نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت | ئۆرنەكلەر | ئاساسىي مەزمۇن
WordPress نىڭ باشقۇرۇش باش بېتى ۋە يىڭىلاشلار
2015-يىلى02-ئاينىڭ21-كۈنى | ئۆرنەكلەر |جەمئى 1494خەت بار | 495 قېتىم كۆرۈلدى | 7پارچە ئىنكاس بار

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنىڭ زور دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە ، WordPress نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى قايتا ئىجازەتكە ئېرىشىش بىلەن بىرگە ، ئورگان تەرەپتىن ئاپتوماتىك تارقىتىلدى، بىز بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشالمىز، شۇنداقلا ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنىڭ ئۇيغۇر بىلوگچىلىقى ئۈچۈن قوشقان توھپىسىگە رەھمەت-تەشەككۈرىمىزنى بىلدۆرىمىز .
ئۇيغۇر WordPress بىلوگگىرلىرى ئەگەر بىلوگ ئارقا بېتى «باشقۇرۇش بېتى» گە ئۆتكەن بولسىلا ، تۆۋەندىكى ئەسكەرتمىنى چوقۇم كۆرەلەيدۇ ؛
2015022101
ھەر قېتىم WordPress نىڭ يېڭى نەشرى تارقىتىلغاندا ، بىز باشقۇرۇش بېتىدە يۇقىرىقى رەسىمدىكىدەك يېڭىلاش ئەسكەرتمىسىنى كۆرەلەيمىز . ئەگەر WordPress نى يېڭى نەشرگە كۆتۈرمەكچى بولساق ، ئەسكەرتىش ئۈچۈرلىرى بىزگە نېمە ئىش قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى تەپسىلى ئېيتىپ بېرىدۇ . رەسىمگە قاراڭ ...
2015022102
يۇقىرىقى رەسىمدىكى ئەسكەرتىشلەرنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن ، دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك نوقتىلارغا دىققەت قىلغان ئاساستا ، يېڭىلاش ئېلىپ بارساق بولىدۇ . مەشغۇلات ئۇسۇلىنى تۆۋەندىكى رەسىملەردىن كۆرۈڭ :
2015022103

2015022104

2015022105

2015022106

2015022107

2015022108

دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك نوقتىلار

ئەگەر سىز يېڭى ئىشلەتكۈچى بولسىڭىز ، يېڭىلاشتىن ئىلگىرى باشقۇرۇش بەتكە ئۆتۈپ ، بارلىق قىستۇرمىلارنى ئىشتىن توختاتقاندىن كېيىن ، سانداننى زاپاسلىۋىلىپ ، ئاندىن نەشىر كۆتۈرۈشكە ئادەتلىنىشىڭىز كېرەك . ئەگەر نەشىر كۆتۈرۈش جەريانىدا تاسادىپى سانداندىكى ئۇچۇرلار تازىلىنىپ كەتسە ، كېچە دۈم يېتىپ يازغان يازمىلىرىڭىزدىن ئايرىلىپلا قالماستىن بەلكى چەككەن جاپالىرىڭىزمۇ بىر تېيىن بولۇپ قالىدۇ .
ئەگەر زاپاس ساندىن بولسا ، بۇ خىل ئەھۋاللارغا يولۇقۇپ قالساق پۇشايمان قىلىشنىڭمۇ ھاجىتى قالمايدۇ . قېنى يېڭى نەشىردىكى WordPress ھوزۇرىنى بىر سۈرۈپ باقمامسىز ؟
سىزگە ئامەت يار بولسۇن !!!

wordpress يۈرۈشلۈك دەرسلىكلىرى

QR:  WordPress نىڭ باشقۇرۇش باش بېتى ۋە يىڭىلاشلار

ئاپتور « مۇئەللىم» ھەققىدە

  • بىلوگچىلىققا بولغان قىزىقىشىم تۈپەيلى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىمنىڭ نامىغا ماس ھالدا «مۇئەللىم بىلوگى»نى قۇرۋالدىم . مېنى نۇرغۇنلىغان بىلوگ ۋە مۇنبەرلەردە «مۇئەللىم»ياكى «ئىقبال»نامىدا ئۇچىرىتالايسىز . بۇ بىلوگ مېنىڭ شەخسى دۇنيارىم ، بۇ يەردە ۋوردپرېس توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرىمدىن ، كەچمىشلىرىمنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن يازغان شېئىر ۋە يازمىلىرىمدىن ، كەسىپىمگە ئائىت ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولالايسىز ......

  • يازما ئۇچۇرلىرى

    نۆۋەتتە 7 پارچە ئىنكاس بار | بۇنىڭ ئىچىدە :زىيارەتچى قالدۇرغىنى :5 پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :2 پارچە

    1. ھەبىب 2015-يىلى02-ئاينىڭ28-كۈنى |  1-رەت جاۋاب

      دوستۇم بولسا ماۋۇ چ چ نى قاچىلغان بولسىڭىز ، ئ‍ازراك ئ‍ىش باتتى سورايدىغان…..

      Safari 534.30Android 4.1.2
      • مۇئەللىم 2015-يىلى02-ئاينىڭ28-كۈنى |  1-قاتار جاۋاب

        @ھەبىب قايسى چ چ نى ؟ نۇمۇرىچۇ ؟ بىلوگىڭىز ئىشلەتكەن ئۇسلۇبنىڭ يېزىق تونۇماسلىق مەسلىسىنى سورىماقچىمىتىڭىز ؟؟؟

        Google Chrome 40.0.2214.115Windows 7
    2. پېشۋا 2015-يىلى02-ئاينىڭ24-كۈنى |  2-رەت جاۋاب

      «يېڭىلاش» نى باسسام، »بولاق يېشىلىۋاتىدۇ» :?: دېگەن يەردىن ئۆتەلمىدى؟ يېڭىدىن قاچىلاش ئۈچۈن قانداق قىلسام بولا؟

      Google Chrome 38.0.2125.104Windows 8.1
    3. ئابدۇبەگ 2015-يىلى02-ئاينىڭ21-كۈنى |  3-رەت جاۋاب

      چۇشەنچە بەرگىنڭىزگە رەھمەت…

      Firefox 35.0Windows 7
    4. ئىسيانكار 2015-يىلى02-ئاينىڭ21-كۈنى |  4-رەت جاۋاب

      ماڭا بىر ئۇسلۇب تەرجىمە قلىپ بىرىشكە ۋاقتىڭىز چىقارمۇ ؟ بىكارلىق ئەمەس ھە :oops:

      unknowWindows 8.1
      • مۇئەللىم 2015-يىلى02-ئاينىڭ21-كۈنى |  1-قاتار جاۋاب

        @ئىسيانكار لازىملىق ئۇسلۇبنى چۈشۈرۈپ ، ئېلخېتىمگە يوللاپ بېرىڭ …

        Google Chrome 41.0.2243.0Windows 7
        • ئىسيانكار 2015-يىلى02-ئاينىڭ22-كۈنى |  2-قاتار جاۋاب

          @مۇئەللىم تاق ستونلۇق يەنى ( abral.net 24eng.com ) مۇشۇ خىلدىكى ئاددى ئۇسلۇب ئىزدەيتتىم ئىزدەۋاتىمەن تېخى ….

          unknowWindows 8.1

    بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل !