ھازىرقى ئورنىڭىز: باشبەتمىللەتلەر>تەپسىلىي مەزمۇن
تاتار مىللىتى
2012-يىلى03-ئاينىڭ17-كۈنى / مىللەتلەر / ھازىرچە ئىنكاس يوق / كۆرۈلۈشى : 1 قېتىم+

تاتارلار — كۆپ قىسمى غۇلجا، چۆچەك، ئالتاي، ئۈرۈمچى، گۇچۇڭ، جىمىسار قاتارلىق جايلاردا ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئاساسەن شەھەرلەردە ياشايدۇ. نوپۇسى 4 مىڭ 700 (2006 – يىلىدىكى مەلۇمات)تىن ئاشىدۇ. تاتار تىلى ئالتاي تىلى سىستېمىسى تۈركىي تىللار ئائىلىسىگە تەۋە. تاتارلارنىڭ كۆپچىلىكى شەھەرلەردە ياشىغاچقا، تىجارەتچى ۋە زىيالىيلارنىڭ نىسبىتى خېلىلا يۇقىرى. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۇيغۇر ياكى قازاق تىللىرىنى پىششىق بىلىدۇ. 19 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ، قازاق رايونىدىكى تاتارلار ئىلگىرى – كېيىن شىنجاڭغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ھەمدە شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت – مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشقان.

تاتارلار ئىسلام دىنىغا ئېتقاد قىلغاچقا، ئۇلارنىڭ كۆپلىگەن ئادەتلىرى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان باشقا مىللەتلەرنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. تاتارلارنىڭ ئەرلىرى ئادەتتە ئاق كانۋاي كۆينەك كىيىدۇ. كۆينەك ئۈستىگە قارا جىلىتكە كىيىدۇ، ئاياللار مارجان باسقان گۈللۈك دوپپا، ئاق، سېرىق ياكى جىگەررەڭ ئۇزۇن كۆينەك كىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. تاتار ئاياللىرى پېچىنە – پىرەنىك ۋە ھەر خىل تاتلىق – تۈرۈملەرنى پىششۇرۇشقا ماھىر. تاتارلار ناخشا – مۇزىكىغا ھېرىسمەن، ئۇلارنىڭ شوخ، لەرزان مۇزىكىلىرى ئادنوشكا قاتارلىق ئۆزگىچە ئۇسۇللىرى كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ.

باشقا مىللەتلەر 113 مىڭ 700 بولۇپ، %57 . 0نى ئىگىلەيدۇ.

【ئالدىنقى يازما】
【كېيىكى يازما】

قېنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يېزىڭ

باش سۈرەت؟