ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، قەدىرلىك ئوقۇرمەن ، خۇش كەپسىز !
بۇ قېتىم ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان ئۇسلۇب بولسا ، دۆلەت ئىچىدە كۆزگە كۆرۈنگەن WordPress ئۇستىسى robin نىڭ 8-ئاينىڭ 1-كۈنى ئېلان قىلغان ، نۆۋەتتە مودا بولىۋاتقان WordPress ماسلىشىشچان بىلوگ ئۇسلۇبلىرىدىن Ality .
بۇ ئۇسلۇب كۆرۈنمە يۈز جەھەتتىن بۇرۇنقى ئۇسلۇبىرىغا ئوخشاش ئاددى رەڭلەرنى ئاساس قىلغان ، ئاددى ۋە ئازادە تۇيغۇ بېرىدىغان ، ئىقتىدارى جەھەتتىن كۆپلىگەن كىچىك قورال ۋە تەڭشەك تاللاشلىرىنى ۋە ئايرىم بەتلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن ئۇسۇبتۇر ....
مەن ئۇسلۇبنىڭ ئەسلى كۆرۈنمە يۈزىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا ، قىسمەن جەھەتتە رەڭلەرنى ئۆزۈمنىڭ گۈزەللىك تۇيغۇسى بويىچە تەڭشەپ چىقتىم ، بەت يۈزىگە قارىتا قىسمەن ئۆزگەرتىشلەرنى قوشتۇم . بۇنى ئەسلى ئۇسلۇب بىلەن سىلىشتۇرۇش ئارقىلىق تېپىپ چىقالايسىز .....
ئۇسلۇبنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىقتىدارلىرىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ : كۆرۈپ باقايچۇ
ئۇسلۇب كۆرۈنۈشلىرى
ئۇسلۇب ئەسلى مەنبەدە ھەقسىز تارقىتىلغان بولسىمۇ ، ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئاز بولمىغان ئەجىرلەر سېڭدۈرۈلدى ، ئۇنىڭىدىن باشقا ، بۇرۇنقى ھەقسىز تارقىتىلغان ئۇسلۇبلار ئۈچۈنمۇ بىر قىسىم ياردەم سورىغۇچىلارغا خالىس ياردەملەرنى بېرىپ كېلىۋاتىمەن . بۇ گەرچە ياردەم سورىغۇچىلارنىڭ نەزىرىدە مەن ئۈچۈن كىچىك ئىشتەك بىلىنگىنى بىلەن ، يەنىلا زېھىن ۋە ۋاقىت سەرىپ بولىدىكەن ، ياردەم قىلماي دېسەم ئۆزۈمنى چوڭ تۇتىۋالغان قارالدىم ، سورىغان سۇئالىغا جاۋاب قايتۇرماي دېسەم ، ئەدەبسىزلىك قىلغان ياكى كۆزگە ئىلمىغان ھېسابلىنىمەن . ھەم نۆۋەتتىكى ئەھۋالىم ئۆتكەن يىلدىكىگە ئوخشىمايدۇ ، نېمە ئۈچۈنلىكى «بۇ يازمىدا» بايان قىلىندى ....
يۇقارقى بىر قاتار سەۋەبلەر تۈپەيلى ، ئۇسلۇب ئىشلەتكۈچىلەرنىمۇ رازى قىلىش مەقسىتىدە بۇ ئۇسلۇبنى ھەقلىق تارقىتىشنى ئويلىدىم .
ئەسكەرتىش
ئۇسلۇب باھاسى :150يۇەن خەلق پۇلى
ئالاقىلىشىش : تېلېفۇن نۇمۇر-13899164638 | كوت-كوت نۇمۇرۇم - 1302698656
ئۇسلۇب سېتىۋالماقچى بولسىڭىز يۇقارقى ئالاقىلىشىش قوراللىرى ئارقىلىق مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇسلۇب سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ .
كورۈش مەنزىلىڭىز : مۇئەللىم بىلوگى
قوشۇمچە : ئۇسلۇبقا پىكىرخانا بېتى قوشۇلدى ، بېكەت ئۇچۇرلىرى كىچىك قورالى قېتىلدى ، بەت يۈزى بۇرۇنقىدىن كۆركەملەشتۈرۈلدى ، ھەمبەھىرلەش ، بىلوگ ئارقا بېتى گوگىلى يېزىق ئۇلانمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قاتارلىق ئىقتىدارلار قوشۇلدى ، شۇڭلاشقا ئۇسلۇب باھاسىمۇ ماس ھالدا ئۆرلىدى .....
