ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، بۇ يازمىمىز WordPress تېخنىكىلىرى توغرىسىدا يېزىلغان بولۇپ ، سىزگە يارىغانلا بولسا ،بىزگە ئىلھام بېرىدىغان قەلىب سۆزلىرىڭىز بولغان ئىنكاسلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز ، رەھمەت !!!
نۆۋەتتە مەيلى مۇنبەرلەر بولسۇن ياكى ئۇنۋىرسال بىكەتلەر بولسۇن ، ۋە ياكى بىلوگلار بولسۇن ، ھەممەيلەن باش سۈرەت ئىشلىتىشكە ئادەتلىنىپ كەتتى .
باش سۈرەت بىر بىلوگگىرغا نېسبەتەن ئېيىتقاندا ، بىلوگگىرنىڭ قىزىقىشى ، خاراكتىرى ۋە ئالاھىلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان بەلگە خاراكتىرلىك سۈرەت .
ئۇندىن باشقا نۆۋەتتە كۆپلىگەن بىكەتلەر ئۆزگىچە بولغان Favicon بەلگىسى ئىشلىتىدىغان بولۇپ ، ھەر قايسى بىكەت باشلىقلىرى ئۆزى ياقتۇرىدىغان Favicon بەلگىسى بەلگىلىرىنى ئىشلىتىشنى ئاللىبۇرۇن باشلاپ كەتتى .
ئۇنداقتا ، سىز ئۆز باش سۈرىتىڭىزنى Favicon بەلگىسى قىلىپ ئىشلىتىشنى ئويلاپ باققانمۇ ياكى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ ؟
ئالدى بىلەن بىز باشقۇرۇش بېتىگە كېرىپ ، ئىشلەتكۈچىلەر__باشقۇرغۇچى--تەھرىرلەشتىن ، رەسىمدىكىدەك شەخسى ئۇچۇرلىرىمىزنى تولدۇرىمىز . بولۇپمۇ Gravatar تور بىكىتى ئارقىلىق ئىلتىماس قىلغان باش سۈرەت ئىشلەتكەن ئېلخەت ئادرسىمىزنىڭ توغرا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز .
ئاندىن تۆۋەندىكى كودنى functions.php نىڭ ئىچىدىكى ?> نىڭ ئۈستىگىلا قويىمىز .
- //باشقۇرغۇچى باش سۈرىتىنىFavicon بەلگىسى قىلىش
- function gravatar_favicon() { $GetTheHash = md5(strtolower(trim(get_bloginfo('admin_email')))); return 'http://www.gravatar.com/avatar/' . $GetTheHash . '?s=16'; } function favicon() { echo ''; }
- add_action('wp_head', 'favicon');
ئاندىن ساقلاشنى ئۇنتۇپ قالماڭ .....
شۇنىڭ بىلەن بۇ يازمىمىز تامام ، ئىنكاس يېزىشنى ئۇنتۇماڭ ، ئەگەر يەنە ئىنكاس يېزىشقا ئىرىنسىڭىز ، بۇنىڭمۇ ئامالى بار . ھى ...ھى .....
2015-يىلى01-ئاينىڭ04-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 11قەۋەت
رەھمەت سىناپ باقاي.
2015-يىلى01-ئاينىڭ04-كۈنى چۈشتىن كېيىن 1قەۋەت
@ئابدۇبەگ @ئابدۇبەگ مۇئەللىم بىلوگىغا باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ! دائىم قەدەم تەشرىپ قىلىشىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن .
2014-يىلى10-ئاينىڭ15-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 12قەۋەت
ئۆگىنىۋالدىم