نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت | ئۆرنەكلەر | ئاساسىي مەزمۇن
WordPress تە بوشلۇق كۆچۈش(1)
2015-يىلى04-ئاينىڭ10-كۈنى | ئۆرنەكلەر |جەمئى 2741خەت بار | 256 قېتىم كۆرۈلدى | 1پارچە ئىنكاس بار

WordPress تە بوشلۇق كۆچكەندىن كېيىنكى ئارقا بەتكە كىرەلمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش تەدبىرلىىرى

دوستىمىز مۇھەممەدئەلى ئىلياس باشقۇرۇشىدىكى «ئەلپىدا بىلوگى»بوشلۇقنىڭ ۋاقتى توشۇش سەۋەبلىك توختاپ كەتكەندىن كېيىن ، پاراۋۇز ئەپەندىمنىڭ ياردىمىدە «ئەلپىدا بىلوگى»نىڭ ساندان ۋە بوشلۇق ھۆججەتلىرىگە ئىرىشتىم . ھەمدە «ئەلپىدا بىلوگى»نى ئۆزۈم مۇستەقىل بوشلۇق كۆچۈرۈش مەشغۇلاتى ئېلىپ باردىم . بارلىق يازمىلار 100%كۆچۈرۈلگەندىن سىرىت ، يازمىلارغا ئىشلىتىلگەن رەسىم ۋە باشقا قوشۇمچە ھۆججەتلەرمۇ ئۆز پىتى يىڭى بوشلۇققا كۆچۈرلۈپتۇ . مۇۋاپىقىيەتلىك بوشلۇق كۆچۈرەلىگىنىمگە شۇنچە خۈشال بولغان بولساممۇ ، خۈشاللىقىم ئۈزاققا بارمىدى ، سەۋەبى نېمىدۇ ؟
سەۋەبى ؛ باشقۇرۇش بېتىگە كېرەي دېسەم ، ئاق بەت بولىۋىلىپ ، تىزىملىنىش كۆزنىكىمۇ كۆرۈنمەي قويدى . شۇنىڭ بىلەن بۇ خاتالىقنى ھەل قىلىش ئۈستىدە ئىزدەندىم ، خەنزۇچە بەتلەردىن ماتىرىيال كۆرۈپ ، شۇ بويىچە سىناپ باقتىم ، سىناق جەريانى تۆۋەندىكىچە :
1.Wordpressنىڭ سېستىما ھۆججىتىدىن چاتاق چىققان بولۇشى مۇمكىن ، دەپ گۈمان قىلىپ ، WordPressنى قايتا قاچىلاپ باقتىم ، ئوڭشىلىپ قالغانمىدۇ ؟ سىلەر بەك ئەقىللىق جۇمۇ ، ئوڭشالغان بولسا ، ئۇسۇللىرىنى رەتكە تېزىپ ئولتۇرماستى ، دەپ ئويلىدىڭلار ھەقىچان ؟ شۇنداق بولدى ، ئوڭشالمىدى ، يەنىلا «غورا يىگەن تاز»دەك گۆشىيىپ تۇرمامدۇ ، يامان ئاچچىقىم كەلدى -دە ، بولدىلا ، ئىككىنچى ئۇسۇلنى سىناي دەپ ، كېيىنكى قەدەمگە ئۆتتۈم .
2.Wordpress تە بوشلۇق كۆچۈپ ، يىڭى بوشلۇققا زاپاسلانغان ساندان ھۆججىتىنى ئەكىرگەندە ، ئەسلىدىكى ساندان نامى ، ئىشلەتكۈچى نامى ۋە پارۈل قاتارلىقلار يىڭى بوشلۇقتىكى ساندان ئۇچۇرلىرى بىلەن ئوخشاش بولمىغاچقا ، ساندان خاتالىقى كۆرۈلۈپ ، wp-config.phpھۆججىتى ئىچىدىكى ساندان ئۇچۇرلىرىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىدىكەن . ئەگەر بۇ ھۆججەت خاتىرە دەپتەردە تەھرىرلەنسە بىر قىسىم ئېنىق بولمىغان كودلارنىڭ قوشۇلىۋىلىشى تۈپەيلىدىن ۋە ياكى utf-8شەكلىدە ساقلىنىپ قىلىشى تۈپەيلىدىن ، مۇشۇنداق ئاق بەت بولىۋىلىش ھادىسىسى كۆرۈلەرمىشلەر ، بۇنىڭ ئۈچۈنwp-config.phpھۆججىتىنى ساقلىغاندا ، جەزمەن ANSIھالەتتە ساقلاش كىرەكلىكى ئەسكەرتىلىپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن ، بىلىپ-بىلمەي خاتىرە دەپتەردە ساقلاپ قالدىممۇ-يا؟ دەپ ئويلاپ ، قايتىدىن wp-config.phpھۆججىتى ھاسىل قىلىپ ، ساندان ئۇچۇرلىرىنى يىڭى بوشلۇقتىكى ساندان ئۇچۇرلىرى بىلەن ماسقەدەملەشتۈرگەندىن كېيىن ، بوشلۇققا يوللاپ سىناپ باقتىم ، قارسام يەنىلا تەلەتى مېنىڭكىدىن سەت ....يەنە شۇ ئاق بەت .شۇنىڭ بىلەن يەنە كېيىنكى قەدەمگە ئۆتۈشكە مەجبۇر بولدۇم .
3.بۇ قېتىمقى گۇمانىم نېمىدۇر ؟ يەنىلا ئەقىللىق جۇمۇ سېلەر ، قېستۇرما ......قېستۇرما كۆپ ھەم ئۆچۈرۈشكە ۋاقىت كېتىدىغىنى ، شۇنداقلا گۇمانىمنىڭ توغرا ياكى ناتوغرا ئىكەنلىكىنى تىزراق ئىسپاتلاش مەقسىتىدە ، بوشلۇقتىكى قېستۇرما ھۆججەت قىسقۇچىنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىپلا ، باشقۇرۇش بېتىگە كېرىش ئۈچۈن ئالدىرىدىم ، كېرەلىگەندىمەنمۇ ؟ .....
كېردىم ، شۇنىڭ بىلەن قايسى دۈشمەننىڭ قىلغان ئىشى ئېكەنلىكنى بىلىش ئېستىكىدە ، دەسلىپىدە قېستۇرمىلارنى ئۆچۈرۈپ چۈشۈپتىمەن ، كېيىن ئۆچۈرۈپ بولالماي ، يەنە بىر-بىرلەپ نامىنى ئۆزگەرتىشكە باشلىدىم . دۈشمەن ئاخىرى سېتاستىكا قستۇرمىسى بولۇپ چىقتى ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ قېستۇرمىنىڭ نامىنى ئۆگەرتىش بىلەن بوشلۇققا ئوڭۇشلۇق كېردىم ، ھەمدە ، بوشلۇق كۆچكەندىن كېيىنكى ئاق بەت بولىۋىلىش ھادىسىسىنى ھەل قىلىش جەريانىمنى ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە ، بۇ يازمىنى يوللىدىم . قېنى بۇ مەسىلىگە يولۇقۇپ ، WordPress تە بىلوگ قۇرغىنىغا پۇشمان قلغانلار ياكى كۈندە 10ۋاقىت WordPress نى قاچىلاپ يۈرگەنلەر يۇقارقى ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭلار .......

