ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
نۆۋەتتە بىر قىسىم بىلوگگىرلارنىڭ كۆرۈنمە يۈزى چىرايلىق ، ئېلاندىن خالىي ، سۈزۈك قويۇش ئۈنۈمىگە ئىگە قويغۇچنى ئۆز بىلوگىغا ئورنىتىش سادالىرى ئوتتۇرغا چىقىشقا باشلىدى . پىقىر خەنچە ماتىرىياللارنى كۆرۈش ۋە ئۆز بىلوگىمدا سىناش ئارقىلىق ، بۇ قويغۇچنى ئۇسلۇبقا قېتىۋەتتىم . تۆۋەندە مەزكۇر قويغۇچنى ئۇسلۇبقا قېتىش جەرياننى كەڭ بىلوگگىر دوستلار بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن .
تەييارلىق خىزمەت
1. ckplayer نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرىنى تۆۋەندىكى ئادرستىن چۈشۈرۈپ ، بولاقتىن يېشىپ ، بىلوگىڭىزنىڭ ئۇسلۇب مۇندەرىجىسىگە يۈكلەڭ .
2. ckplayer ھۆججەت قىسقۇچى ئىچىدىكى ckplayer.xml ھۆججىتىنى تەھرىرلىگۈچتە ئېچىپ ، تۆۋەندىكى قۇرنى ئۆزگەرتىڭ :
تەخمىنەن 14-قۇرلاردا ....
{b->1}{p->1}{s->2}{f->http: //بىلوگ نامىڭىز/wp-content/themes/ئۇسلۇبىڭىز ھۆججەت قىسقۇچ نامى/ckplayer/api/deng.php?v=[$pat]}
3. تۆۋەندىكى كودنى ئۇسلۇب فونېكىسىيە ھۆججىتىنىڭ (functions.php) ئەڭ ئاخىرقى قۇرىدىكى ?> نىڭ ئۇستىگىلا چاپلاپ ، ساقلاپ چىكىنىڭ :
- //ckplayerقويغۇچ كودى
- add_shortcode("ckplayer","ipc_ckplayer");function ipc_ckplayer( $atts, $content=null ) {return '';}
ئەسكەرتىش
1. فىلىم قىستۇرماقچى بولسىڭىز ، تۆۋەندىكى كود ئارقىلىق قىستۇرۇڭ ، «【】» نى «][» غا ئالماشتۇرۇپ ئشلىتىڭ :
- 【ckplayer】http://v.youku.com/v_show/id_XNTYxMDEzMzUy.html【/ckplayer】
2. قويغۇچنىڭ باشقا سىزگە يارىغان كۆركەم كۆرۈنمە يۈز قىستۇرمىلىرى بولسا ، تەۋسىيە قىلىڭ ، مۇئەللىم بىلوگى ئارقىلىق ئورتاقلىشىمىز .
3. قويغۇچنىڭ مۇئەللىم بىلوگىدىكى كۆرۈنۈش ئۈنۈمى :
2016-يىلى 02-ئاينىڭ 25-كۈنى 12:45 چۈشتىن بۇرۇن 15-قەۋەت
كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگە ماسلاشتۇرالمىدىمغۇ مۇئەللىمكا، ئامال بولسا تەلىم بەرگەن بولسىلىرى كۆپ رەھمەت ئېيتار ئىدىم
2015-يىلى 07-ئاينىڭ 15-كۈنى 12:12 چۈشتىن كېيىن 16-قەۋەت
مەن پەقەت ئىشلىتىپ باقمىدىم بۇ قويغۇچنى
2015-يىلى 07-ئاينىڭ 12-كۈنى 6:56 چۈشتىن كېيىن 17-قەۋەت
مەن بىر قىتىم ئىشلەتكەن ئىدىم ، كىيىن بۇزۇپ قۇيۇپ ئىشلەتمىدىم ئەمدى سىناپ باقسام بۇلامدۇ قانداق.