇر تاشلاپ ، تۆۋەندىكى كودنى قىستۇرىمىز .
ئەلۋەتتە ، سىز كۆرسەتمەكچى بولغان باشقا ئورۇنغا قىستورسىڭىزمۇ بولىدۇ .
دىققەت قىلىدىغان تەرەپ : comments.php ھۆججتىمىز چوقۇم utf-8 شەكلىدە تەھرىرلىنىپ ساقلىنىشى كېرەك ، بولمىسا قالايمىقان ھەرپ-بەلگىلەر چىقىۋىلىپ ، بەتنى بۇزۇپ قويىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ . شۇڭا مەخسۇس تەھرىرلىگۈچ ئىشلىتىڭ .
بۇ ئىككىلىك كود كۆچمە ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرى ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان ! | |
ئىككىلىك كودنى نۇسخىلاش ئارقىلىق ، مەزكۇر يازمىنى تىلىفۇنىڭىزدىلا ئوقۇپ ، باھا يېزىڭ . |
بولىدىغان تىخنىكەن بۇ .مۇئەللىمكا نىمە ئىش بۇ ؟ ئاستىغا چاۋسۇدىن بىرنى قۇرۇپ قويۇپسىزغۇ ؟؟
كاتتا ھۆنەرلەر ئۈزۈلمەي چىقىۋاتىدۇ دېسە… بولىدىغان چارىكەن…ئۈف… ئېنكاس رايونىنىڭ ئاستىدىكى تەستېق نومۇرىچۇ ئەمدى؟ توشقۇزۇپ بولالماي ئۆلسۇن دەپ.
بولىدىغان ئىشكەن قېنى سىناپ باقاي رەھمەت
ھىم… ئۇسلۇبنىڭ يەنە بىر ئىقتىدارى كۆپەيگۈدەك!
مەنمۇ بىلوگىمنى تىزراق ئەسلىگە قايتۇرسام بولاتتى
قېنى نەق مەيداندىلا سىناپ باقاي.. قولايلىق ئۇسۇلكەن