ھازىرقى ئورنىڭىز: باشبەتيازمىلىرىم>تەپسىلىي مەزمۇن
ھەقىقىي سالاھىيەت ۋە بىز
2012-يىلى04-ئاينىڭ09-كۈنى / يازمىلىرىم / ئىنكاس سانى 23 / كۆرۈلۈشى : 231 قېتىم+

ناھايىتى ئۇزۇن بىر زامانلار ئىلگىرى ئۇيغۇربەگنىڭ تۇراسىدا "تور نامىمىز ھەققىدە سۆزلەشمەمدۇق"نامىدا بىر قىتىملىق يازمىچە تور سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى . ئۇ چاغلاردا مەن تىخى مۇقىم بوشلۇق ئىلىپ تور بەت قۇرمىغان چاغلىرىم بولۇپ ، شۇ چاغدىكى سۆھبەت بەمىسى ناھايتىمۇ قىززىپ كەتكەنكەن .
بۇ قىتىملىق سۆھبەتتە ، بەزىلەر ئۆزىنىڭ تور نامى ھەققىدە دەبدەبىدلىك سۆزلەر نى قىلىپ ئۇلۇغ مەقسەتلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇشقان . شۇ قىتىملىق سۆھبەتتىن ھېس قىلغىنىم شۇ بولدىكى :
بۇ سۆھبەت بەزىلەرنىڭ بىلوگ قۇرۇش مۇددىئاسىنى بەلگىلەش ، قانداق بىلوگ قۇرۇش ، نېمە مەقسەتتە قۇرۇش خۇسۇسىدا پىقىرنىمۇ خىلى ئويلاندۇرۇپ قويغان ئىدى .
مانا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ياكى ھەشنى پەش دىگۈچە مەنمۇ ئۇيغۇر بىلوگگىرلىرى دۇنياسىدا بىر كىشىلىك ئورنۇمنى تېپىپ ، پۇت تىرەپ تۇرۇش ئۈچۈن قاتتىق تىركىشىپ تۇرمامدىمەن .....
ماقالىنىڭ كولمىناتسىيە نوقتىسىغا ئەمدى كېلىمىز . بۇ يەردە دېيىلگىنى تور ساھەسىدە ئۆزلىكىسىز ئۆز خاسلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ ، ئۇن-تىنسىز ، خالسانە ياردىمىنى ئايىماي كېلىۋاتقان ئاشۇ تۆھپىكارلارغا رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە ، بىزگە كىمنىڭ ، قانداق ياردەم قىلىۋاتقىنىنى بىلىش ھەمدە ، ئاتا-بوۋىمىز ئېيىتقان : "دۈشمىنىڭنى ئۇنتۇپ كەت ، ساڭا ياخشىلىق قىلغان كىشىنى ھەر دائىم ئېسڭدە تۇت"دېگەن ھىكىمەتلىك سۆزى بويىچە ، بىزگە ياخشىلىق قىلىۋاتقانلارنىڭ ھەقىقىي سالاھىيتىنى ، نام شەرىپىنى ئېسىمىزدە چىڭ تۇتۇش ۋە ئۇلارغا سەمىمىي ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرۈش ئۈچۈندۈر ......
ئاللا نېسىپ قىلسا ، ئاشۇ ياخشىلىق ئىگسىنى كۆرۈش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولۇشىمىز مۇمكىن ، ئۇ چاغدا "ئۇيغۇر بەگنى ئىزدەيتىم " ، "رىناتنىڭ ئۆيى قەيەردە ؟" ، "قارا مۈشۈكنى قەيەردىن تاپقىلى بولىدۇ؟" ، "تۇرمۇشچۇ ؟" ، "بادام قېنى؟" دېگەندەك سۇئاللارنى سورساق ، ئۇ چاغدا ئۇلارنى مەھەللىسىدە تونۇيدىغانلار چىقارمۇ؟ بەلكىم چىقماس .....
شۇڭا مەن بۇ يەردە ئۆزىنى تونۇشتۇرۇش سورۇنى ئۇيۇشتۇردۇم ، ئالدى بىلەن ئۆزۈمنى تونۇشتۇرۇشنى باشلىدىم ئەمىسە ......:
ئۆزۈم ھەققىدە بايانلىرىم:
ئىسىم-فامىلەم: ئالىمجان ئۆمەر
تەخەللوسۇم: ھازىرغىچە ماس كەلگۈدەك تەخەللۇس چىقمىدى (مۇئەللىم دەپ ئاتىغاچ تۇرۇڭلار ئەمدى)
تۇغۇلغان ۋاقتىم: 5-ئاينىڭ 15-كۈنى
يۇرتۇم: قاغىلىق ناھىيىسى كۆكيار يېزىسى ئامانشاھ كەنتى(دىققەت، قاغىلىق ناھىيىسى قەشقەر ۋىلايىتىگە قاراشلىق!…)
قىزىقىشىم: كىتاب ئوقۇش،كومپىيۇتىر ،ئەدەبىيات ، ساز ئەپسۇس ، توپ تۈرلىرىگە پەقەت قىزىقمايمەن .
ياقتۇرىدىغىنىم: سەمىمىيلىك، مەردلىك؛ ئادەمگەرچىلىك
ياقتۇرمايدىغىنىم: شەخسىيەتچىلىك،سۇخەنچىلىك،سەمىمىيەتسىزلىك؛
ياقتۇرىدىغان ھېكمەتلىك سۆزۈم:

رەقىبنىڭ مۇشتى ماڭا ھىچگەپ ئەمەس ،
ھەتتاكى قىلىچقا تىك بارالايمەن .
چىقىلسا قىلچە ئىززەت-ھۆرمىتىمگە ،
ھەتتاكى ئەۋلىياغا يانالايمەن .
چۈنكى ، مەن ھېسىياتلىق ھايات ئادەم ،
غورۇرۇم پايخان بولسا ماڭا ماتەم .....

