قىزلىق دىگەن بىر بۈيۈك ۋەتەن

ئېلانلىرىمىز سەرخىل

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !

قىزلىق دىگەن بىر بۈيۈك ۋەتەن

ئەيساجان تۇردى ئاچچىق

ھايات

ھايات دىگەن قەبرە ئۈستىدە،
بەرق ئۇرۇپ ئېچىلغان چېچەك.
ئۆلۈم پۇراپ تۇرغان كوچىدا،
قول سىلكىيدۇ گۈزەل كېلەچەك.

ئەجەل بولسا ئەڭ ئۇستا ئوۋچى،
ھايات دىگەن ھىلىگەر تۈلكە.
بۇ دۇنياغۇ بىر تەخسە خام سەي،
خۇرۇچلىرى يېغا ۋە كۈلكە.

تارىم دەرياسىغا بېغىشلىما

سەن يۇرتۇمنىڭ تارىخ دەستۇرى
ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان.
سەن خەلقىمنىڭ ئوتلۇق تۇمۇرى،
قانلىرىمدەك ئۆركەشلەپ تۇرغان.

سەن باشلىنىپ ئانا زىمىنىدىن،
قۇيۇلىسىەن ئانا زىمىنغا.
بۇ خىسلىتىڭ نامرات شائىرنى،
كۆمۈۋەتتى تاتلىق خىيالغان.

ئەجداد روھى تامچە سۈيۈڭدە،
جىلۋىلىنەر شۇ قەدەر ئېنىق.
قېزىپ چىققۇم كېلەر باغرىڭنى،
مەن گوياكى بولۇپ بىر بېلىق.

شېئىر يازدىم ئۇيغۇر تىلىدا،
مېنى چۈشەپ قالىسەن بەلكىم.
سەن دىللاردا ئەڭ گۈزەل ئانا،
ئانىسىنى سۆيىدۇ ھەركىم.

قىزلىق

ئەڭ قەدىمى ئۇيغۇر قىزىنىڭ،
ئەۋرىشكىسى ساقلانغان سەندە.
شەرمى–ھايا ئەخلاق نۇرلىرى،
ساقلانماقتا بىرگۈزەل تەندە.

ھەر قەدىمىڭ، ھەربىر تىنىقىڭ ،
كېلىچەككە بەرمەكتە ۋەدە.
ئېچىلىدۇ زۇلمەت گۈللىرى،
لاياقەتلىك ئانا كەم يەردە.

‹‹قىزلىرىم›› دەپ تىترەيدۇ ئاتا،
قىزلار ئۈچۈن يىغلار مۇئەللىم.
ئۇچراپ قالسا قىرىق قاراقچى،
كۈلۈۋەتكىن بولمىغىن تەسلىم.

بۇ جاھاننىڭ چاقچاقلىرى كۆپ،
ھەر بىر كۈنۇڭ بولسۇن قەدىردان.
ئىمان نۇرى كۆچمىسە دىلىدىن،
ئۇيغۇر بولۇپ قالىسەن ھامان.

رىقابەتكە ئاشىق بولمىساڭ،
ئاشىق بولماس ساڭا ھىچ كىشى.
زىننەتلەنسۇن بىلىم-ئەخلاقتىن،
كەڭ قەلبىڭنىڭ ئىچى ۋە تېشى.

چاقىرمايدۇ بەخىت كوچىسى،
بىرلەشمىسە روھىڭ بىلەن تەن.
ئۆز-ئۆزۈڭنى مۇنقەرز قىلما،
قىزلىق دىگەن بىر بۈيۈك ۋەتەن.

مەڭگۈلۈك رىشتە

ئايرىلساقمۇ ئامال تاپالماي،
ساۋاقداشلار ساۋاقداشلاردىن.
بىر ياتاقتا نەچچە يىل ياتقان،
ياتاقداشلار ياتاقداشلاردىن.

شۇنچە تاتلىق ۋەدە بىرىشكەن،
قەلىبداشلار قەلىبلداشلاردىن..
بىر تاۋاقتا تاماق يىيىشكەن،
تاۋاقداشلار تاۋاقداشلاردىن.

بەزى چاعدا راسا ئىچىشكەن،
قاۋاقداشلار قاۋاقداشلاردىن.
گاھى چاغدا قالغان سوقۇشۇپ،
چاتاقداشلار چاتاقداشلاردىن.
..........................
بىز ئىزدىشىپ ئۆتىمىز مەڭگۈ،
چارچىمايمىز سوكۇلداشلاردىن.
تېلىفۇندا سۆزلەيمىز ئۇزاق،
زىرىكمەيمىز كوتۇلداشلاردىن.

بىز ھەر يانغا چېچىلغان بىلەن،
بولۇپ قالدۇق زامانداشلاردىن،
بۇ دۇنيادىن تاپقىلى بولماس،
بىزدەك ئىناق ساۋاقداشلاردىن.

خىياللىرىم

ۋاپادار خىياللار سۆيمەكتە قېنىپ،
بەلكىم مېنى سۆيگىنىڭ يالغان.
قەلبىڭدە يەنە بىر گۈزەل ۋادا بار،
تېخى سەنمۇ قەدەم باقمىغان.

مەن ئۆزۈممۇ ياكى ئەمەسمۇ؟
بىلەلمىدىم، بىلەلمىدىڭ ھەم.
سەنمۇ ئېنىق بىلمەي يۈرۈيسەن،
قەلبىڭدىكى خوشاللىقمۇ-غەم؟!

كارۋېتىمنىڭ يېنىدا ئەنە!
تېپىشماققا كەتتىڭ ئايلىنىپ،
يىقىلىپ چۈشتۈم پوچتىخانىدا.
يۈرىكىمنى كونۋېرتقا سېلىپ.

قولۇمدىكى نۇرلۇق خېتىڭدە،
تەشۋىشلىرىم قاپتۇغۇ ئۆلۈپ،
ياۋايى تۇيغۇدا نەپەس ئالالماي،
جەنۇپلۇقنى ئويغاتتىم كۈلۈپ.

ئۇزۇتۇش زىياپىتى

ئەي مەسۇم پەرىشتە باقتىڭمۇ ئويلاپ،
ئەتىلا يېنىمدىن كېتىپ قالىسەن.
بۇ پۇرسەت كەلمەيدۇ بىزگە قايتىلاپ،
سەن قاتىل، يۈرەكنى چوقۇم يارىسەن.

ئايرىلىش ئالدىدا مۇزىكا تىڭشاپ،
رىۋايەت، چۆچەكىنى قالىمىز ئۇنتۇپ.
ئۇ چاغدا ۋاقىتمۇ كېتىدۇ قاقشاپ،
رىئاللىق تۇرغاچقا بىزنىلا نوقۇپ.

مەن سىنى ئۇزاتقان ئاشۇ سەھەردە،
ئەڭ ئېغىر قەدەمدە كەتتىڭ يىراقلاپ.
كۈلۈشكەن بولساقمۇ يېرىم دەقىقە،
ئەڭ شىرىن ئازابنى قالدىم قۇچاقلاپ.

ئاپتۇر: كەلپىن ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن
مەنبە: مىسرانىم مۇنبىرى

قوللاش شەكلى

تاۋباۋ چىقىمدانى ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇڭ

ئۈندېدار ھەميانى ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇڭ

    ئاپتور « مۇئەللىم» ھەققىدە

    مۇئەللىم
  • بىلوگچىلىققا بولغان قىزىقىشىم تۈپەيلى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىمنىڭ نامىغا ماس ھالدا «مۇئەللىم بىلوگى»نى قۇرۋالدىم . مېنى نۇرغۇنلىغان بىلوگ ۋە مۇنبەرلەردە «مۇئەللىم»ياكى «ئىقبال»نامىدا ئۇچىرىتالايسىز . بۇ بىلوگ مېنىڭ شەخسى دۇنيارىم ، بۇ يەردە ۋوردپرېس توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرىمدىن ، كەچمىشلىرىمنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن يازغان شېئىر ۋە يازمىلىرىمدىن ، كەسىپىمگە ئائىت ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولالايسىز ......

  • يازما ئۇچۇرلىرى

ئېلانلىرىمىز سەرخىل

نۆۋەتتە :2   باھا بار ؛ بۇنىڭ ئىچىدە زىيارەتچى قالدۇرغىنى   1   پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى   1 پارچە

  1. ئىزتىل 0

    ياخشىكەن :wink:

باھا يوللىنىۋاتىدۇ ......

بىر باھا بىر كۆڭۈل !

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen: