نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت | تەرمىلەر | ئاساسىي مەزمۇن
يان تېلېفون (ھېكايە)
2014-يىلى04-ئاينىڭ09-كۈنى | تەرمىلەر |جەمئى 1957خەت بار | 199 قىتىم كۆرۈلدى+ | ئىنكاس يوللانماپتۇ

(ھېكايە)
ئاندېلې فمولېي (رۇسىيە)

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
بىر يولۇچى ئاپتوبۇسقا كەينى ئىشىكىدىن چىقتى. ئۇ ئاپتوبۇستىكىلەرنىڭ يان تېلېفوندا سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى كۆردى. يولۇچى ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاچ، ئالدىغا سۈرۈلەتتى. ئاپتوبۇستىكى ھېچكىم ئۇنىڭغا دىققەت قىلمىدى. ھەممەيلەن يان تېلېفوندا سۆزلىشىش بىلەن ئالدىراش ئىدى.
ئون ياشلار چامىسىدىكى قىزچاق: ‹‹كىم مېنى ئادەمنى بىزار قىلىدۇ، – دەيدۇ؟ مەن كىمنى تويغۇزۇۋېتىپتىمەن؟ بىلىپ قوي، ئادەمنى بىزار قىلىدىغان ئەسلىي ئۆزۈڭ! ھۇ چارپاقا...››
سېرىق چاچلىق قىز: ‹‹سەن تازا ۋاراڭ – چۇرۇڭ يەردە ئىكەنسەنغۇ؟ ئېيتە، زادى نەدە؟ نېمە، تاماق يەۋاتىمەن؟ نېمە تاماق؟ دوستۇمنىڭ تويىدا؟ ئۇنداق بولسا سۆزلەشسەك نېمىشقا بىئەپ بولغۇدەك؟... ››
30 ياشلار چامىسىدىكى ئەر: ‹‹ھە، سۆزلە، نېمىشقا بولىس بىلەن تانسا ئوينايسەن؟ سېنى تانسىغا تەكلىپ قىلغانلىقى ئۈچۈنلىما؟ يەنە تېخى خىجىل بولماستىن <نېمىشقا ھاراق ئىچتىڭ> دەپ سوراۋاتامسەن؟ ››
ھەربىي: ‹‹سەن كېرىشوۋدىن سوراپ باق، ئۇنىڭ تانكىسى نەدىكىن. ھە توغرا، ئۇنىڭدىن سوراپ باق، نېمە؟ تانكا يوقمىكەن! ھۇ يارىماس! ››
پوپ: ‹‹بولمايدۇ، ئۈلگۈرەلمەيمەن، دەپنە مۇراسىمىنى باشلاشقا بولمايدۇ... يەنە كىم توۋا قىپتۇ... يان تېلېفوننى ئۇنىڭغا بەر. مەن ئاڭلاۋاتىمەن! ››
يولۇچى قىستىلىپ يۈرۈپ شوپۇر بۆلۈمچىسىنىڭ يېنىغا كەلدى، ئۇ بۆلۈمچىنىڭ دېرىزىسىنى ئۇرۇپ توۋلىدى:
— ماشىنىنى توختىتىڭ، مەن چۈشىمەن.
شوپۇرنىڭ قولى رولدا بولغاچقا، بېشىنى قىيسايتىپ ئېڭىكى بىلەن ئوڭ مۈرىسى ئارىسىغا قىستۇرۇۋالغان يان تېلېفونىدا سۆزلىشىۋاتاتتى، شۇڭا ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىدى. يولۇچى دېرىزىنى كۈچەپ ئۇرۇپ ۋارقىرىدى:
— ماشىنىنى توختات دەيمەن!
شوپۇر ئاخىرى ئاڭلىدى، ئۇ ئەمدىلا بېشىنى ئارقىغا قايرىۋېدى، ‹‹گۇم›› قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئاپتوبۇس ئىستولبىغا ئۇرۇلدى.
يولۇچى كۆزىنى ئاچقاندا ئىككى سېسترا ئۇنى نوسىلكىغا سېلىپ كۆتۈرۈپ كېتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ بىرى مۈرىسى بىلەن ئېڭىكىنىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇۋالغان يان تېلېفونىدا دوختۇرخانىغا يولۇچىنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىۋاتاتتى:
— ھەممىسى دېگۈدەك يارىلىنىپتۇ، ئۇنىڭ ئىچىدە بىر يارىدارنىڭ يارىسى...، – گەپ شۇ يەرگە كەلگەندە يان تېلېفون ئۇنىڭ مۈرىسىدىن سىيرىلىپ چۈشتى، سېسترا ئامال قىلىپ يان تېلېفوننى ئېلىۋالماقچى بولۇۋېدى، نوسىلكا ئۆرۈلۈپ يولۇچى يەرگە يىقىلدى.
يولۇچى كۆزىنى ئاچقاندا، ئۇنىڭ ئالدىدا بىر پەرىشتە تۇراتتى، ئۇمۇ يان تېلېفوندا سۆزلىشىۋاتاتتى:
— توغرا، ئۇ ھازىرلا كەلدى، ئېيتىڭا، ئۇنى نەگە ئاپىرىمىز؟

كۆچمە ئۈسكۈنە ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن
بىلوگ يازمىلىرى ئىككىلىك كودى !

ئاپتور « مۇئەللىم» ھەققىدە

  • بىلوگچىلىققا بولغان قىزىقىشىم تۈپەيلى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىمنىڭ نامىغا ماس ھالدا «مۇئەللىم بىلوگى»نى قۇرۋالدىم . مېنى نۇرغۇنلىغان بىلوگ ۋە مۇنبەرلەردە «مۇئەللىم»ياكى «ئىقبال»نامىدا ئۇچىرىتالايسىز . بۇ بىلوگ مېنىڭ شەخسى دۇنيارىم ، بۇ يەردە ۋوردپرېس توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرىمدىن ، كەچمىشلىرىمنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن يازغان شېئىر ۋە يازمىلىرىمدىن ، كەسىپىمگە ئائىت ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولالايسىز ......

  • يازما ئۇچۇرلىرى

    【ئالدىنقى يازما】
    【كېيىنكى يازما】

    بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل !