زېدىلەنگەن مېۋە

ئېلانلىرىمىز سەرخىل

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
ئەر خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قالغىنىغا ئۈچ يىل بوپتۇ ، ئۇ ئويلا-ئويلا ئاخىرى بىر مېۋە دۇكىنى ئېچىش قارارىغا كەپتۇ . دەسلەپ ئوقىتى كۆڭۈلدىكىدەك بولماي ، ئىشلىرى ئانچە يۈرۈشمىگەن چاغلاردا ، چىرايى ئېچىلماي يۈرەتتى . ئايالى چۈشلىرى تاماق ئاپىرىپ بەرگەندىمۇ ، ئايالىغا قاتتىق تېگىپ ، تاماقنى ئوخشىماپتۇ ، دەپ قاقشايتتى .
بىر كۈنى ئايالى تۈگرە تۈگۈپ ئېرىغا ئاپىرىپ بېرىپتۇ . ئېرى تاماقنى يەپ بولغاندىن كېيىن ئايالى يادىغا يېتىپ :
- سىزمۇ يېدىڭىزمۇ ؟ - دەپ سوراپتۇ .
- ھەئە ، يېدىم ، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئايالى .
ئايالى كېتىپ ئۇزاق ئۆتمەي ، ئېرى ئۆزىنىڭ ئەتە سەھەردە مال ئالىدىغان پۇلنى ئۆيدە ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى بايقاپتۇ -دە ، ئالدىراپ- تېنەپ ئۆيىگە قايتىپتۇ .
ئۇ ئۆيگە كىرىپ ئايالىنىڭ ئاشخانىدا زوڭزۇيۇپ ئولتۇرغىنىچە بىر قانچە تۈگرە چۆپى لەيلەپ قالغان تۈگرە سۈيىنى ئىچىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قاپتۇ ، ئۇنىڭ كۆزلىرى نەمدىلىپتۇ . گەرچە دوختۇر ئايالىنىڭ كۆپرەك مېۋە-چىۋە يېيىشى كېرەكلىكىنى ئېيىتقان بولسىمۇ ، بىراق ئۇ دۇكىنىدىكى بىرەر تال مىۋىنىمۇ ئۇنىڭغا يە دەپ بېرىپ باقمىغانىدى . شۇ كۈنى كەچ ئۆيگە قايىتقاندا ، ئۇ مىجىلىپ زېدە بولۇپ كەتكەن بىر تال شاپتۇلنى ئالغاچ كەپتۇ - دە ، ئازراق باتنىغان قىياپەتتە :
- خېرىدارلار بۇ مېۋىنى بۇزۇلۇپ قاپتۇ دەپ ئەرزان بەرسەممۇ ئالمىدى ، سەن يەۋەتكىن ، - دەپ ئايالىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپتۇ .
شۇ كۈندىن باشلاپ ، ئۇ ھەر كۈنى دۇكاندىن زېدە بولغان ياكى مىجىلىپ كەتكەن مېۋىدىن ئالغاچ كېلىدىغان بوپتۇ . ئېرى ھەر دائىم :
- بۇلارنى ساتقىلى بولمايدۇ ، تاشلىۋەتكەندىن كۆرە سېنىڭ يەۋەتكىنىڭ تۈزۈك ، - دەيدىكەن .
ئېھتىمال ، مېۋە-چىۋىلەر پايدا قىلغان بولسا كېرەك ، ئايالىنىڭ سالامەتلىكىمۇ بارا-بارا ياخشىلىنىشقا باشلاپتۇ .
ھەش-پەش دېگۈچە ئۈچ يىل ئۆتۈپ كېتىپتۇ . ئېرىنىڭ ئوقىتى يۈرۈشۈپ ، مېۋە دۇكىنى ئەسلىدىكىدىن بىر قانچە ھەسسە كېڭىيىپتۇ ، يەنە شەھەر ئىچىدىن بىر يۈرۈش ئىككى ئېغىزلىق ئۆيمۇ سېتىۋاپتۇ . بۇ جەرياندا ئېرىنىڭ ھەر كۈنى كەچتە ئايالىغا زېدە بولۇپ كەتكەن مېۋىلەرنى ئالغاچ كېلىشى بىر كۈنمۇ توختاپ قالماپتۇ .
ھاۋا تۇتۇق بىر كۈنى كەچتە ، ئايالى ئېرىنىڭ يامغۇردا قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ، كۈنلۈك ئاپىرىپ بېرىش ئۈچۈن دۇكانغا كەپتۇ .
ئايال دۇكانغا كىرسە ئېرى كۆرۈنمەپتۇ . ئەجەبلىنىپ تۇرۋاتقاندا ، ئىچكىرىكى ئۆيدىن «توك-توك» قىلغان ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ . ئۇ يېرىم يېپىلغان ئىشىك يوچۇقىدىن ، ئېرىنىڭ بىر ئانارنى ئېلىپ يەرگە كۈچەپ ئېتىۋاتقانلىقىنى ، ئانار كۆرۈنەرلىك زېدە بولغاندا ، ئانارنىڭ يۈزىدىكى توپا-چاڭلارنى ئاۋايلاپ سۈرۈتۈپ ئالدىن تەييارلاپ قويۇلغان مېۋە خالتىسىغا سېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قاپتۇ .
ئايالىنىڭ كۆزلىرى نەمدىلىپتۇ . ئۇنىڭ شۇ تاپتىكى ھېسىياتى خۇددى بۇنىڭدىن ئۈچ يىل بۇرۇن ، ئېرى ئۆزىنىڭ ئاشۇ كىچىككىنە مەخپىيەتلىكىنى بايقاپ قالغىنىغا ئوخشاش شۈنچىلىك تاتلىق ، شۇنچىلىك تەسىرلىك تۇيۇلۇپتۇ .

(تەرمىلەر ژۇرنىلى 2013-يىلى 12-سانىدىن ئېلىندى)

قوللاش شەكلى

تاۋباۋ چىقىمدانى ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇڭ

ئۈندېدار ھەميانى ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇڭ

    ئاپتور « مۇئەللىم» ھەققىدە

    مۇئەللىم
  • بىلوگچىلىققا بولغان قىزىقىشىم تۈپەيلى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىمنىڭ نامىغا ماس ھالدا «مۇئەللىم بىلوگى»نى قۇرۋالدىم . مېنى نۇرغۇنلىغان بىلوگ ۋە مۇنبەرلەردە «مۇئەللىم»ياكى «ئىقبال»نامىدا ئۇچىرىتالايسىز . بۇ بىلوگ مېنىڭ شەخسى دۇنيارىم ، بۇ يەردە ۋوردپرېس توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرىمدىن ، كەچمىشلىرىمنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن يازغان شېئىر ۋە يازمىلىرىمدىن ، كەسىپىمگە ئائىت ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولالايسىز ......

  • يازما ئۇچۇرلىرى

ئېلانلىرىمىز سەرخىل

نۆۋەتتە :1   باھا بار ؛ بۇنىڭ ئىچىدە زىيارەتچى قالدۇرغىنى   1   پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى   0 پارچە

  1. نوقۇت. 2

    مەنمۇ كەلگۈسىدىكى ئايالمنىڭ ۋە ئۆزۈمنىڭ شۇنداق بولشنى ئۆمۈت قىلمەن ۋە ئىگەمدىن تىلەيمەن

باھا يوللىنىۋاتىدۇ ......

بىر باھا بىر كۆڭۈل !

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen: