بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى بۇرادىرىمىز ئەلسىھەت قاتارلىق بىر قانچە بىلوگداش ئۆزلىرىنىڭ بىلوگىنىڭ نەشىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مۇناسىۋىتى بىلەن Count per Day قىستۇرمىدىن چاتاق چىققانلىقىنى ۋە ئامال قىلالمايۋاتقىنىنى ئىيتقان ئىدى . مەنمۇ مۇشۇ خىل ئەھۋالغا دۈچ كەلگەچ ، مۇرشىدى ئەپەندىمنىڭ دېگەنلىرى ئارقىلىق سىناپ باققان بولساممۇ ، ئۈنمى بولماي ، كودلارنى قالايمىقان ئۆزگەرتىپ ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈپ يۈرۈپ ، ئاخرى بۇ مەسىلىنى ھەل قىلدىم .
كۆرۈلگەن مەسىلە ئاساسلىقى قىستۇرمىنىڭ يان ئىستۇندا كۆرسىتىپ بىرىدىغان سېتاستىكا رايۇنىدىكى ساناقنىڭ ئوڭ تەرەپكە ئۆتىۋىلىش ھادىسىسى بولۇپ ، ھالىتى تۆۋەندىكىچە :
بۇ ئوڭشاش ئۈچۈن قىستۇرمىنىڭ count-per-day/counter.cssبۇ ھۆججىتىنى ئىچىڭ ،
ئاندىن
.cpd-r {
float:left;
text-align: right;
}
بۇ قۇرلارنى يۇقىرىقىغا ئوخشاش ئۆزگەرتىپ ساقلاڭ .
بۇنى ئۆزگەرتىپ ساقلىغاندىن كىيىنكى ھالىتى تۆۋەندىكىچە :
مۇشۇ بويىچە ئۆزگەرتسىڭىز ئەسلا چاتاق چىقماي 100% ئوڭشالغاي .
ئەگەر يەنىلا قىلالمىغان بولسىڭىز ، تۆۋەندىكى ھۆججەتنى چۈشۈرۈپ ، قىستۇرما ھۆججەت قىسقۇچى ئىچىگە باسۇرۇپ قاپلىۋەتسىڭىز ، ئىشلىرىڭىز يەنىلا ھەل بولغاي ......
قوشۇمچە ھۆججەتنى چۈشۈرۈڭ : بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ
ئەگەر پايدىسىنى كۆرگەن ياكى باشقىچە ھەل قىلىش ئۇسۇللىرىنى تاپقان بولسىڭىز بۇ يەردە ئىنكاسلار قاينىغاي ، بىلوگ تىخىمۇ ئاۋاتلاشقاي ، بىلىم ئوغرىسىدەك غىپپىدە قاچمىغاي دەپ ئويلايمەن .......
2016-يىلى 01-ئاينىڭ 23-كۈنى 4:34 چۈشتىن كېيىن تەخىت
ئەسسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم:
قانداق ئەھۋالىڭىز؟ بۇ قىستۇرما 4.4.1 نەشىرىدىمۇ ئىشلەمدۇ؟ مۇمكىن بولسا خەت ساندۇقۇمغا يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز. مەن چ چ ئىشلەتمەيتتىم. سىزنى مالال قىلىدىغان بولدۇم.
2016-يىلى 01-ئاينىڭ 24-كۈنى 5:45 چۈشتىن كېيىن 1-قاتار
@قىممەت ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ، 4.4.1 نەشرىدە مەن ئىشلتىۋاتىمەن ، شۇنىڭغا قارىغاندا سىغىشىدىغان ئوخشىمامدۇ ….
2016-يىلى 01-ئاينىڭ 25-كۈنى 1:24 چۈشتىن بۇرۇن 2-قاتار
@مۇئەللىم ھە…
مەن بۇ ئىشلارغا يېڭى. سىزنىڭ 4.4.1 نەشىرى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەنمەن.
قىستۇرمىنى خەت ساندۇقىمغا ئەۋەتىپ بېرەلەرسىزمۇ؟
2013-يىلى 08-ئاينىڭ 17-كۈنى 8:06 چۈشتىن كېيىن ئورۇندۇق
رەھمەت، بۇرادەر. مەن مۇشۇ خىل چاتاقنى ئوڭشىيالماي يۈرەتتىم. ناھايتى مۇۋاپىقىيەتلىك تۈزەلدى.
2013-يىلى 01-ئاينىڭ 15-كۈنى 2:24 چۈشتىن بۇرۇن پەگاھ
نېمانداق قىززىق گەپ يېزۋەتتىڭىز مۇئەللىم؟ خۇددى تېۋىپتەكلا
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى 10:43 چۈشتىن بۇرۇن 4-قەۋەت
مانا ماۋۇ ئۇسسۇل ياخشى بوپتۇ قوللاپ قۇۋەتلەيمىز،تېخنىكا دىگەننى مۇشداق يوللاپ تۇرماي ساقلاپ نىمە قىلمىز دەيمە ھاھاھا
2012-يىلى 08-ئاينىڭ 15-كۈنى 8:36 چۈشتىن كېيىن 5-قەۋەت
مەن سىناپ باققان ئىدىم لىكىن ئۈنۈمدە ئۆزگىرىش يوق بولدى،بۇ قەيەردىكى چاتاق بولغىتى ئەمدى….
2012-يىلى 07-ئاينىڭ 07-كۈنى 3:43 چۈشتىن بۇرۇن 6-قەۋەت
بولىدىغان تىخنىكا ئىكەن، شۇنداق مەسلىگە ئۇچرىساق چوقۇم ئەسقاتقۇدەك….رەھمەت
2012-يىلى 06-ئاينىڭ 26-كۈنى 1:56 چۈشتىن بۇرۇن 7-قەۋەت
ناھايتى ياخشى يوللاپسىز _مېنىڭكىدە شۇنداق چاتاق تولا چىقاتتى _رەھمەت سىزگە مۇئەللىم مەن ھازىرلا سىناپ باقاي
ئېلانلىرىڭىزنى دەسسەپ خېمىر قىلىۋەتتىم