نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت | ئۆرنەكلەر | ئاساسىي مەزمۇن
WordPress ئىشلەتكۈچى نامىنى ئۆزگەرتىش
2014-يىلى03-ئاينىڭ24-كۈنى | ئۆرنەكلەر |جەمئى 1034خەت بار | 247 قىتىم كۆرۈلدى+ | 10پارچە ئىنكاس بار

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
WordPress بىلوگلىرىدا WordPress نى دەسلەپ قاچىلىغاندا بىكىتكەن ئىشلەتكۈچى نامىنى ئادەتتە ساندان باشقۇرۇشتىن ئۆزگەرتمىسە ، بىلوگ ئارقا بېتىدىن ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ . بەزى يېڭى ئىشلەتكۈچىلەر WordPress نى يېڭى قاچىلغاندا ، ئىشلەتكۈچى نامىغا بىلىپ-بىلمەيلا admin نى ئىشلىتىپ قالىدۇ . admin دىن ئىبارەت ئىشلەتكۈچى نامى كۆپلىگەن بۇزغۇنچىلارنىڭ ئالدىن ئويلىشىدىغان بىلوگقا ھۇجۇم قىلىشىدىكى نام بولغانلىقى سەۋەبىدىن ، ئىمكان بار ئۆزگەرتىۋەتكەن ياخشى .
ئەگەر ئۆرگەرتىۋىتىش ئويىڭىز بولسا ، ساندان باشقۇرۇشقا كىرمەيمۇ تۆۋەندىكى ئىككى قۇر كود ئارقىلىق ئىشلەتكۈچى نامىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ . ئۆزگەرتىپ بولغاندىن كېيىن ، ئىشلەتكەن كودنى ئۆچۈرۋىتىشنى ئۇنتۇماڭ .....

كودلار سەپىرى

تۆۋەندىكى كودنى ئۇسلۇب فونېكىسىيە ھۆججىتىنىڭ (functions.php) ئەڭ ئاخىرقى قۇرىدىكى ?> نىڭ ئۇستىگىلا چاپلاپ ، ساقلاپ چىكىنىڭ :

  1. global $wpdb;   
  2. $wpdb->query( " 
  3. UPDATE wp_users 
  4. SET user_login = 'ئەسلىدىكى ئىشلەتكۈچى نامى ' 
  5. WHERE user_login = يىڭى ئىشلەتكۈچى نامى'; 
  6. " );  

ئەسكەرتىش

1. ئىشلەتكۈچى نامىنى لاتىن يېزىقىدا يېزىشنى ئۇتۇماڭ
2. ئۆزگەرتىپ بولغاندىن كېيىن ، ئىشلەتكەن كودنى ئۆچۈرۋىتىشنى ئۇنتۇماڭ .

كۆچمە ئۈسكۈنە ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن
بىلوگ يازمىلىرى ئىككىلىك كودى !

ئاپتور « مۇئەللىم» ھەققىدە

  • بىلوگچىلىققا بولغان قىزىقىشىم تۈپەيلى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىمنىڭ نامىغا ماس ھالدا «مۇئەللىم بىلوگى»نى قۇرۋالدىم . مېنى نۇرغۇنلىغان بىلوگ ۋە مۇنبەرلەردە «مۇئەللىم»ياكى «ئىقبال»نامىدا ئۇچىرىتالايسىز . بۇ بىلوگ مېنىڭ شەخسى دۇنيارىم ، بۇ يەردە ۋوردپرېس توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرىمدىن ، كەچمىشلىرىمنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن يازغان شېئىر ۋە يازمىلىرىمدىن ، كەسىپىمگە ئائىت ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولالايسىز ......

  • يازما ئۇچۇرلىرى

    【ئالدىنقى يازما】
    【كېيىنكى يازما】

    نۆۋەتتە 10 پارچە ئىنكاس بار | بۇنىڭ ئىچىدە :زىيارەتچى قالدۇرغىنى :6 پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :4 پارچە

    1. تەشنايى 2014-يىلى03-ئاينىڭ31-كۈنى |  1-رەت | @جاۋاب جاۋاب

      ئەسسالامۇ – ئەلەيكۇم!
      نەچچە كۈن كىرمىسەم ماۋۇ بلوگدا باش سۈرەتلەر تىزىلىپ كىتىپتا! ھەممىسى ئادەمگە تىكىلىپ قايلاپ تۇيغاندەك بىلىنىدىكەن ئاينا!

      Google Chrome 33.0.1750.154Windows 8.1
    2. بەگمۇرات 2014-يىلى03-ئاينىڭ26-كۈنى |  2-رەت | @جاۋاب جاۋاب

      ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۇئەللىم ،
      http://www.wix.com دا ھەقسىز بىلوگ قورغىلى بۇلىدىكەن . بەلكىم بىلوگ قۇرماقچى بولغان قېرىنداشلېرىمىزغا ياردىمى بۇلۇپ قىلىشى مۇمكىن. ئاتىكاچىلىق قىپ قويمىغاندىمەن ھە ھى. ھى…. :grin: :smile:

      Firefox 20.0Ubuntu Linux
      • مۇئەللىم 2014-يىلى03-ئاينىڭ27-كۈنى |  1-قاتار | @جاۋاب جاۋاب

        ياق ، ئاتىكاچىلىق قىلمىدىڭىز ، ئەمدى شۇ ھەقسىز بوشلۇقنى ئىلتىماس قىلىش ، ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى چۈشەندۈرۈپ ، بىلوگىڭىزغا بىر يازما يوللىغان بولسىڭىز يامان ياغدەك ئىش بولاتتى ……مەندەك ئېنگىلىسچە بىلمەيدىغانلار ئۈچۈن !

        Google Chrome 32.0.1700.107Windows 8.1
    3. بويتاق ئېزىتقۇ 2014-يىلى03-ئاينىڭ26-كۈنى |  3-رەت | @جاۋاب جاۋاب

      مەن سىناپ باقتىم ،قاملاشقاندەكقۇ ،رەھمەت مۇئەللىم! :mrgreen:

      Google Chrome 33.0.1750.154Windows XP
    4. دوغاپ 2014-يىلى03-ئاينىڭ24-كۈنى |  4-رەت | @جاۋاب جاۋاب

      مۇئەللىم، كونا يېڭى ئىككىسى ئالمىشىپ قالغاندەكقۇ؟

      Google Chrome 33.0.1750.154Windows 8.1
      • مۇئەللىم 2014-يىلى03-ئاينىڭ25-كۈنى |  1-قاتار | @جاۋاب جاۋاب

        ئۇنداق ئەمەس ، مەن خەنزۇچە يازمىدىكى كودنى كۆچۈرۈپلا كەلدىم …..

        Google Chrome 33.0.1750.149Windows 7
        • دوغاپ 2014-يىلى03-ئاينىڭ25-كۈنى |  2-قاتار | @جاۋاب جاۋاب

          مۇئەللىم، راسلا خاتا بولۇپ قاپتۇ، ئۆگەنگىنىم مېنىڭچە خاتا ئەمەس…

          Google Chrome 33.0.1750.154Windows 8.1
          • سالىھ بىگ 2014-يىلى03-ئاينىڭ31-كۈنى |  3-قاتار | @جاۋاب جاۋاب

            بىر سىناپلا قىلىپ باقمامسىلە مەۋھۇم مۇھىتتا…ھازىر قايسىڭلارنىڭ توغرا مەنمۇ بىلەممەي قالدىم .

            Google Chrome 33.0.1750.149Windows 7
            • مۇئەللىم 2014-يىلى03-ئاينىڭ31-كۈنى |  4-قاتار | @جاۋاب جاۋاب

              دوغاپنىڭ دېگىنى بويىچە ئۆزگەرتىپ قويدۇم سالھىبەگ …..

              Google Chrome 33.0.1750.154Windows 7

    بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل !