ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
wordpress بىلوگلىرى ئۈچۈن ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىۋىتىپ ، مۇنداق بىر مەسىلىگە يولۇقتۇم . بىر قىسىم ئۇسلۇبلار تىگىدىن باش بەتتە ئۈزۈندە كۆرسىتىشنى قوللايدۇ ، ئەمما يەنە بىر قىسىم ئۇسلۇبلار قوللىمايدۇ . ئۈزۈندە كۆرسىتىشنى قوللىمايدىغان ئۇسلۇبلارغا قارىتا بىلوگگىرلار يازما يازغاندا ، يازمىنى پارچىلاش كونۇپكىسى ئارقىلىق ، باش بەتتە ئۈزۈندە كۆرسىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرسىمۇ ، ئەمما ، بۇ بىر خىل ئاۋارىچىلىق ھېسابلىنىدۇ . ھەر بىر قېتىم يازما يوللىغاندا ، يازما پارچىلاش ۋە ياكى ئۈزۈندە كۆرسىتىش رامكىسى ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ .
ئۈزۈندە كۆرسىتىشنى قوللىمايدىغان ئۇسلۇبلارغا قارىتا ، بۇنىڭدىنمۇ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بارمىدۇ ؟
-ئەلۋەتتە بار.
مەن بۇنداق ئۇسلۇبلارغا قارىتا ھازىرچە ئىككى خىل ئۇسۇلنى قوللىنىش ئارقىلىق ، باش بەتتە ئۈزۈندە كۆرسىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇردۇم . بۇنىڭ بىرى ، قېستورما ئارقىلىق باش بەتتە ئۈزۈندە كۆرسىتىش ، يەنە بىر خىلى بولسا ........
مۇشۇ يازمىغا چۈشكەن ئىنكاسلارغا قارىتا ، ئاندىن ئىككىنچى خىل ئۇسۇلنى ئوتتۇرغا قوياي بولمىسا .
ھازىرچە بىرىنچى ئۈسۈل - قېستورما ئارقىلىق باش بەتتە يازمىدىن ئۈزۈندە كۆرسىتىشنى سۆزلەيمىز .
قېستۇرما نامى : قىسقارتىش ماھىرى .
كۆرۈنمە يۈزى : ئۇيغۇرچە . ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قېيىنچىلىق تارتىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ، ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىندى .
كۆرۈنمە يۈزى تۆۋەندىكىچە :
يۇقىرىدىكى رەسىمىدىكىگە ئوخشاش ، سىز باش بەت ۋە ئارخىپ بېتىدە ، ۆرسەتمەكچى بولغان ئۈزۈندە بولىكىنى خالىغانچە تەڭشىيەلەيسىز . ئىشلىتىشمۇ ئاددى ، قوزغىلىشىمۇ تىز بولۇپ ، بىلوگنىڭ قوزغىلىشىغا قارىتا ھېچقانداق ئەكىس-تەسىرى يوق .
شۇنداق كۆركەم ئۇسلۇبلارغا كۆزى چۈشكەن ، ئەمما ، باش بەتتە بىر پۈتۈن يازما كۆرىنىۋىلىش مەسلىسىنى ھەل قىلالمىغان دوستلارغا نېسبەتەن ، بۇ قېستۇرما بارلىق باش قىتىنچىلىقىنى تۈگىتەلەيدۇ ، دەپ قارىدىم .
ئىشلىتىش ئۇسۇلى : قېستورمىنى تۆۋەندىكى ئادرىستىن چۈشۈرگەندىن كېيىن ، plugins/wp-content/مۇندەرىجىسى ئىچىگە يۈكلەڭ ، ئاندىن بىلوگ ئارقا بېتىگە كېرىپ ، قېستورمىلار دېگەن تىزىملىكتىن قوزغىتىپ قويۇڭ . ئاندىن باش بەتتە ئۈزۈندە بۆلىكىنى قانچىلىك نېسبەتتە كۆرسەتمەكچى بولسىڭىز ، «تەڭشەكلەر»دېگەن تىزىملىكتىن «ئۈزۈندە قېستورمىسى»دېگەن تاللاشقا كېرىپ ، بۆلەك ئۈزۈنلۇقىنى خالىغانچە تەڭشەڭ .....
نۆۋەتتە :14 باھا بار ؛ بۇنىڭ ئىچىدە زىيارەتچى قالدۇرغىنى 9 پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى 5 پارچە
باھا يوللىنىۋاتىدۇ ......
2015-يىلى 11-ئاينىڭ 02-كۈنى 1:56 چۈشتىن كېيىن تەخىت
تولىمۇ ياخشى قىستۇرمىكەنتۇق ، لىكىن چۈشۈرەلمىدىم ، چۈشۈرۈش ئادىرسى ئۆچۈپ كېتىپتۇ .
2015-يىلى 11-ئاينىڭ 02-كۈنى 9:13 چۈشتىن كېيىن 1-قاتار
@قەدىمكى ئورمان ئوڭشاپ قويدۇم ، خاتىرجەم چۈشۈرۈپ ئىشلىتىڭ ….
2015-يىلى 11-ئاينىڭ 02-كۈنى 9:47 چۈشتىن كېيىن 2-قاتار
@مۇئەللىم رەخمەت مۇئەللىم .
2015-يىلى 03-ئاينىڭ 21-كۈنى 11:44 چۈشتىن بۇرۇن ئورۇندۇق
مەن كود ئارقىلىق ھەل قىلدىم بۇنى شىئىر يازسام شىئىر بويىچە تۇز يازما يازسام تۇز چىقىدۇ .
2015-يىلى 03-ئاينىڭ 22-كۈنى 12:34 چۈشتىن كېيىن 1-قاتار
@بىلرام @بىلرام بىلوگىڭىز ئېچىلمىدى ….
2015-يىلى 03-ئاينىڭ 16-كۈنى 3:53 چۈشتىن كېيىن پەگاھ
بولىدىغان قىستۇرمىدەك قىلىدۇ . مەن بىلوگىمغا مۇشۇنىڭ ئاساسەن بىر قىلىپ باقاي قىنى
2015-يىلى 03-ئاينىڭ 16-كۈنى 1:20 چۈشتىن كېيىن 4-قەۋەت
ئىسىل قىستۇرمىكەن
2015-يىلى 03-ئاينىڭ 12-كۈنى 12:36 چۈشتىن بۇرۇن 5-قەۋەت
مۇشۇ قىستۇرمىنى ئەينى ۋاقىتلاردائىشلىتىدىغان قىستۇرمىىمۇ يە؟؟يىڭىسىمۇ؟؟
2015-يىلى 03-ئاينىڭ 12-كۈنى 9:38 چۈشتىن كېيىن 1-قاتار
@ئەپبازا @ئەپبازا ئۆزىڭىزمۇ بىلگەندەك قىلىسىز . بەك بىلەلمىگەن بولسىڭىز يېڭى دەپ قارىسىڭىز يېڭى ، كونا دەپ قارىسىڭىز كونا ، گەپ قانداق قاراشتا ئەمەس بەلكى ئىشلىتىشتە …
2015-يىلى 03-ئاينىڭ 08-كۈنى 7:13 چۈشتىن كېيىن 6-قەۋەت
ماڭا لازىم بولۇپ قالىدىغاندەك قىلىدۇ، رەھمەت سىزگە!
2015-يىلى 03-ئاينىڭ 08-كۈنى 11:39 چۈشتىن كېيىن 1-قاتار
@ئۇيغۇربەگ @ئۇيغۇربەگ ئېلىۋەرسىلە ، بۇ بىلوگدىكى ھەر قانداق نەرسە سىلىدىن ئېزىز ئەمەستۇر !
2015-يىلى 02-ئاينىڭ 26-كۈنى 4:05 چۈشتىن بۇرۇن 7-قەۋەت
كۆپرەھمەت…
2015-يىلى 02-ئاينىڭ 24-كۈنى 8:49 چۈشتىن كېيىن 8-قەۋەت
ئىككىنجى خىل ئۇسۇلنى قالدۇرۇپ قويمامسىز ؟
2015-يىلى 03-ئاينىڭ 15-كۈنى 1:07 چۈشتىن بۇرۇن 1-قاتار
@ئىسيانكار @ئىسيانكار ئىككىنچى ئۇسۇلنى يوللاپ بولغىلىمۇ نەۋاخ ، مۇشۇ بىلوگنى ئاقتۇرسا چىققاتتى …