بىر سىلىتسىيە گىرادۇسلۇق ئىسسق

ئېلانلىرىمىز سەرخىل

ئۇ يىلى قىشتا ئۇنىڭ سودىسى مەغلوپ بۇلۇپ ئېغىر زىيان تارتتى . ئۇلار ئامالسىز ھەشەمەتلىك ئىللىق ئۆيىدىن شەھەر سىرتىدىكى بىر ئاددىي ئۆيگە كۆچۈپ كەلدى . كۈندۈزى ئۇ سىرتتا ئالدىراش ئىشلەيتتى، چۈش بولغىچە ئايالىغا بىرەر قىتىم تىلىفون قىلغۇدەكمۇ ۋاقتى يوق ئىدى . ئايالى ئۇنى كەلگۈسىمىز ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ دەپ چۈشىنەتتى، كەچتە كۆپ قىسىم ۋاقتى كومپىيوتىر ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئۇچۇر سۈرۈشتۇرۇش، ماتىرىيال رەتلەش، خىرىدارلار بىلەن تېلىفوندا ئالاقىلىشىش بىلەن ئۆتەتتى، ياكى ئىشى تۈگىسە ئېزىلىپ ئۇخلاپ قالاتتى، ئايالى بىلەن مۇڭداشقۇدەك ۋاقتىمۇ چىقمايتتى، ئايالى ئۇنى چارچاپ كەتتى، كۆپرەك ئارام ئالمىسا بولمايدۇ، دەپ چۈشىنەتتى .
مەيلى قانداق چارچىشىدىن قەتئىينەزەر ئۇ كۈندە يۇيىناتتى، بۇ ئۇنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى يىتىلدۈرگەن ئادىتى ئىدى، بۇ ئۆيدە كىچىككىنە سۇ تۇڭىغا سۇقاچىلاپ يۇيۇنمىسا بۇلمايتتى، ئايالى بۇلارنىڭ ئويلاپ بۇرۇنقى ھەشەمەتلىك ئۆيىنى سېغىنىپ قالدى، بۇرۇنقى كۈنلەرنى ئويلىسا ئۇنىڭ كۆڭلى يېرىم بولاتتى. چۈنكى ئۇ تۇيۇقسىزلا ئېرىنىڭ ئۆزى بىلەن كارى يوق بولۇپ قالغانلىقىنى ئۆزىگە ئانچە كۈيۈنمەيۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ قالغان ئىدى . بۇنى يۇيۇنۇش ئىشىدىنلا بىلىۋالغىلى بۇلاتتى، بۇرۇن ھەشەمەتلىك ئۆيىدىكى ۋاقتىدا ئېرى ھەردائىم ئۇنى بۇرۇن يۇيىنىۋىلىشى ئۈچۈن يول قۇياتتى، بىراق ھازىر دائىم ئۆزى ئالدىدا يۇيۇنىۋالاتتى، ھەر قىتىم ئايالى ئالدىدا يۇيۇناي دىسە يەنىلا مەن ئاۋۋال دەپ پەرۋاسىز كىرىپ كېتەتتى بۈگۈنمۇ ھەم شۇنداق بولدى، ئايالى مونچىدىن چىقىۋاتقان شار-شار سۇ ئاۋازى ئىچىدە ،ئۇ مېنى بۇرۇنقىدەك ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ قالدى، قارىغاندا بىرىنى تىپىۋالغان بولسا كېرەك، دەپ ئويلاپ ئىنتايىن ئازاپلاندى.
ئايالى ئاخىرى بىر كۈنى سەۋەبىنى سورىدى، ئېرى بىرەم تۇرۇپ قالغاندىن كىيىن: مەن سىرتتا ئەتىگەندىن كەچكىچە ئىشلەپ چارچايمەن، تەرلەپ پۈتۈن بەدىنىمدىن سېسىق تەر پۇراپ كىتىدۇ، شۇڭا مەن بالدۇرراق يۇيۇنۇپ، بۇ سىسىق پۇراقلاردىن قۇتىلاي دەيمەن، شۇڭا سىزدىن ئاۋۋال يۇيۇنىمەن،- دىدى.
ئايال بۇ جاۋاپنى ئاڭلاپ ئىنتايىن ئۈمىدسىزلىنىپ كەتتى. ئۆزىنى ھەشەمەتلىك ئۆيىدىن ئايرىلىپ قالماي يەنە ئۆزىنى سۆيىدىغان مىھرىبان ئەردىنمۇ ئايرىلىپ قالغاندەك ھېس قىلىپ كۆڭلى ئىنتايىن يېرىم بولدى .تاكى ھېلىقى كۈنگە قەدەر ئۆزىنى بەخىتسىز ھىس قىلدى .
ئۇ كۈنى ئۇنىڭ يولدىشى ئىشقا كەتتى، ئۇ زىرىكىپ ئولتۇرغاندىن دەپ كومپىيوتىرنى ئىچىپ، تۇيۇقسىزلا يولدىشىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىنى كۆرۈپ قالدى . ئۇقۇغانسىرى كۈڭلى يېرىم بۇلۇپ ئۈكسۈپ يىغلاپ كەتتى . كۈندىلىك خاتىرىدە ئۇ بۇ بىر ئابزاس خەتنى كۈرۈپ قالغان ئىدى .
‹ بۈگۈن ئايالىم مەندىن نىمىشقا ئۇنىڭدىن بۇرۇن يۇيۇنىدىغانلىقىمنى سورىدى، مەن يالغان ئېيتىپ قۇيدۇم، چۈنكى مەن راست گەپ قىلىپ ئۇنىڭ كۈڭلىنى يېرىم قىلىشنى خالىمىدىم، مونچا ئىنتايىن سوغۇق ئىدى ، شۇڭا مەن ئاۋۋال يۇيۇنسام، ھوردىن ئازراق بولسىمۇ ئىسسىپ قالىدۇ دەپ ئويلاپ شۇنداق قىلىمەن، ھور گەرچە ئۇنچە ئىسسىتىپ كىتەلمىسىمۇ لىكىن، مەيلى بىر ياكى ئىككى گىرادوس ئىسسىتسىمۇ مەيلى، مەن ئۇنىڭ مۇشۇنداق سوغۇق كۈنلەردە سوغۇق مۇنچىدا ئاغرىپ قىلىشىنى خالىمايمەن، مەن ئايالىمنىڭ مېنىڭدەك جاپا تارتىشىنى خالىمايمەن، مەن ئاۋۋال يۇيۇنسام مونچىنى بىر گىرادوس بولسىمۇ ئىلىتالايمەن، بۇ مەن تۇرغان سۇغوقتىن ئازراق بولسىمۇ ياخشى....›

قوللاش شەكلى

تاۋباۋ چىقىمدانى ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇڭ

ئۈندېدار ھەميانى ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇڭ

    ئاپتور « مۇئەللىم» ھەققىدە

    مۇئەللىم
  • بىلوگچىلىققا بولغان قىزىقىشىم تۈپەيلى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىمنىڭ نامىغا ماس ھالدا «مۇئەللىم بىلوگى»نى قۇرۋالدىم . مېنى نۇرغۇنلىغان بىلوگ ۋە مۇنبەرلەردە «مۇئەللىم»ياكى «ئىقبال»نامىدا ئۇچىرىتالايسىز . بۇ بىلوگ مېنىڭ شەخسى دۇنيارىم ، بۇ يەردە ۋوردپرېس توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرىمدىن ، كەچمىشلىرىمنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن يازغان شېئىر ۋە يازمىلىرىمدىن ، كەسىپىمگە ئائىت ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولالايسىز ......

  • يازما ئۇچۇرلىرى

ئېلانلىرىمىز سەرخىل

بىر باھا بىر كۆڭۈل !

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen: