ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن !
قاراپ باقسام WordPressتوغۇرلۇق سورالغان سۇئاللارمۇ كۆپىيىپ كېتىپتۇ ، ئۇسلۇب ، تەرجىمە قىلىش دېگەن سۇئاللارنىڭ ئورنىنى ساندان قۇرۇش ، باشقۇرۇش ، زاپاسلاش ، ئەكىرىش دېگەن سۇئاللار ئېلىشقا باشلىغاچ ، بۇ ھەقتىكى بىلىدىغانلىرىمنى دوستلار ۋە بىلوگداشلار بىلەن ھەمكارلىشاي ، دېگەن نىيەتتە بۇ يازمىنى تەييارلىدىم . بۇ يازمىدىنمۇ ئەمەلىي نەپكە ئىرىشىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن .
ئەگەر سىز WordPressتە بىلوگ قۇرغۇچى بولسىڭىز ، ساندان قۇرۇش ، باشقۇرۇش ، ساندان زاپاسلاش ۋە زاپاس ساندان ھۆججىتىنى يىڭى قۇرۇلغان ساندانغا ئەكىرىش بىلىملىرىنى ئىگەللىشىڭىز تولىمۇ زۈرۈر .
phpMyAdmin- دېگەن نېمە ؟
phpMyAdminبولسا MySQL ساندانىغا قارىتا كونتىرۇل قىلىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارىدىغان پىرۇگىرامما بولۇپ ، بۇ ئارقىلىق بىز ساندانغا قارىتا قۇرۇش ، كۆچۈرۈش ، ئۆچۈرۈش ، ئەكىرىش ، چىقىرشتەك مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بارالايمىز .
phpMyAdmin نى نېمىشقا ئۆگىنىمىز ؟
ۋوردپرس بىلوگلىرى php تىلىدا يېزىلغان ، ھەم MySQL ساندانى ئىشلىتىدۇ ، phpMyAdmin بولسا دەل MySQL ساندانىغا قارىتا مەشغۇلات ئېلىپ بارىدىغان بولغاچ ، شۇڭا ئۇنى ئۆگىنىشىمىز تولىمۇ زۈرۈر .....
يىڭى ئىشلەتكۈچى ۋە ساندان قۇرۇش
1.ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ phpMyAdmin باشقۇرۇش ئۇچۇرىڭىز بىلەن (ساندان سېتىۋالغاندا سىزگە بەلگىلەپ بېرىلىدۇ .) تىزىملىنىپ ، «ھوقۇق»--«يىڭى ئەزا قۇرۇش»نى تاللايسىز . (رەسىمدىكىدەك )
2.تىزىملىنىش ئۇچۇرلىرىنى تولدۇرغاندىن كېيىن ، ئىشلەتكۈچى بىلەن ئوخشاش نامدا ساندان قۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا «بارلىق ھوقۇقنى بېرىش»نى تاللايمىز . (رەسىمگە قاراڭ )
رەسىمگە ئوخشاش مەشغۇلات قىلساق ، يىڭىدىن بىر ئىشلەتكۈچى قۇرۇپلا قالماي ، ھىچقانداق ئۇچۇر بولمىغان قۇرۇق ھالەتتىكى MySQL ساندانىغا ئىرىشىمىز . بۇ سانداننىڭ ئۇچۇرلىرى تۆۋەندىكىچە :
ئىشلەتكۈچى نامى : muellim
ساندان نامى : muellim
ساندان ئادرىسى : localhost
ساندان پارۇلى : سىز بىكىتىپ بەرگىنى شۇ
شۇنىڭ بىلەن بىز يىڭى بىر ئىشلەتكۈچى ۋە يىڭى ساندانغا ئىرىشتۇق ، رەسىمگە قاراڭ :
ئىشلەتكۈچى قۇرۇش ۋە يىڭىدىن ساندان قۇرۇش مەشغۇلاتى مۇشۇنداق ئاددى ، چۈشەندىڭىزمۇ ؟
چۈشەنگەن بولسىڭىز ئىنكاسلىرىڭىزنى ئايىماڭ ......
2013-يىلى07-ئاينىڭ25-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن تەخت
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .مىنىڭ بىلوگ قۇرۇشۇمغا ياردەم بىرلەرسىزمۇ ؟
چ چ 928021205
2013-يىلى07-ئاينىڭ22-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن كىرسلۇ
مۇئەللىمنىڭ يازمىلىرى ئەمدى قاسقاندىن چىقىشقا باشلاپتۇ دە،.،