ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
قىستۇرما نامى : muellim-optimizer
قىستۇرما ئالاھىدىلىكى : WordPress 4.2 نەشىرىگىچە بولغان بارلىق نەشرىلىرىدە نورمال ئىشلەش بىلەن بىرگە WordPress نىڭ 4.2 نەشرىدىكى Emoji ئىپادىسىنى چەكلەش ئىقتىدارىنىمۇ ھازىرلىغان بولۇپ ، قىستۇرما تەڭشىكىدە سىز بىر كۇنۇپكا ئارقىلىق تەڭشەش ئېلىپ بېرىپ ، بېكىتىڭىزنى تىزلىتىش مەقسىتىگە يېتەلەيسىز . بولۇپمۇ ساندان تازىلاش ۋە ئەلالاشتۇرۇش ، گوگېلى خېتىنى چەكلەش ، باش سۈرەت مۇلازىمىتىرىنى ئالماشتۇرۇش ، WordPress نىڭ نەشىر يېڭىلاشلىرى ، قىستۇرما ۋە ئۇسلۇب يېڭىلاشلىرىنى بىر كۇنۇپكا بىلەن چەكلەش ۋە ئەلالاشتۇرۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان . قالدىسىنى قىستۇرمىنى ئىشلىتىپ كۆرۈپ بىر نەرسە دېگەيسىز ...
قىستۇرما كەسمە رەسىملىرى
چۈشۈرۈش ھەققىدە
تور دېسىكىلىرىغا قارىتا ئىشەنچ سۇسلاپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن ، QQ توپى بوشلۇقىغا يوللاندى ، توپقا ئەزا بولۇپ چۈشۈرۋالسا بولىدۇ . ھەمدە توپتا قىستۇرما ۋە ئۇسلۇب ھەققىدىكى سۇئاللىرىغا جاۋاب تاپالايدۇ . ئەگەر چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ، توپتىن ئۆز ئىختىيارلىقى بويىچە چېكىنىپ چىقىپ كەتسىمۇ ياكى ئەزا بولۇپ تۇرىۋەرسىمۇ بولىدۇ . ئەمما ئەزا بولغۇچىلار توپتىكى نامىنى بېكەت نامىغا ئالماشتۇرۋىلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ . توپقا ئەزا بولغاندىن كېيىن ئېلان يوللاشقا ئەسلا بولمايدۇ ، ئەسكەرتمىگە بويسۇنمىغۇچىلار كۆرۈلسە توپتدىن چىكىندۈرلىدۇ ...
توپ نومۇرى : 246910166
2015-يىلى 09-ئاينىڭ 29-كۈنى 7:25 چۈشتىن كېيىن تەخىت
ماۋۇ قالتىس قىستۇرمىكىنا توۋا ئۇستاز بىلوگ يىزىش يەنىلا كۆڭۇللۇككەن جۇمۇ
2015-يىلى 07-ئاينىڭ 12-كۈنى 11:19 چۈشتىن بۇرۇن ئورۇندۇق
ئەسسالام-ئەلەيكۇم مۇئەللىمكا مەن بۇ قىستۇرمىنى قاچېلاپ ئىشلەتكەن ئىدىم
ساندان ئەلەلاشتۇرۇش نى باسسام بىلوگىم ئىچېلماس بوپ قالدى قانداق ھەل قىلمەن
بۇ مەسېلىنى
2015-يىلى 06-ئاينىڭ 30-كۈنى 9:20 چۈشتىن كېيىن پەگاھ
رەھمەت مۇئەللىم. مەن سىناپ باقاي
2015-يىلى 06-ئاينىڭ 30-كۈنى 2:06 چۈشتىن كېيىن 4-قەۋەت
بۇ راستىلا قالتىس قىستۇرمىكەن. بىلوگۇمنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتىنى يېرىم ھەسسە تېزلىتىپ بەردى. ئۇستازغا رەھمەت.
2015-يىلى 06-ئاينىڭ 30-كۈنى 12:54 چۈشتىن كېيىن 5-قەۋەت
مەنمۇ ئىشلىتىپ باقاي بىزنىڭ بلوگ بەك ئىغىرلىپ كەتكەن ئىدى …
2015-يىلى 06-ئاينىڭ 29-كۈنى 9:46 چۈشتىن كېيىن 6-قەۋەت
سالام.
ماۋۇ قىستۇرما بولىدىغاندەك قىلىدۇ، مەنمۇ سىناپ باقاي قېنى.