مىللەتلەر

تاتار مىللىتى

تاتارلار — كۆپ قىسمى غۇلجا، چۆچەك، ئالتاي، ئۈرۈمچى، گۇچۇڭ، جىمىسار قاتارلىق جايلاردا ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئاساسەن شەھەرلەردە ياشايدۇ. نوپۇسى 4 مىڭ 700 (2006 – يىلىدىكى مەلۇمات)تىن ئاشىدۇ. تاتار تىلى ئالتاي تىلى سىستېمىسى تۈركىي تىللار ئائىلىسىگە تەۋە. تاتارلارنىڭ كۆپچىلىكى شەھەرلەردە ياشىغاچقا، تىجارەتچى ۋە زىيالىيلارنىڭ نىسبىتى خېلىلا يۇقىرى. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۇيغۇر ياكى قازاق تىللىرىنى پىششىق بىلىدۇ. 19 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ، قازاق رايونىدىكى تاتارلار ئىلگىرى – كېيىن شىنجاڭغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ھەمدە شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت – مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشقان. تاتارلار ئىسلام دىنىغا ئېتقاد قىلغاچقا، ئۇلارنىڭ كۆپلىگەن ئادەتلىرى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان باشقا مىللەتلەرنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. تاتارلارنىڭ ئەرلىرى ئادەتتە ئاق كانۋاي كۆينەك كىيىدۇ....
تولۇق ئوقۇش
مىللەتلەر

مۇڭغۇل مىللىتى

مۇڭغۇل مىللىتى - شىنجاڭدىكى مۇڭغۇللار ئاساسلىقى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىي ئېتەكلىرىدىكى چارۋىچىلىق رايونلىرىغا تارقالغان. ئومۇمىي نوپۇسى 175 مىڭ (2006 يىلدىكى مەلۇمات)، مۇڭغۇل تىلى ئالتاي تىلى سىستېمىسىدىكى مۇڭغۇل تىلى ئائىلىسىگە مەنسۈپ. شىنجاڭدىكى مۇڭغۇللار مۇڭغۇل تىلىنىڭ ئوبرات شىۋىسىدە سۆزلىشىدۇ. بۇرۇن ‹‹تودو›› مۇڭغۇل يېزىقىنى ئىشلىتەتتى. ھازىر ئىچكى مۇڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى مۇڭغۇللارغا ئوخشاش خۇدۇم مۇڭغۇل يېزىقىنى قوللىنىدۇ. مۇڭغۇللاردا لاما دىنىغا ئېتقاد قىلىدۇ. ئاساسەن چارۋىچىلىق بىلەن، قىسمەن دېھقانچىلىق بىلەن شوغۇللىنىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى كىگىز ئۆيلەردە ئولتۇرىدۇ. ھازىر ئاستا – ئاستا كېسەك ئۆيلەردە ئولتۇرۇشقا ئادەتلەنمەكتە. مۇڭغۇللار يېمەك – ئىچمەك جەھەتتە چارۋىچىلىق تۇرمۇشىغا خاس بولغان گۆش – ماي، سۈت – قايماق قاتارلىق تائاملارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىدۇ. بىلىنى يېشىل...
تولۇق ئوقۇش
ئېلانلىرىمىز سەرخىل
مىللەتلەر

قىرغىز مىللىتى

قىرغىز مىللىتى - شىنجاڭدىكى قىرغىزلار ئاساسلىقى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىغا ئولتۇراقلاشقان. ئاز بىر قىسمى يەنە ئۈچتۇرپان، ئۇنسۇ، گۇما ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى تېكەس قاتارلىق جايلارغا تارقالغان. نوپۇسى 176 مىڭ (2006 – يىلىدىكى مەلۇمات). قىرغىز تىلى ئالتاي تىلى سىستېمىسى تۈركىي تىللار ئائىلىسىگە كىرىدۇ. قىرغىزلار ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى قىرغىز يېزىقىنى قوللىنىدۇ. قىرغىزلارنىڭ ئەجدادلىرى يىراق قەدىمكى زاماندا جۇڭگونىڭ شىمالىدا ياشىغان يېنىسەي قىرغىزلىرىغا بېرىپ تاقىلىدۇ. قىرغىزلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك چارۋىچىلىق بىلەن شوغۇللىنىدۇ. يازدا كىگىز ئۆيلەردە، قىشتا كېسەك ئۆيلەردە ئولتۇرىدۇ. گۆش – ماي، سۈت – قايماقنى ئاساسلىق ئوزۇق قىلىدۇ. قىرغىزلارنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىملىرى ئىنتايىن نەپىس، ئەرلىرى كىگىز قالپاق، كانۋاي كۆينەك كىيىدۇ. ئاياللىرى كۆمۈش تۈگمىلىك پەلتۇنى ياخشى كۆرىدۇ. بېشىغا...
تولۇق ئوقۇش
مىللەتلەر

خۇيزۇ مىللىتى

خۇيزۇ مىللىتى - شىنجاڭدا 910 مىڭ (2006 – يىللدىكى مەلۇمات) خۇيزۇ بار بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، ئۈرۈمچى، غۇلجا، يەنجى قاتارلىق جايلارغا تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان. خۇيزۇ دېگەن سۆز مۇسۇلمان مىللەتلىرىنىڭ خەنزۇچە قىسقارتىلىپ ئاتىلىشىدىن كېلىپ چىققان. خۇيزۇلارنىڭ مەنبەسىنى مىلادىيە 7 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ سۈرۈشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. شىنجاڭدىكى خۇيزۇلار يۇەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى شىنجاڭدا تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانلىرىدىن باشقا، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئىچكى ئۆلكىلەردىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈپ كېلىنگەنلەردۇر. خۇيزۇلار خەنزۇ تىل – يېزىقىنى قوللىنىدۇ. ئۇلارنىڭ يېزىدىكىلىرى دېھقانچىلىق بىلەن، شەھەرلەردە ئولتۇراقلاشقانلىرى يېمەك – ئىچمەك ۋە ئۇششاق تىجارەتلەر بىلەن شوغۇللىنىدۇ. كىيىم – كېچەك جەھەتتە خەنزۇلار بىلەن ئوخشاپ كېتىدۇ، ئەمما ياشانغانلىرى بېشىغا ئاق بۆك كىيىدۇ....
تولۇق ئوقۇش
مىللەتلەر

قازاق مىللىتى

قازاق مىللىتى — ئۇزاق تارىخقا ئىگە مىللەت. شىنجاڭدىكى قازاقلار ئاساسەن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، بارىكۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدە ئولتۇراقلاشقان. ئۇندىن باشقا سانجى، بورتالا ۋە ئۈرۈمچى قاتارلىق رايونلارغىمۇ تارقالغان. 2006 – يىلدىكى نوپۇس ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، قازاقلار 1 مىليون 435 مىڭ 900، قازاق تىلى ئالتاي تىلى سىستېمىسىدىكى تۈركىي تىللار ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدىكى قازاقلار ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى قازاق يېزىقىنى قوللىنىدۇ. قازاقلارنىڭ تارىخىي يىلتىزى تارىختىكى ئۇسۇن، كانجۇت قاتارلىق قۇۋملارغا بېرىپ تارقىلىدۇ. ئۇلار تارىختىن بۇيان كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شوغۇللىنىپ كەلگەن. 18 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قازاقلار جۇڭغارلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئۆز جايلىرىدىن كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان. چىڭ خاندانلىقى جۇڭغارلارنى تىنجىتقاندىن كېيىن، قازاقلار...
تولۇق ئوقۇش
مىللەتلەر

خەنزۇ مىللىتى

خەنزۇ مىللىتى— جۇڭگودىكى ئاساسلىق مىللەت. ئۇ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى شيا، شىياڭ، جۇ، چىن قاتارلىق ئاھالە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ئۈزلۈكسىز قوشۇلۇشى ئارقىلىق خەن سۇلاسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە شەكىللەنگەن خەلقنىڭ نامى. 2000 – يىلى شىنجاڭدىكى خەنزۇلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 7 مىليون 23 مىڭ 900گە يەتكەن. ئۇلار شىنجاڭدنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقالغان بولۇپ، %75تىن كۆپرەكى تەڭرىتاغلىرىنىڭ شىمالىدىكى رايونلارغا ئورۇنلاشقان. خەنزۇ تىلى خەنزۇ – زاڭزۇ تىل سىستېمىسىنىڭ خەنزۇ تىلى تۈركۈمىگە مەنسۈپ. خەنزۇلار خەنزۇ يېزىقىنى قوللىنىدۇ. شىنجاڭدىكى خەنزۇلارنىڭ ئېغىز تىلىدا ئۆزىگە خاس فونىتىكىلىق، گىراماتىكىلىق ئالاھىدىلىكلەر بولغاندىن باشقا، يەنە باشقا مىللەتلەرنىڭ تىلدىن قوبۇل قىلىنغان بىر قىسىم سۆزلەرمۇ بار. شىنجاڭدىكى باشقا مىللەتلەر بىلەن ئۇزاق ۋاقىت ئارىلاش...
تولۇق ئوقۇش
مىللەتلەر

ئۇيغۇر مىللىتى

ئۇيغۇر مىللىتى— شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندىكى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقالغان. بۇنىڭ ئىچىدە %80ى جەنۇبىي شىنجاڭدا ئولتۇراقلاشقان. ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى9 مىليون 414 مىڭ بولۇپ، شىنجاڭ ئاھالىسىنىڭ تەخمىنەن %94 .45ىنى ئىگىلەيدۇ (2006 – يىلىدىكى نوپۇس ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغان سان). ئۇيغۇر تىلى ئالتاي تىلى سىستېمىسىدىكى تۈركىي تىللار ئائىلىسىگە مەنسۈپ. ئۇيغۇرلاردا ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللىنىدۇ.      ئۇيغۇر مىللىتى جۇڭگودىكى قەدىمىي مىللەتلەرنىڭ بىرى. مىلادىيە 7 – ئەسىردە ئۇيغۇرلاردا ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغان. ئىككى قېتىم لەشكەر تارتىپ، تاڭ سۇلاسىنىڭ ‹‹ئۆڭلۈك – سۈيگۈن توپىلىڭى››نى تىنجىتىشقا ياردەملەشكەن. 9 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ شىنجاڭ ۋەە ئوتتۇرا ئاسىيانى ئاساس قىلغان ھالدا ئىدىقۇت خانلىقى بىلەن قاراخانىيلار خانلىقىنى...
تولۇق ئوقۇش