ئەڭ قىممەتلىك نەرسە

ئېلانلىرىمىز سەرخىل

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
بۇرۇنقى زاماندا جاھانغا داڭقى كەتكەن بىر دانىشمەن ئۆتكەنىكەن. ئۇ دائىم ياردەم تەلەپ قىلىپ كەلگەن ھاجەتمەنلەرنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىپ بېرىدىكەن. كۈنلەردىن بىر كۈنى بىر ئاكا – ئۇكا ئىككىيلەن ئۇنىڭ ھوزۇرىغا بېرىپتۇ. ئۇ ئۇلارنىڭ كېلىش مەقسىتىنى ئۇققاندىن كېيىن مۇنداق دەپتۇ:
ـــ بوپتۇ، سىلەرنىڭ ھاجىتىڭلاردىن چىقاي، مەندە ئىككى ئەڭگۈشتەر بار، بۇلارنىڭ بىرى بىلەن تۈگىمەس مال – دۇنياغا ئېرىشكىلى بولىدۇ؛ يەنە بىرى بىلەن ئاغرىق – سىلاقتىن نېرى بولۇپ سالامەت ياشىغىلى بولىدۇ. ئەمما، بىرىڭلارغا پەقەت بىرلا ئەڭگۈشتەرنى بېرىشكىلا بولىدۇ. قېنى، قايسىڭلار قايسى ئەڭگۈشتەرنى ئالىسىلەر؟
دانىشمەننىڭ گېپى تۈگىشىگە ئاكىسى: «مەن ئاكا بولغاندىن كېيىن، ئاۋۋال مەن تاللاپ ئېلىۋالاي، ئاندىن قالغىنىنى ئۇكام ئالسۇن.» دەپتۇ. دانىشمەن «ئاكىسىنىڭ گېپىنىڭ ئاساسى بار» دەپ قاراپ، تاللاش ھوقۇقىنى ئاۋۋال ئاكىسىغا بېرىپتۇ.
بۇنىڭدىن ئىنتايىن خوشال بولغان ئاكىسى قىلچە ئىككىلەنمەيلا بايلىق ئەڭگۈشتىرىنى تاللاپ ئېلىۋاپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن ئۇكىسىغا ساغلاملىق ئەڭگۈشتىرى قاپتۇ. ئۇكىسى ساغلاملىق ئەڭگۈشتىرىنى ئالغىنىغا قىلچىمۇ نارازى بولماپتۇ.
شۇنداق قىلىپ بۇ ئىككىسى دانىشمەن بىلەن خوشلىشىپ قايتىپتۇ. كىم بىلسۇن، بايلىق ئەڭگۈشتىرىنى ئالغان ئاكىسى مال – دۇنيا بىلەن راھەت ياشاۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىپتۇ. مال – دۇنياسىمۇ قاپتۇ. ئۇكىسى بولسا ساغلاملىق ئەڭگۈشتىرىنىڭ شاراپىتىدە ساق – سالامەت بولۇپ تىرىشىپ ئىشلەپ بەختلىك ياشاپتۇ. ئەنە شۇنىڭدىن تارتىپ «ساغلاملىق مال – دۇنيادىن ئارتۇقتۇر، ساغلاملىق بىباھادۇر» دېگەن ھېكمەت ئەل ئىچىدە تاراپتۇ.
دېمەك، يۇقىرىقى ھېكايەتتىن شۇنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، ساغلام بولغاندىلا ئاندىن ھەممىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ، ساغلام ھايات ھەقىقىي بەختلىك ھاياتتۇر، ئەكسىچە ساغلام بولماي تۇرۇپ بىر ئۆمۈر يەتكۈدەك مال – دۇنيا بولسىمۇ، گېزى كەلگەندە ھېچنىمىگە ئەرزىمەستۇر.
شۇڭا ئەجدادلىرىمىزمۇ: «تەن ساقلىق ـــ زور بايلىق»، دېگەندەك ھېكمەت دۇردانىلىرىنى قالدۇرۇپ، بىزنى ئەڭ ئالدى بىلەن ھەر ۋاقىت ئۆز ساغلاملىقىمىزنىڭ كۈچلۈك ھىمايىچىسى بولۇشقا چاقىرىق قىلغان.
ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلۈش ـــ ساغلاملىققا كۆڭۈل بۆلۈشتىن باشلىنىدۇ، شۇڭا بىز ساغلاملىقىمىزغا كۆڭۈل بۆلىشىمىز لازىم. جىسمىمىز ھەم مەنىۋىيىتىمىز ساغلام بولغاندىلا ئاندىن ھەقىقىي ساغلام بولغان بولىمىز

قوللاش شەكلى

تاۋباۋ چىقىمدانى ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇڭ

ئۈندېدار ھەميانى ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇڭ

    ئاپتور « مۇئەللىم» ھەققىدە

    مۇئەللىم
  • بىلوگچىلىققا بولغان قىزىقىشىم تۈپەيلى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىمنىڭ نامىغا ماس ھالدا «مۇئەللىم بىلوگى»نى قۇرۋالدىم . مېنى نۇرغۇنلىغان بىلوگ ۋە مۇنبەرلەردە «مۇئەللىم»ياكى «ئىقبال»نامىدا ئۇچىرىتالايسىز . بۇ بىلوگ مېنىڭ شەخسى دۇنيارىم ، بۇ يەردە ۋوردپرېس توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرىمدىن ، كەچمىشلىرىمنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن يازغان شېئىر ۋە يازمىلىرىمدىن ، كەسىپىمگە ئائىت ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولالايسىز ......

  • يازما ئۇچۇرلىرى

ئېلانلىرىمىز سەرخىل

نۆۋەتتە :3   باھا بار ؛ بۇنىڭ ئىچىدە زىيارەتچى قالدۇرغىنى   2   پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى   1 پارچە

  1. ئابدۇبەگ 4

    ھە بۇرۇن بىلوگلاردا لىققىدە تىما ئىنكاسلارمۇ پاتماي قالاتتى
    ھەي بۇكۇنلەرمۇ ئۇتۇپ كىتەر.

  2. ئابدۇبەگ 4

    ھاھا دىۋان . بۇتېمىنى ياخشى يوللاپسىز ، مۇشۇ بىلوگلاردا تېملار تازا يوللانماس بوپقالدىغۇ.

    يا بىلوگچىلار ئالدىراش بوپقىلۋاتامدۇ ؟

    • مۇئەللىم مۇئەللىم

      @ئابدۇبەگ @ئابدۇبەگ ئالدىراش ئەمەس ، بىلوگ كۆرىدىغانلار بەك ئاز ھەتتا يوق دېيەرلىك ، شۇڭا بىلوگلارنىڭ يېڭىلىنىشى ئاستا . بەزى تىز يېڭىلىنىۋاتقان بىلوگلارمۇ بار ، مەسىلەن ؛ تورخۇمار ، تىز يول ، تەشنا بىلوگلىرى ….. :grin:

باھا يوللىنىۋاتىدۇ ......

بىر باھا بىر كۆڭۈل !

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen: