ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، باسقان قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !!!
«WordPress توغرىسىدىكى يۈرۈشلۈك دەرسلەر»نىڭ داۋامى تولۇقلنىۋاتىدۇ . بۇ يازمىمىز بولسا «WordPress بىلوگىغا قىستۇرما قاچىلاش» توغۇرلۇق بولۇپ ، بەزىلىرىمىزگە بۇ دەرس ئىنايىن كونا ، لېكىن يىڭى بىلوگ سىپىگە كىرگەنلەر ئۈچۈن ، بىلىشكە تىگىشلىك مەزمۇنلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ . سەۋەبى ؛ بىزنىڭ بىلوگلىرىمىز بىلوگقا ئىقتىدار قوشۇش جەھەتتە يەنىلا «قىستۇرما»دىن ئايرىلالمايدۇ ......
WordPress بىلوگىغا قىستۇرما قاچىلاشنىڭ ئۈچ خىل ئۇسۇلى بار بولۇپ ، بۇنى تۆۋەندە سۈرەتلەر ئارقىلىق تەپسىلى سۆزلەيمىز ، بۇ ئىككى ئۇسۇل تۆۋەندىكىچە :
ئارقا بەتتە ئىزدېتىپ قاچىلاش
بىرىنچى رەسىمىدىكىسى بولسا ، بىلوگدا ئەسلىدە بار بولغان ياكى سىزنىڭ بىلوگ قۇرۇشىڭىزغا ياردەم بەرگۈچى دوستىڭىز تەرىپىدىن قاچىلاپ قويۇلغان قىستۇرمىلار تىزىملىكى .
تۆۋەندىكى رەسىملەردىكى ئەسكەرتىشلەر بويىچە قەدەممۇ-قەدەم مەشغۇلات تەرتىپىنى ئورۇنداڭ ؛
1-رەسىمدىن 5-رەسىمگىچە بولغانلىرىدا ، قىستۇرمىنىڭ نامىنى ئىزدەش رامكىسىغا يېزىش ئارقىلىق ، بىۋاستە ئارقا بەتتە قىتسۇرمىلارنى ئىزدىتىپ ، بىز ئىزدېگەن قىستۇرما تېپىلغاندا ، بىۋاستە قاچىلاش بۇيرۇقى ئارقىلىق قاچىلاش ئېلىپ بارىمىز :
كومپىيۇتىردىن يۈكلەش
6-رەسىمدىن 8-رەسىمگىچە بولغانلىرىدا بولسا ، ئۆزىمىز ياكى باشقىلار ياسىغان ، ۋە ياكى باشقا تىلدىكى قىستۇرمىلاردىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان قىستۇرمىلارنى ئاۋال تەمىنلەنگەن بىكەتتىن كومپىيۇتىرىمىزغا چۈشۈرۋىلىپ ، ئاندىن كومپىيۇتىرىمىزدىن بىلوگىمىزغا يۈكلەشتە ئىشلىتىلىدۇ .
FTPقورالى ئارقىلىق قاچىلاش
بۇنىڭدا ، بەزىدە ئارقا بەتتە ئىزدېتىپ قاچىلاش ۋە ياكى يۈكلەش ئۇسۇللىرىدا خاتالىق كۆرۈلۈپ ، قىستۇرما قاچىلانمىغان ئەھۋالدا ، بىۋاستە FTP قورالى ئاقىلىق كومپىيۇتىردىكى قىستۇرمىنى بىلوگ بوشلۇقىمىزنىڭ wp-content/plugins/ مۇندەرىجىسىگە يۈكلەيمىز ھەمدە ئارقا بەت قىستۇرمىلار--قاچىلانغان قىستۇرمىلار ئىچىدىن ، بىز بايام FTP قورالى ئاقىلىق قاچىلىغان قىستۇرمىنى تېپىپ ، قوزغىتىپ قويساقلا كۇپايە .
ئەسكەرتىش
قىستۇرمىلار ئىقتىدارىغا ئاساسەن ئاپتۇماتىك تەڭشەلگەن قىستۇرمىلار ۋە ئۆزىمىز قول سېلىپ تەڭشەيدىغان قىستۇرمىدىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ .
ئۆزىمىز قول سېلىپ تەڭشەيدىغان قىستۇرمىلارنى ئىھتىياجىمىزغا ئاساسەن ، قىستۇرما تەڭشىكىدىن ئۆزىمىز قول سېلىپ تەڭشەش ئېلىپ بارىمىز . بۇ قىستۇرمىلارنى كۆپىنچە ھاللاردا ئارقا بەت تىزىملىكىدىكى «تەڭشەكلەر»دېگەن تىزىملىكتىن قىستۇرما ئىسمىنى چىكىش ئارقىلىق ، قىستۇرما تەڭشەك بېتىگە كېرىپ ، تەڭشەش ئېلىپ بارىمىز . ئەڭ ئاخىرىدا قىلغان مەشغۇلاتىمىزنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن ، تەڭشەكنى ساقلاشنى ئۇنتۇپ قالماڭ .......
قوشۇمچە
قىستۇرمىلار تىزىملىكىدە تۇرۇپ ، قىستۇرما قاچىلاشقا ، قاچىلانغا ئەمما بىز ئىشلىتىشنى خالىمايدىغان قىستۇرمىلارنى ئۆچۈرۈشكە ، ھەمدە قاچىلانغان قىستۇرمىلارنى تەھرىرلەپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشقا ، ئۇيغۇرچە بىلوگ يۈزىگە ماس ھالدا ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ ......
بىلوگقا قىستۇرما قاچىلاش توغرىسىدىكى بۇ يازما مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى ، ئىنكاس يېزشنى ئۇنتۇماڭ ، ئىنكاسىڭىز ئارقىلىق بىلوگگىرلارنىڭ ئەمگىكىگە ئىلھام بېرىڭ .....
2013-يىلى08-ئاينىڭ19-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن تەخت
مانا ئىنكاس
2013-يىلى08-ئاينىڭ04-كۈنى چۈشتىن كېيىن كىرسلۇ
ماڭىلا تەييارلانغان يازمىدەك قىلىدۇ ، ئالدىرىما..ي.. تازا بىر كۆرەي…………..
2013-يىلى08-ئاينىڭ04-كۈنى چۈشتىن كېيىن 1قەۋەت
@بەگمۇراد سىز ئالدىنقى قېتىم سورىغان ئەمەسمۇ ؟
قىستۇرمنى نەدىن قاچىلايمەن ؟ باشتېمىلار دېگەن جايدىنمۇ ؟ دەپ….
شۇڭا سىزگە ئوخشاش يىڭى بىلوگگىرلار ئۈچۈن يازغان تېما بۇ .