ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
قارىسام بىلوگنىڭ ئىچ-تېشى WordPress بىلەن توشۇپ كېتىپتۇ . WordPress بىلەن كۆڭلىنى خۇش ئېتىدىغانلارمۇ بارا-بارا ئازىيىپ ، كونا ، پىشقەدەم بىلوگگىرلار بىلوگ ساھەسىدىن چىكىنىشكە باشلىدى .
بۇ بىلوگقا قاراپ باقسام ، زىيارەت مىقدارىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس ....
شۇنىڭغا قارىغاندا كود بىلەنمۇ ھەپىلىشىۋىرىپ ھېرىپمۇ ۋە ياكى زىرىكپمۇ كەتتۇق . ئەمدى بىر ئاز ھاردۇق ئالغاچ تېپىشماق تېپىپ باقامدۇق ؟
قېنى كىم ئەڭ تېپىپ چىقالايدۇ ؟
تۇخۇم زادى قانچە دانە؟
بىر تۇخۇمچى موماي بىركۈنى تۇخۇملىرىنى سېۋەتكە قاچىلاپ بازارغا كىتىپ بېرىپ ئىھتىياتسىزلىقتىن بىربالىغا سوقۇلۇپ كىتىپ تۇخۇملىرى چېقىلىپ كىتىپتۇ،خىجىل بولغان ئۇ بالا موماينىڭ تۇخۇملىرىنى تۆلەپ بەرمەكچى بولۇپ مومايدىن سوراپتۇ:
ـ موما سېۋەتلىرىدىكى تۇخۇم قانچە دانەئىدى؟
موماي دەپتۇ:
ـ ئەتىگەن تۇخۇمنى سېۋەتكە سالغۇچە ئىككىدىن ئالسام بىرسى ئېشىپ قالدى ،ئادەتتە مەن تۇخۇم ئالغاندائاشۇرۇپ قويمايتىم شۇڭا قايتا ئۈچتىن ئالسام يەنەبىرسى ئېشىپ قالدى، يەنە قايتىدىن تۆتتىن ئالساممۇ بىرسى ،بەشتىن ئالساممۇ بىرسى،ئالتىدىن ئالساممۇ بىرسى ئېشىپ قالدى ،پەقەت يەتتىدىن ئالغاندىلا ساق تۈگىدى دەپتۇ…
قېنى ھېسابلاپ بېقىڭ موماينىڭ سېۋىتىدىكى تۇخۇم زادى قانچە دانە؟
2015-يىلى 02-ئاينىڭ 07-كۈنى 9:46 چۈشتىن كېيىن تەخىت
2،3،4،5،6لەرنىڭ ئەڭ كىچىك ئومۇمىي ھەسسىلىكى 60
بىز تاپماقچى بولغان سان 60n+1
301
2015-يىلى 02-ئاينىڭ 07-كۈنى 9:43 چۈشتىن كېيىن ئورۇندۇق
مېنىڭ جاۋابىمنىڭ قەيەرىنى خاتا دەيلا مۇئەللىم ؟
2015-يىلى 02-ئاينىڭ 06-كۈنى 8:36 چۈشتىن كېيىن پەگاھ
مۇئەللىم ئالدىراشمۇ يا
301
2015-يىلى 02-ئاينىڭ 07-كۈنى 5:04 چۈشتىن كېيىن 1-قاتار
@ئەرخان @ئەرخان ئانچە ئەمەس ، ئەمما ئاۋۇ جاۋابىڭىز خاتا بولۇپ قاپتۇ …توغرا جاۋابى بولسا 721 ئىدى ، ھىچكىم تاپالمىدى….
2015-يىلى 01-ئاينىڭ 26-كۈنى 3:11 چۈشتىن كېيىن 4-قەۋەت
ماڭا ياردەم كېرەكتى توربەتتنى ياسىشىپ بەرسەڭلار بولاتتى ھەقلىق بولسىمۇ
2015-يىلى 01-ئاينىڭ 27-كۈنى 12:12 چۈشتىن بۇرۇن 1-قاتار
@F1 @F1 ۋاي-ۋاي مۇلازىمەت تور بېكىتىنىما ؟ مۇشۇنى ياساپ بېرەمدۇق ؟ قايسى جەھەتتىن ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارىمىز ؟ مۇشۇ جەھەتتە تەپسىلى بايان قىلىڭ ، ئاندىن بىر گەپ بولسۇن …..
2015-يىلى 01-ئاينىڭ 25-كۈنى 11:55 چۈشتىن كېيىن 5-قەۋەت
28 مىكى دەپ ئويلاپ قالدىم. ھىچ كاللامغا كەممە ۋاتىدۇ.
2015-يىلى 01-ئاينىڭ 26-كۈنى 12:07 چۈشتىن بۇرۇن 1-قاتار
@ئابدۇبەگ @ئابدۇبەگ 5 كە بۆلسەك بىر ئېشىپ قالماي ئۈچ ئېشىپ قالىدۇ ، 2دىن 6 گىچە بۆلگەندىن بىردىن ئېشىشى شەرت …..
2015-يىلى 01-ئاينىڭ 25-كۈنى 12:24 چۈشتىن كېيىن 6-قەۋەت
ھىچكىم تاپاممىغان ئوخشىمامدۇ.
2015-يىلى 01-ئاينىڭ 25-كۈنى 8:48 چۈشتىن كېيىن 1-قاتار
@ئابدۇبەگ @ئابدۇبەگ باشقىلار تېپىپ باقمىدى ، ئەمما سىزنىڭ تاپقان جاۋابىڭىز 7 گە پۈتۈن بۆلۈنمەيدۇ ، ئەمەسمۇ ؟
2015-يىلى 01-ئاينىڭ 25-كۈنى 12:06 چۈشتىن بۇرۇن 7-قەۋەت
25 ئۇخشايدۇ جۇمۇ.