نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت | ئۇسلۇب | ئاساسىي مەزمۇن
ماسلىشىشچان بىلوگ ئۇسلۇبى : Rcloud
2014-يىلى07-ئاينىڭ21-كۈنى | ئۇسلۇب |جەمئى 1125خەت بار | 3,560 قېتىم كۆرۈلدى | 11پارچە ئىنكاس بار

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
بۈگۈن بىلوگگىر دوستلارغا ئىقتىدارى مۇكەممەل بولغان WordPress بىلوگ ئۇسلۇبى Rcloud نى ئېلىپ كەلدىم . بۇ ئۇسلۇب كۆپ خىل يازما (خەتلىك يازما ، رەسىم ، فىلىم ۋە مۇزىكىلىق يازما ) شەكىللىرىنى قوللايدۇ ، قويغۇچلار ئۇسلۇب ئىچىگە قېتىۋىتىلگەن . ئۇسلۇبقا نۇرغۇن قولايلىق كىچىك قوراللار (مەخسۇس سەھىپە ، مۇناسىۋەتلىك يازما ، ئىختىيارى يازما ، بىكەت سىتاستېكىسى ) ۋە قولاي بولغان ئايرىم بەتلەر (دوستانە ئۇلىنىش بېتى ، سۇئال-جاۋاب ‹پىكىرخانا›بېتى ، يازما تىزىملىكى بېتى ، تور بەت ئادرېسلىرىنى يىغىۋىلىش بېتى ) قاتارلىق بەتلەر قوشۇلغان .
ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى:
1. ئۇسلۇب كۆپ خىل ئۇسكۈنە ۋە تور كۆرگۈلەرگە ماسلىشىشچان قىلىپ لايىھەلەنگەن . بولۇپمۇ كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگە ماسلاشتۇرۇلغان . ئۈنۈمىنى سىناشتا ، تور كۆرگۈنى كىچىكلەتسىڭىزلا ، شۇنىڭغا ماس ھالدا تەڭشىلىپ كۆرۈنىدۇ .
2.بەت ئۈستى ۋە بەت ئاستى بولۇپ تۆت خىل تىزىملىك قوللايدۇ . (رەسىمگە قاراڭ) ، تۆتىنچى تىزىملىك بەت ئاستى تىزىملىكىدۇر .
2014072109
3.سۈرەتنى چوڭايتىپ كۆرسىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە .

ئۇسلۇب كۆرۈنۈشلىرى

2014072105

2014072104

2014072106

2014072107

2014072108
2014072101

2014072102

2014072103

ئۇسلۇبنى چۈشۈرۈش

ھۆججەت ئۇچۇرى:
ھۆججەت نامى :بىلوگ ئۇسلۇبى
ھۆججەت سىغىمى :187KB
يېڭىلانغان ۋاقتى :2014-07-21
چۈشۈرۈش ئادرېسى: ئۇسلۇبنى كۆرۈش بەيدۇدىن چۈشۈرۈش خوۋاۋىيدىن چۈشۈرۈش

ئۇسلۇب ھەققىدە باشقا مەسلىلەر بولسا بىۋاستە يازما ئاستىغا سۆز قالدۇرساڭلار ، قىسقا ۋاقىتتا جاۋاب قايتۇرىمەن .

QR:  ماسلىشىشچان بىلوگ ئۇسلۇبى : Rcloud

ئاپتور « مۇئەللىم» ھەققىدە

  • بىلوگچىلىققا بولغان قىزىقىشىم تۈپەيلى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىمنىڭ نامىغا ماس ھالدا «مۇئەللىم بىلوگى»نى قۇرۋالدىم . مېنى نۇرغۇنلىغان بىلوگ ۋە مۇنبەرلەردە «مۇئەللىم»ياكى «ئىقبال»نامىدا ئۇچىرىتالايسىز . بۇ بىلوگ مېنىڭ شەخسى دۇنيارىم ، بۇ يەردە ۋوردپرېس توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرىمدىن ، كەچمىشلىرىمنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن يازغان شېئىر ۋە يازمىلىرىمدىن ، كەسىپىمگە ئائىت ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولالايسىز ......

  • يازما ئۇچۇرلىرى

    نۆۋەتتە 11 پارچە ئىنكاس بار | بۇنىڭ ئىچىدە :زىيارەتچى قالدۇرغىنى :7 پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :4 پارچە

    1. مالىك 2015-يىلى06-ئاينىڭ24-كۈنى |  1-رەت جاۋاب

      ئۇستاز مومكڭن بولسا بۇ ئۇسلۇپنى يوللاپ بەسىڭىز

      Google Chrome 40.0.2214.115Windows 7
    2. ئۇچقۇن 2014-يىلى10-ئاينىڭ27-كۈنى |  2-رەت جاۋاب

      بۇ ئۇسلۇپتا رەسىمدىكىدەك يانفۇن بىتى ھالىتىدە تىزىملىكلەرنى قانداق چىقىرىدۇ؟ :wink:

      Google Chrome 38.0.2125.104Windows 7
      • مۇئەللىم 2014-يىلى10-ئاينىڭ27-كۈنى |  1-قاتار جاۋاب

        @ئۇچقۇن تىزىملىك قۇرۇش ھالىتىگە كىرگەندىن كېيىن ، تېلېفۇن ھالىتىدىكى تىزىملىكتىن بىرنى قۇرىۋىلىپ ، تېلېفۇن تىزىملىكى دېگەنگە بەلگە ئۇرۇپ قويسىڭىز بولىدۇ …… :mrgreen:

        Google Chrome 40.0.2188.2Windows 7
    3. ئۇچقۇن 2014-يىلى09-ئاينىڭ08-كۈنى |  3-رەت جاۋاب

      مەنمۇ بىر يىڭى ئۇگەنگۇچى بولغاچقا رەسىمدىكى تىزىملىك ئاستىدىكى تىزىملىكلەرنى چىقىرالمىدىم، ئاق بەتلا كۆرۇنۇپ تۇرىۋالدى، تەپسىلىرەك سۆزلەپ بەرسىڭىز قانداق؟

      Google Chrome 31.0.1650.63Windows 7
    4. ئىسيانكار 2014-يىلى07-ئاينىڭ25-كۈنى |  4-رەت جاۋاب

      مەن مۇ شۇيەردىن تاللىغان بولمىسا باش بەتتە ئوتتۇردا چىققان بىلەن تىمىنىڭ ئىچىگە كىرگەندە ئوڭ تەرەپكە يۈرۈشۈپ كىتىدىكەن

      Internet Explorer 10.0Windows 8
    5. ئىسيانكار 2014-يىلى07-ئاينىڭ24-كۈنى |  5-رەت جاۋاب

      ئاخىرى يوللۇنۇپتۇ
      مەندە كود چۈشەنچىسى يوق لىكىن بىرۋاقىتلاردا بلوگ بۇس تا ئىچكى كودلارنى ھەپىلىشىپ يۈرۈپ ئۆزەم ياقتۇرىدىغان ھالەتكە ئەكەلگەندەك قىلغان ، چۈشەنچە بەرسىڭىز سىناپ باقسام
      رەسىمنى ئوتتۇرغا توغرىلاپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن باسامدىمەن كۆرۈنمىلىك ھالەتتە ئوتتۇرغا توغرىلاش دىگەن سىن بەلگىنى
      بولاس كود ئارقىلىق ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى يوللاپ قويىڭە
      سوئاللىرىمغا بەك ئەتراپلىق جاۋاب بىرىپسىز رەھمەت سىزگە

      Internet Explorer 10.0Windows 8
      • مۇئەللىم 2014-يىلى07-ئاينىڭ24-كۈنى |  1-قاتار جاۋاب

        بۇ رەسىمگە قاراڭ …..245.jpg

        Google Chrome 36.0.1985.125Windows 8.1
    6. ئىسيانكار 2014-يىلى07-ئاينىڭ24-كۈنى |  6-رەت جاۋاب

      مەن بۇ ئۇسلۇبنى ئىشلەتمەكچىدىم
      1- يان سىتوننى سول تەرەپكە تەڭشەشكە بولامدۇ ؟ بولسا قانداق تەڭشەيمەن
      2- يازمىغا رەسىم قىستۇرسام باش بەتتە ئوتتۇغا توغرىلانغان ھالەتتە چىقىدىكەن، يازمىنى ئىچىگە كىرگەندە ئوڭ تەرەپكە يۈرۈشىۋالىدىكەن ، مۇشۇنى يازما ئىچىدە بولسىمۇ ئوتتۇردا چىقىدىغانغا قانداق تەڭشەيمەن .
      3- يازمىنىڭ مەزمۇنلىرى باش بەتتە تۆت قۇر ئەتراپىدا كۆرىنىدىكەن ، بۇ سەل كۆپتەك بىلىندى بۇنى قانداق تەڭشىۋالىمەن .
      4- ئۇسلۇبنى تەڭشەيمەن دەپ باشقۇرۇش سۇپىسىغا كىرىدىغان تىزىملىكنى ئۆچۈرۋېتىپ سەپتىمەن ، يەنە قايسى خىل ئۇسۇلدا باشقۇرۇش بېتىگە ئۆتەلەيمەن .

      جاۋاب كۈتۈپ …….

      Internet Explorer 8.0Windows XP
      • مۇئەللىم 2014-يىلى07-ئاينىڭ24-كۈنى |  1-قاتار جاۋاب

        سىز سورىغان مەسلىلەرنىڭ جاۋابى :
        1.يان سېتوننى ئوڭغا ياكى سولغا يۆتكەشكە تامامەن بولىدۇ ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇسلۇبنىڭ قۇرۇلما ھۆججىتى بولغان style ئىچىدىكى مۇناسىۋەتلىك كودلارنى ئۆزگەرتىشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ . بەلگىلىك كود چۈشەنچىڭىز بارمۇ ؟
        2.يازما ئىچىدە رەسىم قىستۇرغاندا ، رەسىمنى ئوتتۇرغا توغۇرلاڭ ، كۆرۈنمىلىك ھالەتتە ئوتتۇرغا توغۇرلاش سىنبەلگىسى ئارقىلىق توغۇرلاش ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ .
        3.ئەڭ ئاددى ھەل قىلىش ئۇسۇلى . مۇئەللىم بىلوگىدا ئۈزۈندە قىستۇرمىسى دەپ بىر قىستۇرما بولىدىغان ، ئۇيغۇرچە ، سىز بەلگىلەپ بەرگەن دائىرىدە كۆرسىتىپ بېرىدۇ . كود ئارقىلىق ھەل قىلاتتىم دېسىڭىز ئۇنىمۇ يوللاپ قوياي .
        ئارقا بەت -كۆرۈنۈش-كىچىك قوراللار …..بۇ يەردىن «تىزىملىك»دېگەن كىچىك قورالنى باش بەت يانبالدىقىغا سۆرەپ ئەكەلسىڭىز ، كەينى بەتكە كىرىش تىزىملىكىنى چىقىرالايسىز ياكى تور بەت نامىڭىزنىڭ ئاخىرىغا يانتۇ سىزىق قويۇپ ، wp-admin نى قوشۇپ كىرەلەيسىز …….

        Google Chrome 36.0.1985.125Windows 8.1
    7. ئىسيانكار 2014-يىلى07-ئاينىڭ24-كۈنى |  7-رەت جاۋاب

      بەك كۆركەم ئۇسلۇبكەن

      Internet Explorer 8.0Windows XP
    8. مۇئەللىم 2014-يىلى07-ئاينىڭ24-كۈنى |  8-رەت جاۋاب

      باھا يوللىغىلى بولماسلىق مەسىلىسىنى ئاخىرى ھەل قىلىۋالدىم ……

      Google Chrome 36.0.1985.125Windows 8.1

    بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل !