ھازىرقى ئورنىڭىز: باشبەتمىللەتلەر>تەپسىلىي مەزمۇن
قازاق مىللىتى
2012-يىلى03-ئاينىڭ17-كۈنى / مىللەتلەر / ھازىرچە ئىنكاس يوق / كۆرۈلۈشى : 1 قېتىم+

قازاق مىللىتى — ئۇزاق تارىخقا ئىگە مىللەت. شىنجاڭدىكى قازاقلار ئاساسەن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، بارىكۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدە ئولتۇراقلاشقان. ئۇندىن باشقا سانجى، بورتالا ۋە ئۈرۈمچى قاتارلىق رايونلارغىمۇ تارقالغان. 2006 – يىلدىكى نوپۇس ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، قازاقلار 1 مىليون 435 مىڭ 900، قازاق تىلى ئالتاي تىلى سىستېمىسىدىكى تۈركىي تىللار ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدىكى قازاقلار ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى قازاق يېزىقىنى قوللىنىدۇ.

قازاقلارنىڭ تارىخىي يىلتىزى تارىختىكى ئۇسۇن، كانجۇت قاتارلىق قۇۋملارغا بېرىپ تارقىلىدۇ. ئۇلار تارىختىن بۇيان كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شوغۇللىنىپ كەلگەن. 18 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قازاقلار جۇڭغارلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئۆز جايلىرىدىن كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان. چىڭ خاندانلىقى جۇڭغارلارنى تىنجىتقاندىن كېيىن، قازاقلار ئۆز جايلىرىغا كۆچۈپ كېلىپ، ئىلى، ئالتاي، تارباغاتايلاردا ئولتۇراقلاشقان. 1949 – يىلى شىنجاڭ ئازاد بولغاندىن كېيىن، شىنجاڭدىكى قازاقلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە يولغا قويۇلدى. 1954 – يىلى 7 – ئاينىڭ 17 – كۈنى مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى، 9 – ئاينىڭ 30 – كۈنى بارىكۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى، 11 – ئاينىڭ 27 – كۈنى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قۇرۇلدى.

قازاقلارنىڭ دەپنە مۇراسىمى ناھايىتى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلىدۇ. يەتتىسى، قىرقى ۋە يىلى مال سويۇلۇپ، نەزىر قىلىپ، مەرھۇمنىڭ روھىغا دۇئا قىلىنىدۇ. قازاقلار قىزغىن، مېھماندوست كېلىدۇ. مېھماننى قوي سويۇپ كۈتۈۋالىدۇ. قوينىڭ بېشىنى مېھماننىڭ ئالدىغا قويۇپ، ئالدى بىلەن ئېغىز تېگىشىگە تەكلىپ قىلىدۇ.

قازاقلار ئىسلام دىنىغا ئېتقاد قىلىدۇ. قۇربان ھېيت، روزا ھېيت ۋە نەۋرۇز ئۆتكۈزىدۇ. بايرام كۈنلىرى ئوغلاق تارتىشىش، ئات بەيگىسى ۋە ‹‹قىز قوۋار›› قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ. قازاقلاردا مول مەزمۇنلۇق خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى بارلىققا كەلگەن بولۇپ، جىر – قوشاق ئېيتىشىش ئەنئەنىگە ئايلانغان. ئاقىنلار يىغىلىشى ناھايىتى قىزىپ كېتىدۇ. قازاقلارنىڭ مۇزىكا – ئۇسۇللىرى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئىنتايىن كەڭ ئاممىۋىلىققا ئىگە. دۇمبۇرا قازاق خەلقى ياخشى كۆرىدىغان چالغۇ ئەسۋاپتۇر.

【ئالدىنقى يازما】
【كېيىكى يازما】

قېنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يېزىڭ

باش سۈرەت؟