نامراتقىنە كۈلبەم بەك غىرىپ ،
تور قاپلىغان قەلبىمنى چەكسىز .
ھەسرەتلەرگە بولۇپ قۇل تۇتقۇن ،
ئارمان بىلەن ئۆلىمەن شەكسىز .
بەلكىم
نامىزىممۇ چۈشۈرلەر ئاددى ،
جىنازامغا يېپىلماس يوپۇق .
گاداي روھىم بارسا باقىغا ،
دوزاقنىڭمۇ ئاسمىنى تۇتۇق .
بەلكىم
ياد ئەتمەيدۇ ھىچكىشى مېنى ،
كەلمەس ھەتتا قەبرەمنى يوقلاپ .
تۇرار پەقەت قۇمۇش قاپلىغان ،
ئاخىرقى ئۆي تېنىمنى قوغداپ .
بەلكىم
سىغىنارغا ئادىمىمۇ يوق ،
قەلىبلەردىن تۇتمىغاچ ماكان .
ئىكەك ئىكەن ئىككى دۇنيادا ،
ئەزىز جانغا غىرىپلىق ھامان ..