نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت | يازمىلىرىم | ئاساسىي مەزمۇن
«قىزىقىش»نىڭ نەتىجىسى(داۋامى)
2013-يىلى12-ئاينىڭ25-كۈنى | يازمىلىرىم |جەمئى 5016خەت بار | 604 قېتىم كۆرۈلدى | 2پارچە ئىنكاس بار

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئوقۇرمەن ، بۇ يازمىنى تولۇق ئوقۇغايسىز. بۇ سىزگە ياكى كېيىن باشقىلارغا پايدىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

شۇنىڭ بىلەن مەندە قىزېقىش پەيدا بولدى ، دەسلەپتە مەن ئۇنىڭ لاھىيلىگۈچىلىك كەسپىگە تەۋە بولىدىغانلقىنى بىلمەيىتتىم، مېنىڭ قىزېقىشىم پەقەت پوتوشوپتا شۇنداق ئىسىل نەرسىلەرنى لاھىيلەپ ۋۇجۇتقا كەلتۈرەلىسىملا بولدى ، دەپ ئويلاتتىم. پوتوشوپنى شۇنداق قىزېقىپ ئۈگەندىم ، باشتا ئۆگنىشتە ئەڭ ئارقىدا تۇردىغان ئوقوغۇچى بۇ سېستىمىغا كەلگەندە بولسا مەكتەپتە كىم دېسە ، ۋاي ئۇ بەك ئۇستا دەيدىغانلاردىن سانىلىپ قالدىم. لىكىن مەن بۇ كومپىيۇتېردىن ، لايىھەدىن خىزمەت تېپىش دەيدىغان ئىددىيە تىخى كاللامغا قۇيۇلمىغان ۋاقىتلارنىڭ بىرىدە، بىزنىڭ مەكتەپكە بىر شېركەتتىن خادىم قوبۇل قىلغىلى كەپتۇ . مەكتەپ مۇدىرىمىزمۇ ، مۇئەللىممۇ باشتىلا مېنى كۆرسەتتى، ( مەن پوتوشوپقا شۇنداق بىرىلىپ كەتكەچكىمىكىن ، قۇلىقىممۇ ئاستا - ئاستا ياخشى بوپ كەتكەنلىكىنى ئۆزۈممۇ ھېىس قىلالمايلا قاپتىمەن) لېكىن مەن رەت قىلدىم، چۈنكى مېنىڭ ئۇنداق بۇرۇن ئىشلىگۈم يوق ئىدى ، ئۇ ۋاقىتلاردا چوقۇم ئوقۇتقۇچى بولىمەن دەيدىغان بۇ غايەممۇ ئاللىقاچان بىر ياقلارغا ئۇچۇپ كەتكەنىدى ، مەن ئۇنتۇپ كېتىپتىمەن، رەت قىلغان بولساممۇ مەكتەپ مۇدىرىمىز لايىھىلىگەن بىر نەچچە پارچە ئېلاننى كۆرسىتىپتىكەن ، ئۇ دىرىكتورغا ھەقىقەتەن ياراپ قاپتۇ . لېكىن مەن يەنىلا رەت قىلىدىم . چۈنكى مەن تىخى بۇنى ساپ ئۆگىنىپ بولالمىدىم دەپ ئويلايىتتىم . داۋاملىق ئوقۇدۇم ، كېيىن بىز توي فىلىم ئىشلەش دەرىسلىرىگە كىرىشىپ كەتتۇق ، ئۇنىمۇ شۇنداق قىزېقىپ ئۆگەندىم ، چۈنكى بۇ كومپىيۇتېر دېگەن بۇ نەرسە بارغانسىرى ئۆزىگە مىنى تارتىۋاتاتتى .
شۇنداق قىلىپ توي فىلىم ئىشلەيدىغان دېتاللاردىنمۇ بەش ئالتىنى ئۆگەندىم، ئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك، 3 د دېتاللىرى مېنىڭ دىققتىمنى تارتتى ، ئۆزىگە مىنى مەپتۇن قىلىۋالدى، ئۆگىنىشكە تىرىشاتتىم ، لېكىن شارائىت يار بەرمىدى، بۇ تەرەپتە بۇنى بىلىدىغانلار كەمچىل، باشقا تەرەپلەردە بولسا ئوقۇش ھەققى بەك يۇقۇرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭ سالامەتلىكىممۇ تازا ياخشى بولمىغانلىقتىن ، ئۆيدىكىلەرمۇ يىراقلاردا ئوقۇشۇمغا يول قويمايىتتى ، شۇنداق قىلىپ، مەن 3د نى تولۇق ئۆگەنمەي تۇرۇپ ئوقۇش پۈتتۈردۈم . يەنى گەپنىڭ ئوچۇقى ئاران 6 ئاي كومپىيۇتېر ئوقۇدۇم ،تېخى مەكتەپ پۈتۈن كۈن كومپىيۇتېر ئوقۇشقا يول قويمغاچقا ، يىرىم كۈن كومپىيۇتېر يىرىم كۈن خەنزۇتىلى ئوقۇدۇم، ئوقۇشۇم پۈتتى . ئۆيگە قايىماقچى بولدۇم . دادام بالام قايتىپ نېمىش قىلىسەن ، مىنىڭچە بىرە خىزمەت تاپ ، دېدى . مەن شۇ ۋاقىتلاردىلا ئۆزۈمنىڭ ھەقىقەتەن بىرخىزمەتكە مۇھتاج ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلدىم ، چۈنكى ئويلاپ كۆرسەم ئۆيگە قايتساممۇ مەن قىلىدىغان ھىچ ئىش يوقكەن، بىكار كۈن ئۆتكۈزىدىكەنمەن، يەنە چىقىپ شەھەر ئىچىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ ، بىر نەچچە يەرلەرگە باردىم ، دەسلەپتە فىلىمچىلىكتىن خىزمەت ئىزدىدىم . چۈنكى مىنىڭ نەزىرىمدە فىلىمچىلىكنىڭ مۇئاشى يۇقۇرى بولدىغۇ دەپ ئويلاتتىم . چۈنكى مىنىڭ بىلىدىغانلىرىممۇ ئاز ئەمەس ئىدى، بىر يەرگە كىردىم، ئۇيەردە سىزنىڭ قابىلىيىتىڭىز ھەقىقەتەن بولىدىكەن ، بىز بۇ يەردە قابىل فىلىم كىرىشتۈرگىچىگە مۇھتاج ، بۇيەردە بۇرۇن ئىشلىگەنلەرگىمۇ 700 يۈەن مۇئاش بىرەتتۇق، سىزگە تۇنجى ئايدا 700 يۈەن بىرەيلى، كىيىنكى ئايدا 800 يۈەن بولسۇن ، بىر يىل تولۇق ئىشلىسىڭىز يىل ئاخىرىدا 3000 مىڭ يۈەن مۇكاپات پۇلى بىرىمەن دىدى، مەن ماقۇل ، ئويلىشىپ ئەتە كىلەي دەپ يېنىپ چىقتىم، لىكىن ماڭا نىسبەتەن 700 يۈەن مۇئاش بەك تۆۋەندەك بىلىنىپ كەتتى، يەنە باشقا يەرلەرگىمۇ باردىم مۇئاشى، شۇ 700 دىن ئاشمىدى، كۆڭلۈم شۇنداق يىرىم بولدى، مەن چوڭ ئىشەنىچ باغلىغان كومپىيۇتېر كەسپى مىنىڭ ئىشەنچىمنى يەرگە ئۇرماقچى بولىۋاتاتتى، شۇنداق ئايلىنىپ بىر ئېلانچىلىق شىركەتنىڭ ئالدىغا كەپ قاپتىمەن ، كاللامغا بىر ئوي كىرىپ، ئىشخانىغا كىردىم، مەن ئۇ چاغدا ئېلانچىلىقتا پوتۇشۇپ ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم ( دېمەك بۇ مېنىڭ تىخى كەسپى بىلىمىمنىڭ كەمچىلىكىنى بىلدۈرىدۇ) ، بىرەر ئىشىڭىز بارمۇ دېگەنتى ، مەن ئايلنىپ كۆرۈپ باقاي دەپ كىرگەن دىسەم ، شېركەتنىڭ دىرىكتورى خەنزۇ ئىكەن، ئۇ نېمىشقا كەپتۇ ، دەپ سورىدى، مەن بۇيىل ئوقۇش پۈتتۈرگەن كۆرۈپ باقاي دەپ كېلىشىم، دېدىم، ئۇ باشتا گەپ قىلىمىدى، مەن ئۇيغۇر بالىدىن سورىدىمدە ، بۇيەردە ئېلاننى نىمىدە لاھىيلەيدۇ دىدىم، بۇيەردە پوتوشۇپ ئشلىتىدۇ، دىدى . ھە دىدىم . سىلەرنىڭ لاھىيلىگۈچىگە قانچە مۇئاش بېرىدۇ دىدىم، ئۇ بىزنىڭ لاھىيلىگۈچى يوق ئىلگىركىسىگە 2000 بېرەتتى ، لېكىن ئۇ ئىشلمەيمەن دەپ كەتكەن، دىدى . ھە دەپ مەندە ئازراق ئۈمىد تۇغۇلدى، شۇنىڭ بىلەن مەن يەنە ئادەم ئالامسىلە ، دەپ سورسام ئىشىكنىڭ ئالدىغا ئادەم ئالىمىز دەپ چاپلاپ قويغان كۆرمىدىڭىزما دىدى، دېمىسىمۇ مەن دىققەت قىلمىغانىدىم، ياق دىققەت قىلماپتىمەن دىدىم، ھە دەپ دىرىكتوردىن سورىدى، ئۇ لاھىيلىگۈچىكەن دېۋىدى ، دىرىكتور خوش بوپ كەتتى . ۋاي بۇرۇنراق دېسەڭ بولمامدۇ دەيدۇ، مەن چاندۇرماي ئادام ئالامدۇ ئالمامدۇ ئۇخمىغاندىكىن سورىماپتىمەن دېدىم، ئۇ ماڭا شۇ شېركەتنىڭ ۋىۋىسكىسىنى لايىھىلە دېدى ، مەن لاھىيلىدىم . لىكىن قانچىلىك ۋاقىتتا دىمەيسىلە، ئاددى بىر ۋىۋىسكىنى ئىككى سائەتتە لاھىيلەپتىمەن، دېمىسىمۇ بىز ئىلگىرى سۈرئەتكە بەك ئىتىبار بەرمەيتتۇق، ئۇ دىرىكتور بولدىكەنسەن قارىسام خىلى ئىش ئۇقىدىغاندەكمۇ قىلىسەن ، مۇنداق بولسۇن، سىنىڭ ھازېرقى تېخنىكاڭ بولىدۇ ، ئەمما سۈرئەت جەھەتتە ئىنتايىن بەك ئاستا، شۇڭا ئاۋال سەن بىر ئاي ئىشلە سىناق ئىشلەيسەن ، 800 يۈەن مۇئاش بېرىمەن ، ئەگەر سۈرئىتىڭ تىزلەشسە گىپىم گەپ 1500 نى بېرىمەن ، ئەھۋالغا قاراپ مۇئاشىڭنى ئۆستۈرۈپ بېرىمەن، ئەگەر 1 ئايدا ئاشۇرساڭ بىر ئايدا، 3 ئايدا ئاشۇرساڭ 3 ئايدىن كىيىن 1500 نى ئالىسەن ئەگەر 10 كۈندە ئاشۇرساڭ گىپىم گەپ 800 نى شۇزامان بېرۋىتىپ ، كېيىنكى ئايدىن باشلاپ 1500 نى بېرىمەن دېدى، بۇ گەپ ماڭا خوش ياقتى، چۈنكى بۇ مەن ئۈچۈن ئۆزۈمنى چىنىقتۇرىدىغان پۇرسەت ئىدى، شۇنىڭ بىلەن مەن تىرىشتىم . ئىشقا چىققان كۈنىدىن باشلاپ ھەركۈنى پوتوشۇپنى ئىچىپ ھەرخىل ۋىسىكىلارنى لايىھىلەيىتتىم . تېخى باشقا ۋىۋىسكىلارنى رەسىمگە تارتىپ ئەكىرىپ سائەتكە قاراپ ئولتۇرۇپ لايىھىلەتتىم . سۈرئىتىم شۇنداق تىز ئاشتى ، ھەتتا بىر مىنۇتتا بىر ۋىۋىسكا لاھىيلىگۈدەك سەۋىيەگە يەتتىم، دىرىكتور تىرىشچانلىقىمغا ھەقىقەتەن قايىل بولدى دەل 15 كۈن بولغان كۈنى كەچتە ئىشتىن چۈشەي دەپ تۇرسام ، ئۇ مىنى چاقىرىپ 800 يۈەننى قولۇمغا تۇتۇقۇزغاندىن كېيىن ، كېيىنكى ئايلىق مۇئاشىڭ 1500 يۈەن بولىدۇ ، مەن يەنە باشقا ئۈسكىنىلەرنى باشقۇرۇشنى ئۈگەنسەڭ يەنە ئۆستۈرۈپ بېرىمەن دىدى ، شۇنىڭ بىلەن مەن ئۆزۈم ئويلاپ ئارزۇ قىلىپمۇ باقمىغان ، ئەمما خىزمەت تېپىشنى ئەمەس ، بىر قىزىقىش سەۋەپچى بولغان ئۆگۈنىشنىڭ نەتىجىسىدە ، ھازېر ئايلىقى 4000 مىڭ يۈەن مۇئاش بىلەن ئىشلەۋاتىمەن .....

