نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت | ئۆرنەكلەر | ئاساسىي مەزمۇن
Windows 10 ئېلان قىلىندى
2014-يىلى10-ئاينىڭ01-كۈنى | ئۆرنەكلەر |جەمئى 1970خەت بار | 265 قېتىم كۆرۈلدى | 3پارچە ئىنكاس بار

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
ئۈرۈمچى ۋاقتى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى كەچ سائەت 11:00 دە مىكروسوفت شىركىتى سان-فىرانسىسكو شەھىرىدە كىچىك كۆلەملىك مەھسۇلات تارقىتىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، يېڭى مەشغۇلات سىستېمىسى Windows 10 نى ئېلان قىلدى. يېڭى سىستېمىدا باشلاش تىزىملىكى قايتۇرۇپ كېلىنگەن بولۇپ، باشلاش تىزىملىكىدە يەنە جانلىق تىزمىلارنى كۆرەلەيمىز. شۇنداق قىلىپ Windows 7 دىكى باشلاش تىزىملىكى ۋە Windows 8 دىكى جانلىق تىزمىلار بىرىكتۈرۈلۈپ، بىر سىستېما قىلىندى. بۇنداق بولغاندا Windows 7 ۋە Windows 8 نىڭ ئىشلەتكۈچىلىرى Windows 10 غا تېزلا كۆنۈپ كېتەلەيدۇ.

Windows 10 يان تېلېفون، تاختا كومپيۇتېر، ئۈستەل كومپيۇتېرى ۋە Xbox One نى ئومۇمىيۈزلۈك قاپلىغان تولۇق سۇپىلىق مەشغۇلات سىستېمىسى بولۇپ، ئىقتىدار جەھەتتە Windows 8 نىڭ سەزمە كونترول ئىقتىدارىنى ساقلاپ قالغان.

پۈتۈن سۇپىلىق مەشغۇلات سىستېمىسى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مىكروسوفت Windows 10 نى «تارىختىكى ئەڭ مۇرەككەپ سۇپا» دەپ تەرىپلىدى. Windows 10 بارلىق قاتتىق دېتاللارنى قاپلىغان بولۇپ، بىر گەۋدىلەشكەن ئىشلەتكۈچى تەسىراتىنى بېرىدۇ. ئىجادىيەتچىلەر بۇ سۇپا ئارقىلىق كۆپ سۇپىلىق (سۇپا ئاتلىغان) ئەپلەرنى ئاچالايدۇ. يان تېلېفون، تاختا كومپيۇتېر، ئۈستەل كومپيۇتېرى ۋە Xbox One قاتارلىق ئۈسكۈنىلەردە ئوخشاش مەشغۇلات ئارايۈزى ۋە ئوخشاش بىر دۇكان بولۇپ، سۇپا ئاتلىغان ئۈسكۈنىلەردە ئىزدىيەلەيدۇ، سېتىۋالالايدۇ ۋە دەرىجە ئۆستۈرەلەيدۇ.

Windows 10 ھەرقانداق ئۈسكۈنىلەردە ئىجرا بولىدىغان بولۇپ، ئەشيا تورى (物联网) ئۈسكۈنىلىرىدىن كارخانا مەلۇمات مەركىزىدىكى مۇلازىمىتېرلار، 4 دىيۇملۇق ئۈسكۈنىلەردىن 80 دىيۇملۇق ئۈسكۈنىلەرگىچە، تاقالما بويۇم(可穿戴设备)، چوڭ تىپتىكى سودا ئۈسكۈنىلىرى، يەنە تېخى ئېكرانسىز ئۈسكۈنىلەردىمۇ نورمال خىزمەت قىلالايدۇ. بۇ ئۈسكۈنىلەردە كۇنۇپكا تاختىسى، مائۇس، سەزمە ئېكران ۋە قول ئىشارىسى قاتارلىق ھەرخىل مەشغۇلات شەكىللىرى بىلەن مەشغۇلات قىلىشقا، خالىغانچە ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
cebMQmJdtNRk
(بىر مەھسۇلات ئائىلىسى، ئوخشاش سۇپا، ئوخشاش دۇكان)
قارىغاندا يان تېلېفون، تاختا كومپيۇتېر ۋە ئۈستەل كومپيۇتېرىنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسىنى ھەقىقىي بىرلەشتۈرگەن ئوخشايدۇ.
ce23anH4NUVSc
قايتۇرۇپ كېلىنگەن باشلاش تىزىملىكى
ceYVzrbjADnnw
قاراڭ بۇ يەرگە، باشلاش تىزىملىكىدىمۇ جانلىق تىزملار بار
ceA3n3NyI57po
(بۇ ئېكراندىكى ئىنگلىزچە خەتلەرنىڭ تەرجىمىسى مۇنداق)
كارخانا قىممىتى
تونۇشلۇق، ماسلىشىشچان، ئۈنۈمدار
زامانىۋى باشقۇرۇش
ئىختىيارىلاشقان دۇكان
كارخانا مەلۇماتلىرىنى قوغداش

مەنبە : ئالىم ئەھەد بىلوگى

QR:  Windows 10 ئېلان قىلىندى

ئاپتور « مۇئەللىم» ھەققىدە

  • بىلوگچىلىققا بولغان قىزىقىشىم تۈپەيلى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىمنىڭ نامىغا ماس ھالدا «مۇئەللىم بىلوگى»نى قۇرۋالدىم . مېنى نۇرغۇنلىغان بىلوگ ۋە مۇنبەرلەردە «مۇئەللىم»ياكى «ئىقبال»نامىدا ئۇچىرىتالايسىز . بۇ بىلوگ مېنىڭ شەخسى دۇنيارىم ، بۇ يەردە ۋوردپرېس توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرىمدىن ، كەچمىشلىرىمنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن يازغان شېئىر ۋە يازمىلىرىمدىن ، كەسىپىمگە ئائىت ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولالايسىز ......

  • يازما ئۇچۇرلىرى

    نۆۋەتتە 3 پارچە ئىنكاس بار | بۇنىڭ ئىچىدە :زىيارەتچى قالدۇرغىنى :2 پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :1 پارچە

    1. دوغاپ 2014-يىلى10-ئاينىڭ01-كۈنى |  1-رەت جاۋاب

      windows 9 نەگە كېتىپتۇ ئەمىسە؟

      Google Chrome 37.0.2062.120Windows 8.1
      • مۇئەللىم 2014-يىلى10-ئاينىڭ01-كۈنى |  1-قاتار جاۋاب

        @دوغاپ چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەرمىشلەر …… :mrgreen: :mrgreen: :mrgreen:

        Google Chrome 38.0.2125.0Windows 8.1
      • ئۇيغۇرۇم 2014-يىلى10-ئاينىڭ06-كۈنى |  1-قاتار جاۋاب

        @دوغاپ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى windows9 نى ساقلاۋاتساق 9 چىقماي windows10 ئېلان قىلىندى. تورداشلار ھەيران قالدى. ئامېرىكىدا 8 تىن كېيىن 10 كېلەمدىغاندۇ؟ دەپ چاقچاق قىلىشىپمۇ باقتۇق. بۇنىڭ سەۋەبىنى مۇنداق چۈشەندۈرۈپ قويۇپتۇ.
        بۇرۇنقى windows95 , windows98 لەرنىڭ بېشىمۇ 9 دىن باشلىنىدۇ. يېڭى سىستېما windows9 دەپ ئاتالسا 98، 95 ئۈچۈن تۈزۈلگەن بەزى ئۈچۈنچى تەرەپ يۇمشاق دېتاللىرى windows98 تىكى ساننىڭ بېشى 9 نى ھۆكۈم قىلىۋېلىپ، يېڭى windows9 بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىش ئارقىلىق خاتالىق يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن.شۇڭا مىكروسوفتنىڭ پىروگراممىرلىرى بۇ خىل مۇقىمسىزلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يېڭى مەشغۇلات سىستېمىسىغا windows10 دەپ ئىسىم قويۇشنى قارار قىلىپتۇ.

        Google Chrome 37.0.2062.124Windows 8.1

    بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل !