مەرھابا ، ئەزىز دوستۇم ! باسقان قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
ئەسلىدە ئارتۇچ بىلوگىدىكى «يەر شارى بىر تۇتاش باش سۈرەت ئىلتىماس قىلىش» دېگەن يازما بويىچە قىلسا ، بارلىق بىلوگلار بىرلا ئېلخەت بىلەن تىزىملىنىپ ، يەر شارى بىر تۇتاش باش سۈرىتىنى ئىشلەتكىلى بولاتتى . ئەمما باش سۈرەت ئىلتىماس قىلىش بېكىتىنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىقى ۋە بىر قىسىم مۇرەككەپ تاللاشلار ، تىل ئۆتكىلى جەھەتلەردىن نۇرغۇنلىغان بىلوگگىرلار ئۆزى خالىغان باش سۈرەتنى كومپىيۇتىرىدىن تارتىپ ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلماقتا ....
ھەمنەپەسلەر WordPress بىلوگ تېخنىكىسى توپىدا بىلوگگىرلار سورىغان يەنە بىر يېڭى سۇئال تېمىسى ۋە تەلەپكە ئاساسەن بۇ يازمىمىزنىمۇ باشلاپ كەتتۇق ....
بىرىنچى قەدەم
بۇ يەردە تەمىنلەنگەن قوشۇمچە ھۆججەتنى چۈشۈرۈڭ ؛
1) ئۇسلۇب ھۆججەت قىسقۇچى ئىچىگە «inc» نامىدا بىر ھۆججەت قىسقۇچى قۇرۇپ ، بۇ ھۆججەت قىسقۇچقا «simple-local-avatars.php» نى يۈكلەڭ .
2) ئۇسلۇب ھۆججەت قىسقۇچى ئىچىدىكى «js» ھۆججەت قىسقۇچىغا «simple-local-avatars.js» نى يۈكلەڭ .
3) تۆۋەندىكى كودنى functions.php نىڭ ئەڭ ئاخىرىدىكى «?>» ئۈستىدىكى قۇرغا چاپلاپ ، ساقلاش مەشغۇلاتى قىلىڭ .
- //باش سۈرەتنى ئۆزى بېكىتىش
- require get_template_directory() . '/inc/simple-local-avatars.php';
باش سۈرەت يوللاش كۆزنىكى ئۈنۈمى
شۇنىڭ بىلەن يازما تامام ....قىلالمىغان ياكى خاتالىق ئۇچۇرى چىقىۋىلىپ ئامال قىلالمىغانلار بولسا ، جاۋابى يازما ئاستىدا بار ، ئەگەر سىز باھا يوللاشقا ئېرىنمىسىڭىزلا ...!
2016-يىلى 03-ئاينىڭ 04-كۈنى 1:53 چۈشتىن بۇرۇن تەخىت
ھە راس مۇئەللىم ئەپەندىم ، مىنىڭ بىلوگىمدا نېمىشقا گىراۋاتار باش سۈرىتى نىمىشقا نورمال كۆرۈنمەيدۇ .. سىنىڭكىدە نورمال ئىكەن ، بىر ياردەم قىلسىڭىز .
مەسلەن ماۋۇ بەتكە قاراپ باقسىڭىز
http://www.uztaj.com/ratool-uyghur
2016-يىلى 03-ئاينىڭ 04-كۈنى 1:48 چۈشتىن بۇرۇن ئورۇندۇق
قېنى سىناپ باقاي