QR:  WordPress تە بوشلۇق كۆچۈش(1)

ئاپتور « مۇئەللىم» ھەققىدە

  • بىلوگچىلىققا بولغان قىزىقىشىم تۈپەيلى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىمنىڭ نامىغا ماس ھالدا «مۇئەللىم بىلوگى»نى قۇرۋالدىم . مېنى نۇرغۇنلىغان بىلوگ ۋە مۇنبەرلەردە «مۇئەللىم»ياكى «ئىقبال»نامىدا ئۇچىرىتالايسىز . بۇ بىلوگ مېنىڭ شەخسى دۇنيارىم ، بۇ يەردە ۋوردپرېس توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرىمدىن ، كەچمىشلىرىمنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن يازغان شېئىر ۋە يازمىلىرىمدىن ، كەسىپىمگە ئائىت ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولالايسىز ......

  • يازما ئۇچۇرلىرى

    نۆۋەتتە 1 پارچە ئىنكاس بار | بۇنىڭ ئىچىدە :زىيارەتچى قالدۇرغىنى :1 پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :0 پارچە

    1. ئابدۇبەگ 2015-يىلى04-ئاينىڭ13-كۈنى |  1-رەت جاۋاب

      يازمىنى ياخشى يوللاپسىز رەھمەت… :wink:

      Firefox 37.0Windows 7

    بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل !