ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىنى قوللاپ-قۇۋەتلەپ كېلىۋاتقان ئەزىزلەر !
يېقىنقى بىر مەزگىللىك خىزمەت ۋە ئائىلە ئالدىراشلىقى تۈپەيلى بىلوگقا قاراپمۇ بولالمىدىم ، ئەمدىلىكتە بولسا نەچچە ۋاقتىتتىن بېرى مېنىڭ ئالداشلىقىمغا يەنە ئالدىراشلىق قوشقان يېڭى ئۆيۈم پۈتكەنلىكى سەۋەبىدىن ، يېڭى ئۆيگە كۆچمەكچى بولىۋاتىمەن .
يېڭى ئۆيۈم تۇرۇشلۇق ئولتۇراق رايۇن تەۋەلىكىگە ھېچبىر ئالاقىلىشىش شىركىتىنىڭ ئالاقىلىشىش ئاپپاراتلىرى تېخى ئورنىتىلمىغاچ ، ۋاقتىنچە تورغا چىقىش ئىمكانىيتىم يوق ، ھەم ئەزىزلەر ئۇچرىغان مەسلىلەرگە ياردەم قىلالماسلىقىم مۇمكىن .
شۇ سەۋەبتىن بۇ كەپەمدە كەڭ ئەزىزلەرگە ئەسكەرتىش بېرىشنى توغرا كۆردۈم . تورغا چىقىش شارئىتىنى ھازىرلىغاندا يەنە دوستلارغا نادىر تېمىلار ئارقىلىق ۋە ياكى ئۇسلۇب ، بىلوگ قۇرۇش جەھەتتە ياردەم بېرشنى ئۇنتۇپ قالمايمەن .
مەن تورغا چىقالمىغان مەزگىلدە مۇئەللىم بىلوگىنى زىيارەت قىلىپ ، ئاۋاتلاشتۇرۇپ تۇرۇشنى ، شۇنداقلا ئەگەر ۋاقتى بار ئەزىزلەر بولسا «ئەسەر يوللاش» بېتى ئارقىلىق مۇئەللىم بىلوگىغا ئۆزى ياقتۇرغان ئەسەرلەرنى يوللاپ ، باشقىلار بىلەن بىللە بەھىرلىنىشنى تېخىمۇ ئۈمىد قىلىمەن . سىلەر بولغاچ ، مۇئەللىم بىلوگى ھازىرقى مەنزىلگە كېلەلىدى ...
مۇئەللىم بىلوگىنى قوللاپ كېلىۋاتقان بارلىق ئەزىزلەرگە يەنە بىر قېتىم تەشەككۈر ، رەھمەت سىلەرگە ، رەھمەت قوللىغىنىڭلارغا !!!
نۆۋەتتە :10 باھا بار ؛ بۇنىڭ ئىچىدە زىيارەتچى قالدۇرغىنى 6 پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى 4 پارچە
باھا يوللىنىۋاتىدۇ ......
2015-يىلى 04-ئاينىڭ 23-كۈنى 8:42 چۈشتىن كېيىن تەخىت
ئىسىم ، نۇربەگ ، مىماسىچۇ ؟
2015-يىلى 04-ئاينىڭ 17-كۈنى 7:17 چۈشتىن كېيىن ئورۇندۇق
تىزىملىتىپ قۇيدۇم …
2015-يىلى 04-ئاينىڭ 21-كۈنى 7:37 چۈشتىن كېيىن 1-قاتار
@نۇربەگ @نۇربەگ دەرىجىڭىزنى ئۆستۈرۈپ قويدۇم ، ئەسلىدىكى ئەزالىق نامىڭىز بىلەن كىرىپ ، يازما يوللىسىڭىز بولىدۇ …
2015-يىلى 04-ئاينىڭ 16-كۈنى 8:24 چۈشتىن كېيىن پەگاھ
ساقلايمىز
2015-يىلى 04-ئاينىڭ 16-كۈنى 2:45 چۈشتىن كېيىن 4-قەۋەت
يېڭى ئۆيلىرىگە مۇبارەك بولسۇن
2015-يىلى 04-ئاينىڭ 17-كۈنى 2:52 چۈشتىن كېيىن 1-قاتار
@ئەرخان @ئەرخان بىرگە بولسۇن .
2015-يىلى 04-ئاينىڭ 15-كۈنى 8:27 چۈشتىن كېيىن 5-قەۋەت
يىڭى ئۆيلىرىگە مۇبارەك بولسۇن .سىلىنىڭ توردىنۋاقىتلىق ئايرىلىشلىرى كۈڭۈلنى غەش قىلدى ، ئەمما ھەر ئىشنى يۇلىدا قىلمىساق بولمايدۇ .
خالىسىلا مەن مەزمۇن قۇشۇپ ئاۋات قىلىپ تۇراي …
2015-يىلى 04-ئاينىڭ 17-كۈنى 2:52 چۈشتىن كېيىن 1-قاتار
@نۇربەگ @نۇربەگ بولىدۇ ، تىزىملاتقان بولسىڭىز ، دەرىجىڭىزنى تەڭشەپ قوياي …
2015-يىلى 04-ئاينىڭ 13-كۈنى 7:47 چۈشتىن كېيىن 6-قەۋەت
يېڭى ئۆيىڭىزگە خوتەن گىلىمى بىلەن مۇبارەكلىسەم بولاتتى، خۇدايىم بۇنىڭغىمۇ نىسىپ قىپ قالار، يېڭى ئۆيىڭىزگە قۇرۇق بولسىمۇ مۇبارەك بولسۇن.
2015-يىلى 04-ئاينىڭ 17-كۈنى 2:52 چۈشتىن كېيىن 1-قاتار
@قاسىمجان @قاسىمجان رەھمەت !