2015-يىلى 08-ئاينىڭ 05-كۈنى 1:45 چۈشتىن كېيىن تەخىت
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇ ئۇسلۇپتا فىلىم بەھىرلەپ قويغىلى بولامدۇ بىۋاستە
2015-يىلى 08-ئاينىڭ 05-كۈنى 2:48 چۈشتىن كېيىن 1-قاتار
@ئۇچقۇنى http://www.quzam.cn/ بۇ تور بېكەتنى كۆرۈپ بېقىڭ …
2015-يىلى 07-ئاينىڭ 17-كۈنى 11:03 چۈشتىن كېيىن ئورۇندۇق
تور بەت دۇنياسىغا قەدەم قويغاندىن بۇيانقى ئەڭ ئىشەنچىلىك ئەڭ سەۋرچان ۋە ئىلمى ، كامالەتكە يەتكۈزۈپ قىلىدىغان ئۇستازغا مانا بۈگۈن ئۇلاشتىم ئۇ بولسىمۇ مۇئەللىم يەنى دەل مۇشۇ بىلوگنىڭ قۇرۇغۇچىسى . رەھمەت سىزگە ئۇستاز ، قانداق رەھمەت ئېيتىشنى بىلمەي ئاخىرى بىلوگىڭىزغا ئىنكاس شەكلىدە يازدىم يۈرەك سۈزۈمنى . يەنە بىر قېتىم رەھمەت
2015-يىلى 07-ئاينىڭ 22-كۈنى 9:45 چۈشتىن كېيىن 1-قاتار
@ئابلەت @ئابلەت ئەمما بەك ماختاپ قويۇپسىز ، بۇ ماختاشلارغا ئەسلا لايىق ئەمەسمەن . ئالغان ھەققىمگە لايىق ئىش قىلدىم شۇ ….
2015-يىلى 03-ئاينىڭ 11-كۈنى 2:47 چۈشتىن بۇرۇن پەگاھ
Bu uslup harkaysi tor korguqlarga maslaxturulganmu siz nig azirki uslubigiz IE da nurmal kvrunmaydikan agar har jawatta mukammal bolsa man setiwelip bilog kuray digan
2015-يىلى 03-ئاينىڭ 11-كۈنى 8:53 چۈشتىن كېيىن 1-قاتار
@Kapsiz @Kapsiz Ality ئۇسلۇبى ھەر قايسى تور كۆرگۈلەرگە ماسلاشتۇرۇلغان ، ئەگەر ئالدىن كۆرۈپ بېقىش ئويىڭىز بولسا ، مەھدى بىلوگى بىلەن ئۇيغۇرۇم بىلوگىنى تور كۆرگۈلەردە كۆرۈپ ، سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ ، كۆڭۈل توختىغاندا ئاندىن قالدى ئىشلارنى دېيىشىشكىمۇ قولاي ….
2014-يىلى 11-ئاينىڭ 08-كۈنى 12:47 چۈشتىن كېيىن 4-قەۋەت
چىرايلىق ئۇسلۇبلار بارغانسېرى كۆپىيىپ كېتىپ بارىدا ئادەمنىڭ ئىچىگە ئوت قويۇپ
2014-يىلى 08-ئاينىڭ 06-كۈنى 2:29 چۈشتىن كېيىن 5-قەۋەت
بۇ ئۇسلۇبنىڭ پەچەتلىكىدە گەپ يوق .
2014-يىلى 08-ئاينىڭ 06-كۈنى 2:56 چۈشتىن كېيىن 1-قاتار
@بىلىكئال كود ئارقىلىق تۈزەيدىغان جايلار بولسا تارتىنماڭلا ،
سىيرىلداقتىن بىرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىڭلا ئەمدى ، ئىككى كۈنگىچە تورغا چىقالمايمەن ….
2014-يىلى 08-ئاينىڭ 06-كۈنى 12:01 چۈشتىن كېيىن 6-قەۋەت
مەن بۇ بلوگدىكى پارولۇمنى قايتۇرالمايمەنيا؟؟
ئېلخەت كەلدى لىكىن بۇ ئاچقۇچ ئىناۋەتسىز دەيدۇ پارولۇمنڭ بى ئۆزگەرتىپ بېرىڭە
مەنمۇ ئۇسلۇب يوللاپ قوياي
2015-يىلى 04-ئاينىڭ 07-كۈنى 5:25 چۈشتىن كېيىن 1-قاتار
@ئۇيغۇرجان @ئۇيغۇرجان ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇيغۇرجان سىز ئىشلىتىۋاتقان ئۇسلۇبنى تاپقىلى بۇلامۇ ياكى ھەقلق تەمىنلەپ بىرەلەمسىز
2015-يىلى 04-ئاينىڭ 07-كۈنى 8:36 چۈشتىن كېيىن 2-قاتار
@مىھمان @مىھمان ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ، بەلكىم ئۇيغۇرجان بۇ باھايىڭىزنى كۆرمەسلىكى ياكى ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرالماسلىقى مۇمكىن ، ئەگەر ئۆزى بىلەن ئالاقە قىلىش ئويىڭىز بولسا ، http://www.uyghurjan.com/ بۇ بېكەتكە كېرىپ ، ئالاقە نۇمۇرى بولسا ، ئالاقىلىشىپ بېقىڭ …مۇنۇ يازمىدىكى ئۇسلۇب لازىم بولسا ، مەن بىلەن بىۋاستە ئالاقىلىشىڭ …
2014-يىلى 08-ئاينىڭ 06-كۈنى 10:11 چۈشتىن بۇرۇن 7-قەۋەت
مۇئەللىممۇ ھازىرقى مودىغا ئەگىشىپ ياپلاق لايھىگە كۆچۋاپتۇدە ياخشى چىقىپتۇ
2014-يىلى 08-ئاينىڭ 06-كۈنى 10:35 چۈشتىن بۇرۇن 1-قاتار
@ئۇيغۇرجان قىرىپ قالغان بولساممۇ ، مودىدىن قالسام بولماس ….
2015-يىلى 01-ئاينىڭ 01-كۈنى 4:50 چۈشتىن كېيىن 2-قاتار
@مۇئەللىم @مۇئەللىم مۇلەللىم قېرىغان بولسىمۇ ناھايتى شۇشەن قېرىغان ئادەم ئامما ھە!