بىلوگلارنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ ، ئۇلانمىلارمۇ كۆپ خىللىققا ۋە كۆپيىشكە قاراپ يۈزلەندى . بىر بەتتە كۆرىلىدىغان دۇستانە ئۇلانىملارنىڭ كۆپ بولۇشى بەتنىڭ كۆركەملىكىگە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي ، يان ئىستۇننىڭ ئۇزىراپ كېتىش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى . بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش چارسى يوقمۇ ؟
ئەلۋەتتە بار .
1. كود يزىش ئارقىلىق ھەل قىلىش : بۇ خىل ئۇسۇل بىلوگ قۇرۇش ئىشلىرىغا پىشقان ، كودلارنى ئوقۇپ چۈشىنەلەيدىغان بىلوگگىرلارغا نىسبەتەن ، ئانچە تەس ئەمەس . لېكىن بۇ چارە بىلوگگىرلار قوشۇنىغا يىڭىدىن قوشۇلغانلار ئۈچۈن بۇ بىر باش قىتىنچىلىقى ھېسابلىنىدۇ .
2. قىستۇرما ئارقىلىق ھەل قىلىش : بۇ ئۇسۇل كونا-يىڭى بىلوگگىرلارنىڭ ھەممىسىگە ماس كېلىدىغان بولۇپ ، ئىشلىتىش قولاي.
تۆۋەندە مەن ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان ئۇلانما باشقۇرۇش قىستۇرمىسىس-Better Blogrollنى تەۋسىيە قىلىمەن .
بۇ قىستۇرمىنى قاچىلىغاندىن كېيىن ، ئارقا بەت ۋىجىتلار دېگەن تۈردىن ۋىجىتلار قاتارىغا قوشۇش ئىلىپ بارىمىز . ۋە تۆۋەندىكىدەك تەڭشەش ئىلىپ بارىمىز ....
Explanation:بۇ تۈر چۈشەندۈرۈش ، ئاق قالدۇرۇلسىمۇ ياكى چۈشەندۈرۈش سۆزى قوشسىمۇ بولىدۇ . بۇ يەردە مەن بۇ ئورۇننى ئاق قالدۇرۇش تەكلىپىنى بىرىمەن . چۈشەندۈرۈش يېزىپ سىناپ باقىدىغانلار بولسىمۇ مەيلى .
number of links to show: كۆرسىتىلىدىغان ئۇلانمىنىڭ سانى ، سۈكۈتتىكى قىممەت : 10دانە ئۇلانما .
Sort:تىزىش تەرتىپى . بەش تۈرلۈك تىزىش تەرتىپى بىرىلگەن ، ئۆزۇڭلار سىناپ كۆرسەڭلار بولىدۇ .
show text links:خەتلىك ئۇلانمىنى كۆرسىتىش .
show images:رەسىملىك ئۇلانمىنى كۆرسىتىش .
show link rating:دەرىجىسى بويىچە كۆرسىتىش .
show link categories: ئۇلىنىش كاتىگۈرىيىسى(تۈرى) بۇيىچە كۆرسىتىش .
مۇشۇنداق تاللاش تۈرلىرى بار بولۇپ ، ئۆز ئىھتىياجىڭىزغا قاراپ تاللاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ .
تاللاپ بولغاندىن كېيىن ، ساقلاشنى بېسىش ئارقىلىق ، ئۆزىڭىز تاللىغان تۈرلەرنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ .
چۈشۈرۈش ئادرسى : چۈشۈرۈش
WordPress تە دوستانە ئۇلانمىلارنى ئىختىيارى ھالەتتە تىزىپ بىرىش قىستۇرمىسى-Better Blogroll
ھازىرغا قەدەر جەمئىي 5 پارچە ئىنكاس قالدۇرۇلدى. ئۇنىڭ ئارىسىدا زىيارەتچىلەر 3 پارچە، بىكەت باشلىقى 2 پارچە ئىنكاس قالدۇردى.
ياخشى يازما!
مېنىڭكىدەك قوللايدىغان ۋىجىت سانى ئاز بولغان ئۇسلۇبدا قىستۇرمىلار ھەر قانچە ساز بولسىمۇ ، قىستۇرۇشقا ئامالسىز قالىدىغان گەپكەن …
شۇنداقمۇ؟
ۋىجىت سانى جىقراق بولغان ئۇسلۇب ئىشلىتەيلى ئەمىسە….
نېمە گەپ بۇ ، تۈگمىنى دەپ تۆگىدىن ۋاز كېچەمدىم ؟ پىتنىڭ ئاچچىغىدا چاپاننى ئوتقا تاشلىمايمەن مەن … …قىستۇرمىنىڭ يېڭىسىغۇ ياخشى ، ئەمما ئۇسلۇبنىڭ كونىسىمۇ ياخشى
شۇنداقمۇ ، ئۇنداق بولسا ، ئاشۇ ئورۇق تۆگىڭىزنى مىنىۋىرىڭ ، ، ئورۇق بولغاچقىمۇ تىز يۈگۈرەلەيدۇ ،مەنزىلگە تىزلا يىتەلەيسىز …….