(-چۈنكى ، مەن ئادەم) دىن
تىكلىيەلمەيسەن قەددىڭنى ئاخىر ،
ئەگەر يول قويۇپ ئىگىلىۋەرسەڭ .
بولىدۇ قەدرىڭ يەر بىلەن يەكسان ،
بىپەرۋا قاراپ يىڭىلىۋەرسەڭ ......

يىقىلغاندا تۇرۇشنى ئۆگەن ،
مۇش يىگەندە ئۇرۇشنى ئۆگەن ،
بۇزماق بولساڭ ئۆيۈڭنى ئەگەر
ئاۋال قايتا قۇرۇشنى ئۆگەن .

ئىگىلسە مەيلى دوڭغاق سۆگەتلەر ،
تىرەكنىڭ تېرەك بولغىنى ياخشى .
ياشىغان ئىكەن ئادەم دېگەننىڭ ،
بىر ئىشقا كىرەك بولغىنى ياخشى .....

ياقتۇرىدىغان كىتابلىرىم: ‹‹ئورخۇن شەجەرىسى››،‹‹ئۆزلۈك ۋە كىملىك››،‹‹ئىز››،‹‹ئانا يۇرت››،‹‹ئىزدىنىش›› ، ‹‹ مەھمۇت قەشقىرى ›› ،‹‹چالا تەككەن ئوق›› قاتارلىق تارىخى رومان ۋە ئادىل تۇنىياز قاتارلىقلارنىڭ شېئىر توپلاملىرى ؛
ياقتۇرىدىغان يىمەكلىك: پولۇ،كاۋاب ، قىيمىلىق كۆمەچ (ئادەتتە بەك تاماق تاللاپ كەتمەيمەن…)
ئوقۇش تارىخىم:
باشلانغۇچ: قاغىلىق ناھىيە كۆكيار يېزا ئامانشاھ باشلانغۇچ مەكتەپ
تۇلۇقسىز : قاغىلىق ناھىيىلىك بىرىنچى ئوتتۇرا مەكتەپ
ئوتتۇرا تىخنىكۇم : يەكەن پىداگوكىكا مەكتىپى
ئالىي تىخنىكوم ۋە تولۇق كۇرس: شىنجاڭ ئونۋىرستىتى ، ئۆزلىكىدىن ئۆگنىش (ياماق داشۈ سىڭ).
خىزمەت ئورنۇم قاغىلىق ناھىيىلىك جايتىرەك ئوتتۇرا مەكتىپى
ئالاقىلىشىش ئۇسۇلۇم
ئېلخەت: alimjan1115@126.com
QQ:67991373
مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ، بىز بىر ئۇرۇق ، قان-قىرىنداش ، ئۆزئارا قوللىشىپ ئۆتەيلى ......!
ئەسكەرتىش : تەرجىمھال ئۇيغۇربەگنىڭكىدىن ئۆرنەك ئېلىندى .

يېڭى سەبداشتىن سالام

ئىسمىم : ئېلىجان، ئالىم ئەپەندىنىڭ كونا ساۋاقدىشى...

يۇرتىم : پىچاق يۇرتى

قىزىقىشىم: رەسسىم سىزىش، خەرىتە سىزىش، موزىكا ئاڭلاش.

قان تىپىم : B

ئالاھىدىلىكىم: كۆپ ئاڭلاپ ئاز سۆزلەش.

يىتەرسىزلىكم: ھورۇنلۇق ۋە تەكەببۇرلۇق.

ئېلخەت:  alip@sina.com

QQ    :100069016

alx@live.cn :msn

ئۇيغۇربەگ كىم

 
ئۇيغۇربەگنىڭ ئۆزى توغرىلىق ئېيتقانلىرى:
ئىسىم-فامىلەم: م.ن.ئەلقۇت
تەخەللوسۇم: ئۇيغۇربەگ ( ئۇيغۇر+بەگ=ئۇيغۇربەگ)
تۇغۇلغان ۋاقتىم: 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
يۇرتۇم: توقسۇ ناھىيىسى (دىققەت،بۇ يەر ئاقسۇ ۋېلايىتىگە قاراشلىق!…)
قىزىقىشىم: كىتاب ئوقۇش،توربەت ياساش،ئەسەر يىزىش،ئەپسۇس،نۇرغۇن ئوغۇللارغا ئوخشىمايدىغان يىرىم ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىپ كەتمەيمەن.
ياقتۇرىدىغىنىم: سەمىمىيلىك، مەردلىك؛
ياقتۇرمايدىغىنىم: شەخسىيەتچىلىك،سۇخەنچىلىك،داۋۇيخولۇق؛
ياقتۇرىدىغان ھېكمەتلىك سۆزۈم: ‹‹سەن ھەرقانچە چوڭ بولۇپ كەتسەڭمۇ،ئاناڭ ئالدىدا مەڭگۈ بالادۇرسەن!…›› (ھىندىستاننىڭ بىر كىنوسىدىكى سۆز)
ياقتۇرىدىغان كىتابلىرىم: ‹‹ئورخۇن شەجەرىسى››،‹‹ئۆزلۈك ۋە كىملىك››،‹‹ئىز››،‹‹ئانا يۇرت››؛
ياقتۇرىدىغان يىمەكلىك: پولۇ،كاۋاب (مەن تاماقنى بەك تاللايمەن،ئادەتتىكى مىۋە-كۆكتاتلارنىمۇ يىمىگەچكە،تۇنۇشلىرىم ھەر دائىم ‹‹سىز قانداق چوڭ بولغان؟…››دەپ سورىشىدۇ…)
ئوقۇش تارىخىم:
باشلانغۇچ: توقسۇ ناھىيىلىك بىرىنچى باشلانغۇچ مەكتەپ
تۇلۇقسىز : توقسۇ ناھىيىلىك بىرىنچى ئوتتۇرا مەكتەپ
تولۇق : جياڭسۇ ئۆلكىلىك خەنجياڭ ئوتتۇرا مەكتىپى
نۆۋەتتە: شېنجىن ئۇنىۋېرسىتىتى چەتئەل تىلى ئېنىستىتوتىدا ئىنگىلىز تىلى كەسپىدە ئوقۇۋاتىمەن.

ئالاقىلىشىش ئۇسۇلۇم

ئېلخەت: Uyghurbeg@yahoo.com

 

ئۆزۈم ھەققىدە مەن نېمىلەرنى دەي ئەمدى

 

مۇھەممەدئەلى ئىلياس : ئىسىم - فامىلەم

ئەلپىدا : تەخەللۇسۇم ( 18 ياش ۋاقتىمدا كىچىكلىك قىلىپ چوڭ يەردىن چۈشۈپ مۇشۇنداق ئاتىۋاپتىكەنمەن ئۆزۈمنى . كېيىنچە توردا ، چايخانىلاردا ئۆزۈمنى ئەلپىدا دەپ تىزىملىتىپ يۈردۈم . ئەكىسچە  كىتاپ - ژورنالغا بولسا ئۆزۈمنى كىچىك ، تەخەللۇسسۇمنى چوڭ كۆرۈپ بەرمىدىم . كىتابىم چىقار چاغدا كىتاب سودىگىرى كىتابنىڭ كېيىنكى بازىرىنى كۆزلىدىمۇ ياكى نېمە سەۋەپكىن ئەيتاۋۇر ،كىتابقا مەزكۇر تەخەللۇسۇمنى بەرمەيلى دېگەن پىكىرىمنى ئويلىشىپمۇ قويماستىن ، نەشىرياتقا تەخەللۇسۇم بىلەن سۇنۇپتۇ . كىتابمۇ تەخەللۇسۇم بىلەن چىقىپتۇ . كىتابقا چىققاندىكىن دەپ ئەمدى ئارتۇق غەم - خىيالنى تاشلاپ ئىشلىتىۋەردىم . )

1 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تۇغۇلۇپتىكەنمەن . ( ئەمما لېكىن بۇ كۈندە مېنى تەبرىكلەيمەن دەپ ئاۋارە بولماڭلار )

ئاقسۇ قۇمتام دېھقانچلىق مەيدانى : تۇغۇلغان يۇرتۇم . ( ئەمدى يۇرتۇم ھەققىدە توختىلاي . ئۆزى ناھىيە دەرجىلىك ئورۇن ، ئاقسۇ ۋىلايەتكە بىۋاستە قاراشلىق .  ئەسلى كونا ئىسىمى موللا قوغۇنچى ، ھازىر خەنزۇچە خوڭچىپو دەپ ئاتايدىغانلار كۆپۈيۈپ كەتتى .  بىر قىسىم رايۇنلار ئاقسۇ شەھەرلىك يول - قۇرۇلۇش دائىرىسىگە كىرىپ شەھەرلىشىپ كەتكىلى تۇردۇق . ھازىر تۇرىۋاتقان ئۆيۈم ئايدىرۇمغا يېقىن ، كېلىشنى ئىرادە قىلىپ قالساڭلار ئايرۇپىلاندا كېلىڭلار ، ئىتتىك كېلىسىلەر ، ئالدىڭلارغا بىر دەمدە ئۈنىمەن . )

نېمە ئىشقا قىزىقىدىكەنمەنكىن تاڭ : قىزىقىشىم .  بەلكىم شېئىردۇ . كىتابنى ئىلگىرى سۆيۈپ ئوقۇيتۇم . ھازىرمىغۇ ئوقويمەن ، لېكىن ئىلگىركىدەك ئانچە سۆيۈپ كېتەلمىدىم . ھالالدىن كۆپ پۇل تېپىشقا قىزىقسام بۇلاتتى .

قۇمتام دېھقانچىلىق مەيدانى سۇ باشقۇرۇش پونكىتى : ھازىرقى خىزمەت ئورنۇم . ( ھە راست ، ئولىمپىكتىن كېيىن  يۇرتىمىزنىڭ ئالمىسىنىڭ داڭقى چىقىپ كەتكىلى تۇردى ھازىر . )

يەنە قايسى تۈرلەر قالدى ؟

ھازىرچە 2 بالام بار . بىر قىز ، بىر ئوغۇل . قىزىم چوڭ ، ئوغلۇم كىچىك .

تاماقنى ئىسراپ قىلمايمەن ، ئىسراپخورلۇقنى ئۆچ كۆرىمەن . ئاۋۇنى ياقتۇرۇپ يەيمەن ، ماۋۇنى ئانچە ياقتۇرمەيمەن دېمەيمەن . ماشىنا بولسام 93 لىك بېنزىننى ياختۇرۇپ يەيمەن ، 90 لىكنى ئانچە خالاپ كەتمەيمەن دېگەندەك ساختا تۇيۇلىدىكەن .

 http://harunbeg.com  : بلوگىمنىڭ ئادىرسى : ئوغلۇمنىڭ ئىسمى

ئۇنۋىرسال ئەدەبىيات بلوگى : ئىشەنمسەڭلار كىرىپ كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ . باللىرىمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئەھۋالىغا يانداش قىلىپ يېزىپ چىقىشنى مەقسەت قىلىپ قۇرغان ئىدىم بۇ بلوگنى دەسلەپتە ...

مۇشۇنچىلىك بولسا بۇلارمۇ - ھە ...

ھازىرغا قەدەر جەمئىي 23 پارچە ئىنكاس قالدۇرۇلدى. ئۇنىڭ ئارىسىدا زىيارەتچىلەر 18 پارچە، بىكەت باشلىقى 5 پارچە ئىنكاس قالدۇردى.

  1. ئوربېتا : 2012-يىلى04-ئاينىڭ22-كۈنى11:58:11  1-قەۋەت جاۋاب

    تەخەللۇسۇم : ئوربېتا ( ئۆزلۈك ئوربېتاسى )
    تۇغۇلغان ۋاقتىم : – ئاينىڭ 21 كۈنى ( يەنى نوۋرۇز كۈنى :roll: )
    تۇغۇلغان يۇرتۇم : ئاقسۇ باي ناھىيسى
    ھازىر تۇرۋاتقان ئورنۇم : كىچىك ۋاقتىمدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدە چوڭ بولغان شۇ تەرەققىدە ئانا يۇرتۇمغا بېرىپ بۇلالمىدىم ( بىر – ئىككى قېتىم بارغان :smile: )
    كەسپىم : ياش كارخانىچى ( نەچچە يىقىلىپ ئەمدى باش كۆتۈرۋاتقان :lol: )
    ياقتۇردىغان كىتابىم : ( قۇرئان كەرىم ) ئانا يۇرت ، قايغۇر ماڭ باتۇرلارچە ياشاڭ
    مەن ئەمەل قىلدىغان ھېكىمەتلىك سۆز : يىقىلغان يېرىڭگە سىنچىلاپ قارىساڭ ،سېنى مۇۋاپىقىيەت يولىغا باشلاپ باردىغان يولنى چۇقۇم تاپالايسەن.
    قىزىقىشىم : كىتاپ ئۇقۇش ، دوست تۇتۇش ، يەنە مۇشۇ ITمۇ بار( ..لېكىن تازا بىلىپ كەتمەيمەن) تەنتەربىيە،
    ياقتۇردىغان تاماقلىرىم : مەن تاماق تاللىمايمەن ( ئاللاھ بەرگەن نېمەتكە شۈكىرى قىلىمەن ، مەيلى قانداقلا تاماق بولسۇن ، ھالال ، پاكىز بولسىلا )
    ئالاھىدىلىكىم : مۇتلەق مەخپى .. :razz: :grin:

    QQ : 405631253 email:
    بلوگۇم : wwww.orbeta.tk

  2. سەھرالىق : 2012-يىلى04-ئاينىڭ22-كۈنى05:58:25  2-قەۋەت جاۋاب

    بۇ يەرگە كاتتىلار يىغىلىپ سۇيقەست پىلانلاۋىتىپتۇ،-دە :grin:
    بوپتۇ مەنمۇ قۇرۇق قالماي:
    ئىسمىم:ئالىمجان ، يۇرتۇم ئوپال كەمىنە 2- ئاينىڭ 10 كۈنى تۇغۇلۇپتىكەنمەن(ئانام شۇنداق دىگەن)
    رىۋايەتلەردىكى سەھرالىق دەل مەن بولىمەن.
    ھازىر قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستېتۇتى گۈزەل سەنئەت فاكۇلتىتىدا ،يەنە 40 كۈندىن كېيىن ئوقۇش پۈتتۈرىمەن.
    ھازىر يېزىۋاتقان بلوگۇم bilikyar.net كەلگۈسىدە بالام ئوغۇل بولسا مۇشۇ ئىسىمنى قويارمەن دەپ :grin:
    ياخشى كۆرىدىغىنىم: كىتاب ئوقۇش ،رەسىم سىزىش
    ئۆچ كۆرىدىغىنىم: سەمىمىيەتسىزلىك، يالغانچىلىق
    مەن مۇشۇ ئۆمرۈمگىچە ئەڭ ھۆرمەتلەپ كەلگەن ئۈچ كىشى بار، بىرى مەھمۇد كاشىغەرى، يەنە بىرى ئەلشىر ناۋائىي ،ئاندىن يۈسۈپ ئەلەيھىسالام.
    ياقتۇرىدىغان كىتابىم: ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر يازغان «ئىز» ناملىق رومان، بۇ كىتابنى ھازىرغىچە 17 قېتىم ئوقۇپ بولدۇم.
    ئېلخەت:bughra#sina.com, bilge#live.cn
    QQ:312533327 ,77220585
    كەسپىم رەسىم بولسىمۇ ئانچە ياخشى سىزالمايمەن، ئەمما كىچىكىمدىن قىزىقىشىم شۇ بولغانلىقى ئۈچۈن، كەلگۈسىدە كارتون فىلىملەرنى ژىتىۋىتىمەن دىگەن ئارزۇدا بۇ كەسىپتە ئوقۇدۇم…
    خوش مەن مۇشۇنچىلىك يازايمىكى :mrgreen:
    بلوگۇمنى ياقتۇرساڭلار داۋاملىق كەپ تۇرۇڭلار!
    http://bilikyar.net/

  3. ئالىمجان : 2012-يىلى04-ئاينىڭ12-كۈنى14:33:33  3-قەۋەت جاۋاب

    ھەممىڭلار ئالى مەلۇماتلىق كەنسىلەر ئەمەسمۇ ..

    • ئىقبال : 2012-يىلى04-ئاينىڭ12-كۈنى15:49:32 جاۋاب

      سىزمۇ زە ، ئۆزىڭىزنى تونۇشتۇرمايلا قىچىپسىزدە ؟
      ھۇ پىخسىق……. :evil:

      • ئالىمجان : 2012-يىلى04-ئاينىڭ12-كۈنى19:13:41 جاۋاب

        :mrgreen: :mrgreen: يا يا ..ئۇندا ئەمەس
        دىۋانغا چىقىۋالغىنىمدىن خاپا بولىمىغانسىز :wink:
        ئوزەمنى تونۇشتۇرۇپ كەلسەم پىقىر 92 نىڭ تۇخۇمدىن چىققان چۇجىسى :mrgreen:
        ئىسمىم ئالىمجان . بۇرۇن بىر چاغلاردا fenbei ئوينايدىغان چاغلار ئىدى . :oops:
        كىيىن بىلوگبۇس چىقتى ،شۇ جەرياندا ئوزەم ئۇسلۇپ تۇزۇپ قىلالمىساممۇ بىلىمدان نىڭ بۇرۇنقى ئۇسلۇبىنى ئىشلىتىپ ئالدىنقى يىلى يىڭى يول بىلوگىنى قۇرۇپ كىتىۋاتسام ما wp دىگەن ئاداشنى كۆرۇپ ھەۋىسىم ئالامەت چۈشۇپ قالدى ،شۇنىڭ بىلەن رىنات ئەپەندى ۋە ئۇيغۇر بەگ ھەم تورخۇمار لارنىڭ كىدىن ماراپ يۇرۇپ خىلى نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم ،راس ئۆزۇم يەكەندىن
        شۇ بىكار يۇرگىچە ھازىر aspبىلەن css ئۈگىنىۋاتقان ئىدىم
        راس تەخەللۇسۇم :ئوسال ھى ھى ھ….

  4. ھىكمەت : 2012-يىلى04-ئاينىڭ11-كۈنى16:14:04  4-قەۋەت جاۋاب

    مۇئەللىمنىڭ كونا – يىڭى بىلوگىرلارنىڭ ئۆزئارا تونۇشۇش پۈرسىتىنى ياراتقان بۇ تىمىسىدىن خۇش بولدۇم. كۆپچىلىكنىڭ قاتارىدا مەنمۇ ئۆزۈم ھەققىدە بىر ئىككى كەلىمە سۆزلەپ قوياي

    ئىسىم -فامىلەم : تەلئەت ئابلىكىم
    تۇغۇلغان ۋاقتىم : تۇغۇلغان كۈنۈمنى مۇئەللىم بىلەن بىرگە ئۆتكۈزسەم بولغۇدەك
    يۇرتۇم : غۇلجا
    كەسپىم : ئوقۇتقۇچى
    ياقتۇردىغىنىم : ئىزدىنىش، خۇشاللىق، ئۈمىدۋارلىق، گۈزەللىك…
    ئۆچ كۆرىدىغىنىم : ئۆز تۇرمۇشى ئۈچۈن ئىزدەنمەيدىغانلار، روھى چۈشكۈنلەر…
    ياقتۇردىغان ئەقىلىيە سۆز : خاتىرجەم ياشاي دېسەڭ ئائىلەڭنى سۆي…
    ئوقۇش تارىخىم : تۇلۇق كورۇس .
    قىزىقىشىم : كىتاب ئوقۇش ، چاڭغا تىيلىش، سۇ ئۈزۈش، بېلىق تۇتۇش…
    ئالاقە : بىلوگدا سۆز قالدۇرۇڭ
    بلوگ ئادىرسىم : http://www.turmux.net/
    پەقەت مۇشۇلا

    • ئىقبال : 2012-يىلى04-ئاينىڭ11-كۈنى16:16:09 جاۋاب

      رەھمەت ، كەسىپداشكەنمىز ، دائىملىق ئالاقىنى ساقىلىغايمىز ، تۇغۇلغان كۈنىمىزدە ئۆزئارا ئۇچۇرلاشقايمىز ……

  5. ئەلساھىب : 2012-يىلى04-ئاينىڭ11-كۈنى15:39:57  5-قەۋەت جاۋاب

    ئىسمىم : ئابدۇرەھمان مىجىت
    پاتىنىتلىق لەقىمىم: ئەلساھىب
    يۇرتۇم: ئاقسۇ-توقسۇ ناھىيىسىدىن
    كەسپىم: ئوقۇتقۇچى
    قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتى تىل-ئەدەبىيات كەسپىنى پۈتتۈرگەن.
    قىزىقىشىم: ياپون تىلى، كىتاپ ئوقۇش، كومپىيوتىر، يېزىقچىلىق.
    بىلوگ ئادرىسىم: elsahib.tk

  6. ئىقبال : 2012-يىلى04-ئاينىڭ11-كۈنى00:57:25  6-قەۋەت جاۋاب

    دوستلارنىڭ ۋاقىت چىقىرىپ ، ھەقىقي سالاھىيتىنى قالدۇرغىنىدىن مەن بەك خۇشال ، مەن تېما ئاستىغا ئۆز تەرجىمھالىنى قالدۇرغان ھەر بىلوگگىر دوست ئۈچۈن سەمىمىي ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن ، ھەم ئىلان چىكىشتىن ئىبارەت مۇقەددەس بۇرچۇمنى پەقەت مۇشۇ تېما ئاستىدىكى بىلوگگىرلار ئۈچۈنلا ئادا قىلىمەن ، ھەقىقىي ئادەم ئەتتى دېگەنلىك مانا مۇشۇنداق بولىدۇ ………….رەھمەت!!!

  7. ئەلپىدا : 2012-يىلى04-ئاينىڭ10-كۈنى09:55:54  7-قەۋەت جاۋاب

    ئەمدى ئىزتىل ؟ بلوگىڭىزغا كىرىپ باقماپتىكەنمەن . ئەمدى سىز راست ئونسۇلۇق بولسىڭىز ، بىز يېقىن قوشنا يۇرتتىن ئىكەنمىز . سىلەرنىڭ ئونسۇنىڭ ھازىرقى ھاكىمى جۈرئەت قاسىم دېگەن كىشى ئىلگىرى بىزنىڭ مەيداننىڭ سېكىلتارى بولۇپ ئىشلىگەن . ئۇنىڭدىنمۇ ئىلگىرى ئۇنىڭ مۇئاۋىن مەيدان باشلىغى بولۇپ ئىشلىگەن چاغلىرى ئىدى ، پېقىر ئۆزۈمنىڭ خىزمەتتە رەسمىلىشىش ئىشىمنى ھېچ ھەل قىلىپ بۇلالماي ، باش خەنزۇ باشلىقنىڭ قېشىغا چىقسام ئۇنى ، بۇنى دەپ قۇرۇق ئىمزەك سېلىپ ئىشىمنى ھەل قىلىپ بەرمەي ، ئاخىرى دېپلوم ۋە مۇناسىۋەتلىك ئىسپات ، ئوقتۇرۇشلارنى كۆتۈرۈپ جۈرەت چاڭجاڭنىڭ قېشىغا چىقتىم . ( شۇ چاغدا بىز شۇنداق دەپ ئاتايتۇق .) ئۇ ئادەم كۆرۈپ چىقىپ ‹‹ بۇ سېنىڭ ئىشىڭ پۈتكەنلا ئىشكەنغۇ ، ھەممە نەرسەڭ توللۇقكەن .›› دەپ شارت – شۇرتلا قىلىپ ئۆزىنىڭ ئىمزاسىنى قويۇپ ، ‹‹ ھە ، ئەمدى چىقە ، ئەمدى بېجىرىپ بىرەر … ›› دەپراق ، ئاندىن ‹‹ توختاپ تۇرە ، ئۆزۈم بىللە چىقاي بولمىسا ، سېنى يەنە قۇرۇق يولغا سالمىسۇن ، ››دەپ باش چاڭجاڭنىڭ قېشىغا مېنى بىللە باشلاپ چىقىپ ، ئۇنىڭ بىلەن بىر نېمىلەرنى دەپ زاكۇنلۇشۇپ ئۆزى بىر قوللۇق بېجىرىپ بەرگەن ئىدى رەسمىلىشىش ئىشىمنى …ھازىر ئۆزى ئۇنتۇلۇپمۇ كەتكەندۇ ئۇ ئىشلارنى ، ئەمما مەن ئۇنۇتمىدىم .
    ئەمدى سىزمۇ ئونسۇلۇق ئىكەنسىز ، ئىككى يىل ئىلـگىرى مەن ئونسۇنىڭ بىر قىزىل گۈلنى ئۆيۈمگە كۆچۈرۈپلا ئەكىلىۋالغان ئىدىم ، ھازىر خۇداغا شۇكرى ، شۇ گۈل بىلەن ئۆيۈم گۈللەپ بىر باغچىغا ئايلانغىلى تۇردى . شۇ تاپتا مەن مۇشۇ ئىنكاسنى يوللاپ بولۇپ ئونسۇ تامان جۆنەيمەن . بەلكىم سىز ئىشخانىدا ئىشىڭىز پۇشۇپ ، ھاۋا يەپ كېرەي دەپ سىرىتقا چىققان بولسىڭىز ، روبىرو كېلىپ قالغان بولىشىمىز، ياكى تونۇشمىغاندىكىن ناتونۇشلاردەك پەرۋاسىزلا ئۆتۈشۈپ كېتىشىمىزمۇ مۇمكىن ..بولدى ، سىز بار يەرگە بېرىشقا ئالدىراپ قالدىم ، مۇشۇنچىلىك يېزىپ تۇراي … مۇئەللىمگە بىر يازما يازاي دەپ كىرگەن ئەسلى …

    • ئۇيغۇربەگ : 2012-يىلى04-ئاينىڭ12-كۈنى15:30:14 جاۋاب

      مېنى راست تونۇپ قاپسىزمۇ نېمە. ي. نىياز ئەلقۇت چوڭ ئاكام بولىدۇ، مەن ئۆينىڭ كىچىكى… :oops:

      • ئەلپىدا : 2012-يىلى04-ئاينىڭ13-كۈنى15:35:33 جاۋاب

        ‹‹ ئاكامنىڭ ئاغىنىسىكەن ›› دەپ ئىككى كۈندە بىر بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلىپمۇ قويمايلا . داستىخان غورگىلىدەكمۇ يا ؟ ماۋۇ ئالدىراشلىقتا مەنمۇ تۇرالىرىغا رۇجەكتىن مۇنداقلا قاراپ قويۇپ كېتىپ بارىمەن …

        • ئۇيغۇربەگ : 2012-يىلى04-ئاينىڭ16-كۈنى04:24:00 جاۋاب

          راستنى دېسەم قولۇمدىكى بىر قانچە تۈرلەرنى تاماملايمەن دەپ، سىلەردەك بلوگگېرلارغا تېخىمۇ كۆپ تېخنىكا ۋە يېڭىلىقلارنى سۇنىمەن دەپ دېپلوماتىك ئىشلارنى بىر چەتكە تاشلاپ قويۇپتىمەن، ئۇنىڭدىن باشقا كەمىنىدىكى ئەدەبىيات ھۈجەيرىسى قېرىپ كېتىۋاتامدىكىن، ئەدەبىي ئەسەرلەردىن زوق ئېلىش تۇيغۇيىم بارغانسىرى سۇسلىشىپ كېتىۋاتىدۇ… :oops:

    • ئىزتىل : 2012-يىلى04-ئاينىڭ13-كۈنى07:12:23 جاۋاب

      قارىغاندا ئونسۇدا بلوگىداشلار يىغىلىشى ئۆتكۈزسەك بولغۇدەك جۇمۇ ؟ جۈرئەت قاسىم ھېلىھەم ئونسۇنىڭ ھاكىملىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋەتىدۇ ، قارىغاندا پىچىقى كەسكۈدەك ئەمسە ، مەن بىر ئىشىم بار ئىدى ، شۇنىڭ ئۇچۈن ھاكىمنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ باقسام بۇلامدۇ قانداق ؟ ئۆز ئالدىمغا ئىش قىلاي دېسەم ، بىر قىىسم ناھىيە دەرىجىلىك ئۇرۇنلار يولۇمنى توسۇپ قۇيۇپ ئالغا باسالماي قالغان ئىدىم ، مانا ئەمدى يول چىقىپ قالغاندەك قىلىدۇ .
      ئەمدى ئەلپىدا ئەپەندى ئونسۇ تەرەپلەرگە ئۆتۈپ قالسىڭىز ئىزدەرسىز ، تېلفۇن نۇمۇرۇمنى قالدۇرۇپ قوياي 13657525652 ، ئالدىڭىزغا چىقىپ كۈتىۋالىمەن ، ئىككىمىز باشلىمامدۇق بىلوگداشلار يىغىلىشىنى قانداق ؟ بەلكىم بۇنىڭ چوڭ چىكىپ بلوگگىرلار ئۈچۈن تۈرتىكىلىك رولى بۇلۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس .

      • ئىقبال : 2012-يىلى04-ئاينىڭ13-كۈنى07:20:18 جاۋاب

        قاراڭلا ما شەخسىيەتىچلەرنى ، مەنمۇ قاغىلىقتىن بولساممۇ ، ئۆز بىلىپ دوستلارغا ئۇچۇردۇم دەپ خۇشال بولسام ، ئەمدى مېنى چەتكە قاقامسىلەر ؟ ھۆ….ھۆ ! قازى ئاخۇنۇم قېنى ؟ ھۆ….ھۆ ! ماڭا ئۇۋال بولدى ……

        • ئەلپىدا : 2012-يىلى04-ئاينىڭ13-كۈنى15:39:22 جاۋاب

          ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى چەتكە قاقمىسىلا ، ئۆزىمىز ئۆزلىرىنى قانداقمۇ چەتكە قاقالايمىز ئۇستاز ، ئۇنداق دىيىشىپ كەتمەيلى دەيمە …

        • ئوربېتا : 2012-يىلى04-ئاينىڭ22-كۈنى12:04:05 جاۋاب

          يېڭى ئۇسلۇپنى ياردەم قىلىپ ماڭا بىر ئەۋەتىپ بېرەمسىز ؟ ئىلتىماس :cry:

          • ئىقبال : 2012-يىلى04-ئاينىڭ22-كۈنى12:18:17 جاۋاب

            قانداق ؟ نېمىدە ئەۋەتىپ بەرسەم بولاركىن ؟……. :grin:

  8. ئەلپىدا : 2012-يىلى04-ئاينىڭ10-كۈنى09:26:38  8-قەۋەت جاۋاب

    مەن بىر باشتىن كېلەي ، ئاۋال ئۇيغۇربەگ بىلەن تونۇشۋالاي .
    جانابى ئۇيغۇربەگ جانابلىرى ، ئۆزلىرى مۇھەممەتئېلى نىياز ئەلقۇت بۇلاملا ؟ راست شۇنداقلا بولسا ، ئالدى بىلەن بىز ئىسىمداش ئىكەنمىز، مۇشۇ سەۋەب بىلەن ئۆزلىرىنى ئالدى بىلەن ئاۋۇ مېنىڭكىگە ئوخشاش بولغان ئىسىملىرى بىلەن مۇبارەكلەيمەن . ئۇنىڭدىن كېيىن ئەگەر ئۆزلىرى راست مۇھەممەتئېلى نىياز ئەلقۇت بولسىلا ، يەنە مېنىڭچە چوقۇم توقسۇلۇق بۇرادەر دوستۇم يۈسۈپجان نىياز ئەلقۇتنىڭ ئىنىسى بولىلىغۇ دەيمەن . مۇنداق بولغان چاغدا … ئوخخو ما ئىشنى ، يۈسۈپجان نىياز ئەلقۇت دېگەن مېنىڭ نەچچە يىللىق كونا ھەقەمسايە بۇرادىرىم ئەمەسمۇ ؟ تېخى بىرەر ئايچە ئىلگىرى توقسۇغا بىر ئىش بىلەن بېرىپ ، ياناشىمىزدا ئۇ ياقنىڭ ئۆيىنى پەتىلەپ كەلگەن ئىدىم . تېخى يېرىم ئايچە ئىلگىرى يۈسۈپجانمۇ پېقىرنىڭ ئۆيىگە ئىككى ئەزىز مېھماننى باشلاپ كېلىپ ، ۋاقىت قىس دەپ كۆپ ھايال بولمايلا توقسۇ تامان جۆنەپ كەتكەن ئىدى . ئەگەر راست شۇنداقلا بولسا جانابى ئۇيغۇربەگ جانابلىرى ، ئۆزلىرى ئاۋال مېنىڭ بلوگىمغا بىر كىرىپ ، ھازىر كېيىنكى بەتكە ئۆتۈپ كەتتىمىكىن ، يا باش بەتتە بارمىكىن ، ‹‹ ئىككى بېلىقنىڭ ئۇچۇرشىشى ›› ماۋزۇلۇق شېئىرىمنى بىر تېپىپ ، نەچچە – نەچچە ياندۇرۇپ بىر- ئىككى قېتىم ئوقۇپ چىقسىلا .بىرنەرسىلەرنى ئاندىن ھېس قىلىشلىرى مۇمكىن . سىلى تونۇشتۇرغان ھېلىقى قىستۇرمىنى تېخى ئۈلۈشكۈن قاچىلىغان ئىدىم ، بلوگىمدىكى يازمىلارنىڭ زىيارەت سانى ئاران 2 ، 3 دەپ چىقىۋېلىپ ، بەك سەت تۇرىدىكەن بۇنداق بولسا …

  9. ھەۋەسكار : 2012-يىلى04-ئاينىڭ10-كۈنى09:23:24  9-قەۋەت جاۋاب

    مەنمۇ قۇرۇق قالماي !!
    نام شەرىپىم :: ئابدۇسالام
    مەۋلۇد كۈنۈم :12-ئاينىڭ 15- كۈنى ( سوۋغات بارمۇ يە ؟)
    يۇرتۇم ۋە ماكانىم : خوتەن ۋىلايىتى خوتەن ناھىيىسى xxx يېزىسى
    تەخەللۇسۇم : يوق ( قايسىڭلار ماڭا تەخەللۇس تېپ بېرىسىلەر! )
    توردىكى نامىم : مۇنبەرلەردە uyghurum ۋە uygurum نامىدا يۇرىيمەن .
    بىلوگ دۇنياسىدا ھەۋەسكار لىق ئوتىدا پۇچۇلابماقتىمەن !!
    ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغانلىرىم : قورقۇنۇچلۇق ھىكايە ، چۆچەك ،رومانلار !
    ياقتۇرۇپ يەيدىغىنىم : پولو ، گۆشكىردە ،كۆشنان ، زىخ كاۋاب ،مانتا ، لەغمەن ….ئىشقىلىپ كۆپ !! ( لېكن سەيگە سەل ئۆچ !)
    قىزىقىشىم :: ۋاسكېتبول ، كومپىيوتىر ، كىتاب ئوقۇش ، ئۇخلاش ، يەنە تېلپۇننىڭ سېستىمىلىرىنى بۇزۇپ چۇۋۇش (جىڭ پەي نىڭ )
    ئالاھىدىلىكىم : قايسىڭلار ماڭا ئالاھىدىلىكىمنى دەپ بېرىسىلەر !!
    ئالاقە : heweskar@sina.cn , otkvnqi@gmail.com
    ۋوي ۋوي سىلەرگىمۇ بوش يەر قالسۇن !! ھەممىسىنى مەن ئىگەللىۋالماي !~!

  10. ھەۋەسكار : 2012-يىلى04-ئاينىڭ10-كۈنى05:19:52  10-قەۋەت جاۋاب

    مەن باشقىلار يېزىپ بولسا كەينىدىن يازاي !!! ھامان دىۋان قالماپتۇ ماڭا !!! :grin: :grin: :grin: :grin:

  11. ئۇيغۇربەگ : 2012-يىلى04-ئاينىڭ10-كۈنى04:53:30  11-قەۋەت جاۋاب

    مانداق پاراڭ مۇنبەردە ئوخشايتى، پوھاھاھاھا!

  12. ئىزتىل : 2012-يىلى04-ئاينىڭ10-كۈنى02:07:22  12-قەۋەت جاۋاب

    مەنمۇ بىر ئىككى كەلىمە سۆزلەي ئەمسە :
    ئىسىم -فامىلەم : مۇراتجان موللامەت
    تەخەللۇسۇم : ئىزتىل ( يېقىنلىرىم ۋە دوستلىرىم مېنى ھۆرمەتلەپ مۇرات ئەپەندى دەپ ئاتايدۇ)
    تۇغۇلغان ۋاقتىم : 6-ئاينىڭ 4-كۈنى ( بۇيىل 27 ياشقا كىرىدىم ، يىلغا قىزىققانلار ھېسابلاپ بېقىڭلار)
    يۇرتۇم : ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيىسى
    ھازىرقى تۇرىۋاتقان ئورنۇم : ئونسۇ ناھىيىسى .ئونسۇ بازىرى
    ياقتۇردىغان كىتابلىرىم : ئالدى بىلەن « قۇرئان كەرىم» ئاندىن كېيىن «ئانا يۇرت»، « ئۆزلۈك ۋە كىملىك » ، « تەكلىماكاندىكى ئالتۇن كولدۇرما» « لېيىغان بۇلاق» ،« قىسسەسۇل ئەنبىيا» … قاتارلىقلار .
    ياقتۇردىغىنىم : سەمىمىيلىك ۋە راستچىللىق . دوستلۇققا سادىق كشلەر .
    ئۆچ كۆرىدىغىنىم : شەخسىيەتچى ، ئۆز كۆمۈچىگە چوغ تارتىدىغانلار .
    ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان ئادىمىم : ئاتا – ئانام ، ئۆزۈم ، ئايالىم .
    ياقتۇردىغان ھەم ئۆزۈم يەكۈنلىگەن ئەقىلىيە سۆزۈم : روھى باي گاداي باي گاداي ، روھى گاداي باي گاداي باي .
    خىزمەت ئورنۇم : ئونسۇ ناھىيە ئونسۇ بازارلىق ھۆكۈمەت .
    ئوقۇش تارىخىم : تۇلۇق كورۇس .
    ئالىي مەكتەپتىكى كەسىپىم : ئېنگىلىزتىلى . ( قۇشۇمچە بىر يىل رۇس تىلى ، بىر يىل ياپۇن تىلىنى قۇشۇپ ئۆگەنگەن ، ھازىر چاغاتاي تىلىنى ئۆزلۈكىمدىن ئۆگۈنىۋاتىمەن ).
    قىزىقىشىم : كىتاب ئوقۇش ، رەسىم سىزىش،بىلوگ يېزىش ، گىتتار چېلىش . پۇتبۇل مۇسابىقىسى كۆرۈش.
    ئالاھىدىلىكىم : رەسىم سىزىش ، كوپىيۇتېر مەشخۇلاتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش.گىتتار چېلىش.
    ئالاقە : ئېلخەت : murat614@163.com , ياكى izden@sohu.com
    QQ:410894566.
    بلوگ ئادىرسىم : http://www.iztil.com
    تور ئادىرسىم : http://www.uyultax.com
    بۈگۈنچە مۇشۇنچىلىك يازاي …. :lol:

قېنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يېزىڭ

باش سۈرەت؟