باشقىلارنىڭ تۇرار جايىغا قانۇنسىز بېسىپ كىرىش جىنايىتى

ئېلانلىرىمىز سەرخىل

بۇ - باشقىلارنىڭ تۇرار جايىغا قانۇنسىز بېسىپ كىرگەن قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.1. ئوبيېكتى - پۇقرالارنىڭ تۇرار جاي دەخلىسىزلىك ھوقۇقى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى باشقىلارنىڭ تۇرار جايىغا قانۇنسىز بېسىپ كىرگەن قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 245 - ماددا باشقىلارنىڭ يېنىنى، تۇرار جايىنى قانۇنسىز ئاختۇرغانلرغا ياكى باشقىلارنىڭ تۇرار جايىغا قانۇنسىز بېسىپ كىرگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ. ئەدلىيە خادىملىرىدىن خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىپ، ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.

مىللىي ئۆچمەنلىككە ۋە مىللىي كەمسىتىشكە قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى

بۇ - مىللىي ئۆچمەنلىككە ۋە مىللىي كەمسىتىشكە قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - مۇرەككەپ ئوبيېكتىپ بولىدۇ، يەنى ھەم مىللىي باراۋەرلىك ھوقۇقى، ھەم زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئاز سانلىق مىللەت پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى يېزىق، تىل ۋە باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، مىللىي كەمسىتىشنى تەشۋىق قىلىپ يامان ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېغىر قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 249 - ماددا مىللىي ئۆچمەنلىككە ۋە مىللىي كەمسىتىشكە قۇتراتقۇلۇق قىلغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ <ئىنتېرنېت تورى بىخەتەرلىكىگە ئائىت قارارى> (2000 - يىل 12 - ئاينىڭ 28 - كۈنى) 2. دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئۈچۈن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ جىنايەت سادىر قىلغانلار جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ:3.ئىنتېرنېت تورىدىن پايدىلىنىپ مىللىي ئۆچمەنلىككە، مىللىي كەمسىتىشكە قۇتراتقۇلۇق قىلىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقىلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار.

ئېلانلىرىمىز سەرخىل

پۇل تۆلەش شەكلى

ئۈندىدار ھەمىيانى ئىككىلىك كودى ئارقىلىق قوللاش

    ئاپتور « مۇئەللىم» ھەققىدە

    مۇئەللىم
  • بىلوگچىلىققا بولغان قىزىقىشىم تۈپەيلى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىمنىڭ نامىغا ماس ھالدا «مۇئەللىم بىلوگى»نى قۇرۋالدىم . مېنى نۇرغۇنلىغان بىلوگ ۋە مۇنبەرلەردە «مۇئەللىم»ياكى «ئىقبال»نامىدا ئۇچىرىتالايسىز . بۇ بىلوگ مېنىڭ شەخسى دۇنيارىم ، بۇ يەردە ۋوردپرېس توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرىمدىن ، كەچمىشلىرىمنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن يازغان شېئىر ۋە يازمىلىرىمدىن ، كەسىپىمگە ئائىت ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولالايسىز ......

  • يازما ئۇچۇرلىرى

ئېلانلىرىمىز سەرخىل

نۆۋەتتە :1   باھا بار ؛ بۇنىڭ ئىچىدە زىيارەتچى قالدۇرغىنى   1   پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى   0 پارچە

  1. قىساسكار 0

    باشقىلارنىڭ تۇرار جايىغا قانۇنسىز بېسىپ كىرىش جىنايىتى

    مەن بۇ تېمىنى ئوقۇپ مەن ئۆزەمنىڭ قايەرگە بېرىپ كىمگە ئەرز قىلىشىمنىمۇ بىلمىدىم. نېمە ئۈچۈن دىسىڭىز. مەن بۇندىن 63 يىل بۇرۇن بىرسىنى ئۆيگە تەكلىم قىلىپ مېھمان قىلدىم، ئۇنىڭ تۇرار جايى بولمىغاچ ئۆيۈمدە تۇرغۇزدۇم. كېيىن ئۇ مېنىڭ ئۈيۈمنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالدى، تېرىۋاتقان يەرلىرىمنىمۇ تارتىۋالدى، ئۇنىڭ بىلەنلا بولدى قىلماستىن يۇرتۇمدىن قوغلاپ چىقىرىپ باشقا يۇرتقا سۈرگۈن قىلدى. ئەمما دەردىمنى ئاڭلايدىغان ھازىرغا كىلگىچە بىرەر سوت مەيداننى تاپالمىدىم، چۈنكى مېنىڭ ئەرزىمنى تۇتقان سوتچىلارمۇ پارا يەپكەتكەنلىكى ئۈچۈن داۋادا يېڭىلدىم، ئەمما بەل قۇيىۋەتمىدىم، ئىزدەندىم، ئۈمۈدۈمنى ئۈزمىدىم. ھامان بىر كۈنى ئۆز ماكانىمنى قايتۇرۋېلىشىمغا ئىشەنچىم كامىل. :cry:

باھا يوللىنىۋاتىدۇ ......

بىر باھا بىر كۆڭۈل !

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen: