ھازىرقى ئورنىڭىز: باشبەتمىللەتلەر>تەپسىلىي مەزمۇن
خۇيزۇ مىللىتى
2012-يىلى03-ئاينىڭ17-كۈنى / مىللەتلەر / ھازىرچە ئىنكاس يوق / كۆرۈلۈشى : 1 قېتىم+

خۇيزۇ مىللىتى - شىنجاڭدا 910 مىڭ (2006 – يىللدىكى مەلۇمات) خۇيزۇ بار بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، ئۈرۈمچى، غۇلجا، يەنجى قاتارلىق جايلارغا تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان.

خۇيزۇ دېگەن سۆز مۇسۇلمان مىللەتلىرىنىڭ خەنزۇچە قىسقارتىلىپ ئاتىلىشىدىن كېلىپ چىققان. خۇيزۇلارنىڭ مەنبەسىنى مىلادىيە 7 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ سۈرۈشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. شىنجاڭدىكى خۇيزۇلار يۇەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى شىنجاڭدا تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانلىرىدىن باشقا، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئىچكى ئۆلكىلەردىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈپ كېلىنگەنلەردۇر.

خۇيزۇلار خەنزۇ تىل – يېزىقىنى قوللىنىدۇ. ئۇلارنىڭ يېزىدىكىلىرى دېھقانچىلىق بىلەن، شەھەرلەردە ئولتۇراقلاشقانلىرى يېمەك – ئىچمەك ۋە ئۇششاق تىجارەتلەر بىلەن شوغۇللىنىدۇ. كىيىم – كېچەك جەھەتتە خەنزۇلار بىلەن ئوخشاپ كېتىدۇ، ئەمما ياشانغانلىرى بېشىغا ئاق بۆك كىيىدۇ. يېمەك – ئىچمەك، نىكاھ، ئۆلۈم ئۇزىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىسلام دىنىنىڭ قائىدە – قانۇنلىرى بويىچە ئىش كۆرىدۇ. خۇيزۇلار قۇربان ھېيتنى كىچىك ھېيت، روزا ھېيتنى چوڭ ھېيت دەپ قارايدۇ.

خۇيزۇلار بالا تۇغۇلغاندا بالىنىڭ خاس ئىسمىدىن باشقا، يەنە ئەرەبچە دىنىي ئىسىم قويىدۇ. ئوغۇل بالا 7 ياشقا كىرگەندە خەتنە قىلىدۇ. قىز بالا قۇلىقى تېشىلىپ، قۇلىقىغا ھالقا ئېسىپ قويۇلىدۇ.

【ئالدىنقى يازما】
【كېيىكى يازما】

قېنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يېزىڭ

باش سۈرەت؟