ئاپتور : تەلەي 365

QR:  «قىزىقىش»نىڭ نەتىجىسى(داۋامى)

ئاپتور « تەلەي365» ھەققىدە

  • تەلەي365، مەن سىزنىڭ 365 كۈن تەلەيگە يولۇقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىپ تەلەي365 دىگەن نام بىلەن بۇ بىلوگدا سىزگە ئەسەر يوللاۋاتىمەن، مەن ئادەتتە بىرنەرسىلەرنى ئۈگنىشكە بەك ئامراق، ئارام ئالماي توردىن دىتاللارنى چۈشۈرۈپ ئۆگىنىپ قويىمەن، مەن لاھىيە ساھەسىدە mx سىتۇدىيىسى نامىدا، سەنئەت ساھاسىدە بولسا، شەپەق نامىدا، ئەدەبىيات ساھەسىدە بولسا تەلەي 365 تەخەللۇسى بىلەن سىز بىلەن ئۇچرىشىمەن

  • يازما ئۇچۇرلىرى

    نۆۋەتتە 2 پارچە ئىنكاس بار | بۇنىڭ ئىچىدە :زىيارەتچى قالدۇرغىنى :1 پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :1 پارچە

    1. بەگمۇراد 2013-يىلى12-ئاينىڭ25-كۈنى |  1-رەت جاۋاب

      ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، يازمىلېرىڭىز بەك ئىسىل چىقىپتۇ.

      Firefox 26.0unknow
      • مۇئەللىم 2013-يىلى12-ئاينىڭ25-كۈنى |  1-قاتار جاۋاب

        ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ، يازما ئاپتورى تەلەيجانغا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت . مۇئەللىم بىلوگىدىن مۇشۇنداق ئېسىل يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي . :wink:

        Google Chrome 27.0.1453.93Windows 7

    بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل !