ئەڭ قىممەتلىك نەرسە

ئېلانلىرىمىز سەرخىل

مەرھابا ، ئەزىز دوستۇم ! مۇئەللىم بىلوگىغا باسقان قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
بىر ئادەم پۈتۈن ئەس-يادى بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسىنى تېپىشنى ئويلايدىكەن. ئۇ ئاخىرى قىممەتلىك نەرسىنى تېپىش ئۈچۈن ئاتلىنىپتۇ. ئۇ ئالدىغا ئۇچرىغانلىكى ئادەمدىن:
-دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسە نېمە؟- دەپ سورايدىكەن.
بۇ سۇئالغا ئۇ ئادەم ھەرخىل جاۋاپقا ئېرىشىپتۇ:
- بىرى ئالتۇن دېسە، يەنى بىرى پۇل، باشقا بىرى ھوقۇق، ئالماس، بىلىم .... -دېيىشىپ ھەر كىم ئۆزى بىلگىنىچە جاۋاپ بىرىپتۇ.
بۇ ئادەم ئۇزۇن يىل جاھان كېزىپ دۇنيادا زادى نېمىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي قېرىپ كېتىپتۇ. ئامالسىز ھەممىدىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ غەمكىن ھالدا يۇرتىغا قايتىپتۇ.
قىشنىڭ سوغۇق قار ياغقان بىر ئاخشىمى ئۇ ئاخىرى ئۆيگە كەپتۇ. ئۆينىڭ دېرىزىسىدىن غۇۋا چىراغ يورۇقى كۆرۈپتۇ. يېقىن كېلىپ دېرىزىدىن قارىسا، ئۆيدىكىلىرى ئىسسىق كاڭنىڭ چۆرىسىدە يۇمۇلاق بولۇپ چۆرىدەپ ئولتۇرغۇدەك، ئۇنىڭغا كۆرپە ئۈستىدىن بوش ئورۇن قالدۇرۇپ قويۇلغانىكەن. جوزا ئۈستىدىكى لىگەندە ھورى چىقىپ تۇرغان تائاممۇ تۇرغۇدەك. بالا-چاقىلىرى ئۇنىڭ تىنىچ- ئامانلىقىنى تىلەپ، ئەنسىرەش ئىچىدە پاراڭ قىلۋاتقۇدەك...
بۇنى كۆرۈپ ئۇ ئادەمنىڭ كۆزلىردىن ئىسسىق ياشلار بۇلدۇقلاپ ئېتىلىپ چىقىپ تۆكۈلۈشكە باشلاپتۇ. ئاھ، ئەسلىدە ئەڭ قىممەتلىك نەرسە ئۆزەمنىڭ مۇشۇ ئائىلىسىكەن ئەمەسمۇ؟!-دەپتۇ.
شۇنداق، ئەنە شۇ ئائىلىمىزدىكى بىز ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتاۋاتقان سۆيۈملۈك ھەمراھىمىز، بالا- چاقىلىرىمىز، قېرىنداش، ئۇرۇق- تۇغقانلىرىمىز، دوست - يارەنلىرىمىز بىز ئۈچۈن بىر ئۆمۈر قەدىرلىنىشكە تېگىشلىك قىممەتلىك كىشىلىرىمىزدۇر. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىزنىڭ قەدىرلىشىمىزگە ئەرزىيدىغان بۇيۇملار بىز ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك نەرسىلىرىمىزدۇر. بۇ قىممەت ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ پۇل باھاسى بىلەن ئەمەس، بەلكى قەلبتىكى باھاسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.

قوللاش شەكلى

تاۋباۋ چىقىمدانى ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇڭ

ئۈندېدار ھەميانى ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇڭ

    ئاپتور « مۇئەللىم» ھەققىدە

    مۇئەللىم
  • بىلوگچىلىققا بولغان قىزىقىشىم تۈپەيلى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىمنىڭ نامىغا ماس ھالدا «مۇئەللىم بىلوگى»نى قۇرۋالدىم . مېنى نۇرغۇنلىغان بىلوگ ۋە مۇنبەرلەردە «مۇئەللىم»ياكى «ئىقبال»نامىدا ئۇچىرىتالايسىز . بۇ بىلوگ مېنىڭ شەخسى دۇنيارىم ، بۇ يەردە ۋوردپرېس توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرىمدىن ، كەچمىشلىرىمنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن يازغان شېئىر ۋە يازمىلىرىمدىن ، كەسىپىمگە ئائىت ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولالايسىز ......

  • يازما ئۇچۇرلىرى

ئېلانلىرىمىز سەرخىل

بىر باھا بىر كۆڭۈل !

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen: