مەرھابا ، ئەزىز دوستۇم ! باسقان قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
مەن بۇرۇنمۇ دېگەن ، مەن تور دۇنياسىغا قەدەم باسقاندىن بۇيان ، ئۆزىنى كۆرۈشكە مۇۋەپپەق بولالمىغان نۇرغۇن ياخشى دوستلارغا ، ئاكا-ئىنىلىرىمگە ئېرىشىتم ، دەپ ...
شۇنداق ، مۇئەللىم ۋە ئىقبال نامىدا تور دۇنياسىغا قەدەم باسقاندىن بىرى ، مۇئەللىم بىلوگىنى قۇرۇپ ، مۇشۇ ئارقىلىق ئۆزۇمنى تونۇتتۇم ۋە تونۇلدۇم . تور دۇنياسىدىمۇ مۇئەييەن تەسىر ۋە ھۆرمەتكە ، ئىشەنچكە ئىگە بولۇپ ھازىرغا ئۇلاشتىم .
بۈگۈن بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنىم ، مۇشۇنداق ھۆرمەت ۋە ئىشەنچنىڭ تۈرتكىسىدە ، ئىنتىزار بىلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى ئىنىمىز مەڭلىكنىڭ خالىس ياردىمىدە ، مۇئەللىم بىلوگنىڭ يانفۇن ئەپ تىرمىنالى ياساپ چىقىلدى . مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ، ئىنىمىز مەڭلىك قاتارلىق مۇئەللىم بىلوگىنى يىقىندىن قوللاپ قۇۋەتلەپ كېلىۋاتقان ، مەن مۇئەللىمگە ئىشەنچ-ھۆرمەت بېغىشلىغان بارلىق دوست-بۇرادەر ، ئىنىلىرىمىغا چىن كۆڭلۈمدىن سەمىمىي رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن .
ئەپ كۆرۈنۈشلىرى
ئاخىردا بۇ ئەپنى بىلوگ قۇرۇش ئويىدا تەمتىرەپ يۈرگەن دوستلارغا تەۋسىيە قىلىپ قويۇشىڭىزنى ، ئەپتە كۆرۈلگەن مەسلىلەر بولسا ، سەمىمىيلىك بىلەن ئىنكاس قىلىپ قويۇشىڭىزنى سورايمىز .
2016-يىلى 03-ئاينىڭ 25-كۈنى 1:56 چۈشتىن كېيىن تەخىت
مۇئەللىمكا ئەپنىڭ بەزى قىسمنى ئازتۇلا ئۆزگەرتىپ 2.0 نەشرىنى ياساپ قۇيسام قانداق بۇلا بەزى قىسمىنى تېخىمۇ سىپتا چىرايلىق قىلىپ . 2.0 نەشرىنى ياسىسام ئىشلەتكۈچىلاەر قولىدىكى ئەپنى ڭ نەشرىنى كۆتۈرسىلا بولىدۇ.ئايرىم چۈشۈرۈش ھاجەتسىز بۇيرۇقنى سوقىۋەتسەم ھەممىسى نەشىر يېڭىلايدۇ
2016-يىلى 02-ئاينىڭ 17-كۈنى 1:53 چۈشتىن كېيىن ئورۇندۇق
مەن چۈشۈرۈپ سىناپ باقاي ، مەسلە بولسا ئىنكاس يازىمەن .
2016-يىلى 02-ئاينىڭ 17-كۈنى 12:13 چۈشتىن بۇرۇن پەگاھ
ئەپ ھەقىقەتەن ياخشى ياسىلىپتۇ، بىلوگنى زىيارەت قىلىش تېخىمۇ ئاسانلىشىپتۇ. سىلەرگە كۆپ تەشەككۈر! مەنمۇ بىلوگچىلىققا قەدەم باسقان ياقى مۇئەللىم بىلوگىدىن ئاز بولمىغان بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم. شۇنداق قىلىپ 4 ئوكيان بىلوگىنى قۇرۇۋالغانمۇ بولدۇم. شۇنى بىلىپ يەتتىمكى، بىلوگچىلار ئۆز-ئارا قوللشىپ، ھەمكارلىشىپ، باھا يېزىپ بىر-بىرىمىزگە مەدەت ۋە روھىې ئىلھام بېرىپ تۇرۇشىمىز بەكمۇ زۆرۈركەن.
ئىكىنچى گەپكە كەلسەك، بۇ مېنىڭ شەخسى پىكىرىم، يەنى بىلوگ ئۈستىدىكى تىزىملىك بېتى يانفۇندا خەتسىز ھالەتتە سىزاقچە ھالەتتە كۆرىنىدۇ. ئادەتتە بىزدەك بىلوگ ۋە توربەتلەر بىلەن ھەپلىشىپ يۈرىدىغانلار ئاشۇ سىزاقچىنىڭ تىزىملىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ، سەھىپىلەرنى تاللاپ كۆرەلەيمىز. ئەمما ئاياللار ياكى بىلوگقا يېڭى كىرگەنلەر ئۇ سىزاقچىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەن، ھەم ئۇسىزاقچىنى بېسىپ يۈرمەيلا بەتنى ئاستىغا سىيرىپ بۇ بەتتىكى مەزمۇن مۇشۇنىڭ بىلەن تۈگىگەن ئوخشايدۇ دەپ قالىدىكەن، شۇڭا دەيمەن يانفۇن بەتتە تىزىملىك ئورنىنى خەتچە قىلىپ سەھىپە ياكى تىزىملىك دەپ يېزىپ قويۇلسا كىرگەن كىشى خەتنى كۆرۈپلا بېسىپ كىرەتتى دەپ ئويلىدىم.
2016-يىلى 02-ئاينىڭ 16-كۈنى 11:19 چۈشتىن بۇرۇن 4-قەۋەت
دوستلارنىڭ بۇ ئەپكە تەكلىپ پىكىر بېرىشىنىئى كېيىنكى نەشرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى چىقىشى ئۈچۈن قوللاپ قۇيۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز