ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بىلوگداشلىرىم ، دوسىتلىرىم ، قىرىنداشلىرىم ، روزا ھېتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن ، روزا ھېيتىڭلارنىڭ كۆڭۈللۈك ، خۇشال-خورام ئۆتىشىنى تىلەش بىلەن بىرگە ، بىلوگنى پەتىلەش نېيتىگە كېلىپ قالساڭلار ، سىلەرگە كۈلكە ئاتا قىلسۇن دېگەن ئۈمىدتە تۆۋەندىكى بىر نەچچە يۇمۇرنى سۇنماقچىمەن .
مۇشىتلىشىپ باققانمۇ ؟!
كومىسسيە: ئوقۇش تارىخىڭ؟
ئوقۇغۇچى: باشلانغۇچنى تېخى پۈتتۈرمىگەن.
كومىسسيە:مۇشتلىشىپ باققانمۇ؟
ئوقۇغۇچى:داۋاملىق مۇشتلىشىپ تۇرىمەن.
كومىسسيە:دېلو سادىر قىلىپ باققانمۇ؟
ئوقۇغۇچى:تۈرمىدىن ئەمدى چىقتىم.
كومىسسيە:كۈچۈڭ قانچىلىك؟
ئوقۇغۇچى:ئىشقىلىپ بولىدۇ، بازاردىكى تىجارەتچىلەرنىڭ ئۈچ چاقلىق ھارۋىسىنى بىر تېپىپلا ئۆرىۋىتىمەن.
كومىسسيە:باشقىلارنىڭ نەرسىسىسنى ئېلىۋالالىغۇدەك جۈرئىتىڭ بارمۇ؟
ئوقۇغۇچى:ئۇ دېگەن مېنىڭ ئارتۇقچىلىقىم تۇرسا، ئۆزەمنىڭكىنى ئالغاندەك ئېلىۋىرىمەن.
كومىسسيە:چوڭلارنىمۇ ئۇرالامسەن؟
ئوقۇغۇچى: بۇ كىچىك ئىش، دادامنىمۇ مەن ئۇرۇپ مېيىپ قىلىپ قويغان.
كومىسسيە:سەن ئىمتىھاندىن ئۆتتۈڭ، بىزنىڭ شەھەر باشقۇرۇش مەمۇرىيىتىگە دەل سەندەك ئىختىساس ئىگىلىرى لازىم.
كومىسسىيە:يەنە بىر مەسىلە سوراپ باقاي، مەسىلە كۆرۈلسە قالسا قانداق قىلىسەن؟
ئوقۇغۇچى:ئۆزەمنى ۋاقىتلىق ئىشچى دەيمەن.
كومىسسىيە:ئەمسە بۈگۈن كەچتىلا ئىشقا چىق .
1..ئەسكەر روتا كوماندىرىدىن سوراپتۇ؟
-ئەگەر ئۇرۇشتا مىنىاغا دەسسىۋالساق قانداق قىلىمىز ؟
روتا كوماندىرى؛
- قانداق قىلاتتىڭ ئەسلى باھاسى بويىچە تۆلەيسەن !
2.زىراپە مايمۇن بىلەن توي قىلىپ بىر يىلدىن كىيىن ئاجىرىشىپ كىتىپتۇ.
-مەن بۇنداق شاختا سەكرەپ تاقلاپ يۇرۇيدىغان ئەردىن بىزار.
مايمۇن ئاچچىقلىنىپ؛
مەنمۇ بۇنداق دەرەخكە يامىشىپ چىقىپ سۆيۈشتىن بىزار .
3.ئۈچ ياشقا كىرگەن بىر ئوغۇل بالا تەڭ قوراملىق بىر قىزچاقنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ سىزنى ياخشى كۆرىمەن دەپتۇ.
قىزچاق؛
سىز مىنىڭ كەلگۈسىمگە ئىگە بولالامسىز ؟
ئوغۇل؛
خاتىرجەم بولۇڭ بىز يا ئىككى ياشلىق بالا بولمىساق.
4. ئىككى كالا ئوت يەۋىتىپ بىرى سوراپتۇ؟
يىقىندىن بىرى ساراڭ كالا كىسەللىكى تارقىلىپتۇ.سىزگە يۇقۇپ قالماس ھە؟
يەنە بىرى دەپتۇ؛
-خاتىرجەم بول بىز دىگەن كىنگورو تۇرساق .
5. دەختۇر ؛
سىزگە رىتسىپ يىزىپ بىرەي دىسەم قەلىمىم كۆرۇنمەيدا؟
بىمار؛
بايا مىنىڭ قولتۇقۇمغا قىستۇرۇپ قويدىڭىزغۇ؟
2012-يىلى 08-ئاينىڭ 22-كۈنى 12:03 چۈشتىن كېيىن تەخىت
روزا ھىيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن ، شۇنداق قاراپ تۇرسام غىرىبانە كەپەمگە بىر ھىيتىلاپ كىلەي دىمەيلىغۇ ؟ مەن مەيلى دەپ ئىككىنجى قېتىم چىقىشم .
2012-يىلى 08-ئاينىڭ 20-كۈنى 6:20 چۈشتىن كېيىن ئورۇندۇق
ئالتۇن تاختىغا ئويۇپ دۆلەت مىھمانلىرىغا سوغا قىلغۇدەك تىمىكەن.’
2012-يىلى 08-ئاينىڭ 20-كۈنى 1:24 چۈشتىن كېيىن پەگاھ
رۇزى ھىيتڭىزغا مۇبارەك بولسۇن ، بىز تەرەپلەرگىمۇ كلىپ پەتىلىپ كىتەرسىز .
2012-يىلى 08-ئاينىڭ 20-كۈنى 2:23 چۈشتىن بۇرۇن 4-قەۋەت
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىز قېرىنداشىم! ئۇلۇغ روزى ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن. تېنىڭىزنىڭ سالامەت، ئىشلىرىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق، كۈنلىرىڭىزنىڭ خۇشال-خورام ئۆتىشىنى ئۇلۇغ ئاللاھدىن تىلەيمەن. كەمىنە لوپنۇرىنىڭ ئايەملىك سالىمنى قۇبۇل قىلغايسىز! لوپنۇرى بلوگىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ كەلگىنىڭىزگە چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. قالغان سالامنى تۆۋەندىكى ئايەملىك يازمىدىن كۆرگەيسىز!
http://www.lopnuri.com/?p=2324
2012-يىلى 08-ئاينىڭ 20-كۈنى 1:28 چۈشتىن بۇرۇن 5-قەۋەت
ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ، پەتىلەپ كېلىشىم ، ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن !
2012-يىلى 08-ئاينىڭ 20-كۈنى 1:18 چۈشتىن بۇرۇن 6-قەۋەت
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇرادار ، ئۇلۇغ ئايىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن، ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق ، تىنىڭىز سالامەت تۇرمۇشىڭىزشاد-خۇراملىق ئىچىدە ئۆتكەي…..
2012-يىلى 08-ئاينىڭ 20-كۈنى 12:59 چۈشتىن بۇرۇن 7-قەۋەت
بىر كۈنى زورو ئېتىغا مىنىپ كۇچىدا ئايلىنىپ كىتىپ بارسا .ئالدىغا چىرايلىق بىر قىز ئۇچراپتۇ ۋە زوروغا كىچىك بىر باغاقچىنى بىرىپلا كىتىپ قاپتۇ .
زورو باغاقچىنى ئېچىپ ئۇقۇسا مۇنۇ خەتلەر يېزىلغان ئىكەن ،
كەچتە ئۈيدە دادام يوق ئۈيۈمگە كەلسىڭىز … دىگەن خەتلەر يېزىلغان ئىكەن .
زورو خۇشاللىقىدىن قايتىپ تەييارلىق قىلىپ كەچ كىرگەندە قىزنىڭ ئۈيىنىڭ ئالدىغا كەپتۇ ۋە ئېتىغا مۇنداق دەپتۇ .
بۇ قىزنىڭ ئۈيى 3 – قەۋەتتە ئىكەن مەن ھازىر چىقىپ بۇ قىز بىلەن كۈرىشىمەن . ئەگەر قىزنىڭ دادىسى كىلىپ قالسا مەن دەرىزە ئالدىغاكىلىپ بىرنى ئىسقىرتىمەن سەنمۇ دەرھال دەرىزە ئالدىغا كىلىسەن . مەن دەرىزىدىن سەكرەيمەندە سىنى مىنىپ قاچىمەن چۈشەندىڭمۇ دەپتۇ ،
زورونىڭ ئېتى بولسا چۈشەندىم دىگەن مەنادا بېشىنى لىڭشىتىپ قاپتۇ .
زورو قىزنىڭ ئۈيىگە كىرىپ ئولتۇرۇپ قىز بىلەن شۇنداق ياخشى پاراڭلىشىۋاتسا تۇيۇقسىز ئىشىك چىكىلىپتۇ . قىز ھۇدۇققىنىدىن چاپسان بۇلۇڭ دادام كەلگەن ئوخشايدۇ تىز قېچىڭ دەپتۇ ، زورو بولسا ئېتى بىلەن دىيىشىۋالغىنى بۇيىچە دەرھال بىرنى ئىسقىرتىپتۇ دە دەرىزىدىن سەكرىگىنىچە چۈشۈپ كىتىپتۇ ، قىز يۈگۈرۈپ بېرىپ ئىشىكنى ئېچىپتۇ شۇنداق قارۇغىدەك بولسا ئىشىك ئالدىدا زورونىڭ ئېتى تۇرغۇدەك .
قىز نىمە بولغىنىنى ئاڭقىرالماي تۇرسا ئات زۇۋانغا كىلىپ قىزغا دەپتۇ .
خاپا بولماي زوروغا دەپ قويسىڭىز سىرتتا قاتتىق يامغۇر يېغىپ كەتتى مەن ئۇنى كارىدوردا ساقلاپ تۇرسام ،
2012-يىلى 08-ئاينىڭ 19-كۈنى 10:53 چۈشتىن كېيىن 8-قەۋەت
ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!يولداش مۇئەللىم!
2012-يىلى 08-ئاينىڭ 19-كۈنى 10:35 چۈشتىن كېيىن 9-قەۋەت
روزا ھىيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن ،
2012-يىلى 08-ئاينىڭ 19-كۈنى 8:50 چۈشتىن كېيىن 10-قەۋەت
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، كەمىنە ئۇيغۇربەگ پرېستاننىڭ ئىزگۈ تىلەكلىرىنى ئالغاچ كەلگەچ ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى، پرېستان بلوگى، ئۇيغۇربەگنىڭ كەپىسى، بلوگىمىز فىلىم قانىلى، WordPress ئۇيغۇر مۇنبىرى( بلوگداش ئۇيغۇر بلوگ مۇنبىرى)، سازبلوگلار جەمگاھى قاتارلىق بلوگ-بېكەتلەرنىڭ تۇغلىرىنى لەپىلدىتىپ ھېيتلىق پەتىگە كەلدىم، بلوگىڭىز كۈنسىرى روناق تاپسۇن، ئالتۇن بۇيىڭىز ئامان بولسۇن، ئىشلىرىڭىز ئالغا باسسۇن.
2012-يىلى 08-ئاينىڭ 19-كۈنى 12:39 چۈشتىن كېيىن 11-قەۋەت
قانغۇچە بىر كۈلۈپتىمەن دېسە! ياخشى سوۋغا بوپتۇ بۇ…
2012-يىلى 08-ئاينىڭ 19-كۈنى 12:13 چۈشتىن كېيىن 12-قەۋەت
ئايەم مۇبارەك ! سەھرالىق پەتىگە كەلدى!