ھازىرقى ئورنىڭىز >باشبەت > شېئىرلىرىم
2℃
2012-يىلى06-ئاينىڭ05-كۈنى / شېئىرلىرىم /; كۆرۈلۈشى : 50 قېتىم+
قەدەملەردىن تامچىيدۇ سۈكۈت ، تەڭسىقلىقتا ئەگىيدۇ بىر سۆز . بىغىشىدا تىترەيدۇ يۈرەك ، مۇڭ توكىدۇ قارچۇقىدىن كۆز . يىراقتىكى تاتلىق چۈشەكەش ، بويتاقلىقنىڭ غىرىپ كەپىسى . توزۇتماقتا گۈزەل كەچمىشنى ، جۇدالىقنىڭ ئىغىر شەپىسى . گۈگۈمدىكى جىگدە ياپرىقى ، ئەڭ ئاداققى ئۇياتچان قوللار . قەدەملەرنى قويدى ئۇزۇتۇپ ، دوقمۇشلاردا كېسىشكەن يوللار.......
داۋامىنى ئوقۇش

7℃
2012-يىلى06-ئاينىڭ01-كۈنى / شېئىرلىرىم /; كۆرۈلۈشى : 59 قېتىم+
قوڭغۇراق ئاۋازى مۇڭلۇق مۇزىكىدەك جاناننىڭ چاقىرىشىدەك ياقتى مۇئەللىمگە . چىقتى سىنىپتىن ، يوقۇتۇپ چىرايىدىكى چارچاشلارنى ، تۈزلەپ پۈرۈم-پۈرۈم قورۇقلارنى . ئاھ ، بىر سائەتلىك دەرس ! تۇگىدىغۇ ئاخىر ، ئېلىندى مانا يەلكىسىدىن يوغان بىر تاش. چىلىندى قايتا كىرىش قوڭغۇرىقى ، مۇئەللىم قەدىمىگە تىكىلدى قىرىق قاراق. كىچىككىنە مىڭىلەر لەيلەر تۇماندا. چۈشىنەلمەسلىك مەۋجۇتتۇر ھامان تۇرسىمۇ ئۆرۈلۈپ ۋاراق . ئۆتتى بىر سائەت ئۆتتى يەنە بىر سائەت! قۇياش نۇرى چۈشكەن كۆزنەكتىن كۆرىنىدۇ مۇئەلل...
داۋامىنى ئوقۇش
21℃
2012-يىلى05-ئاينىڭ31-كۈنى / شېئىرلىرىم /; كۆرۈلۈشى : 92 قېتىم+
تولىمۇ كىچىكىپ ئۇچراتتىم سېىنى ، قولۇڭنى تۇتقانچە تىكىلدىم ئۈنسىز. ھاياجان ئىلكىدە سوقتى يۈرۈگۈم ، تونۇدۇم ، كۈتكىنىم سەن ئىدىڭ سۆزسىز. سەن ئىدىڭ نامەلۇم ئۈمىتسىز ئادرىس، كونۋرىت ئۈستىگە يېزىلغان ئاپئاق . ئىزىتقۇ جىلۋىلىك ، تۇمانلىق دالا ، كەلمىگى نا ئېنىق ، جاھانكەش ساياق . ئىزدەيتتىم كۆزۈڭنى كۆكتە يۇلتۇزدىن ، لەۋلىرىڭ قىزىل گۈل بەرگىدە ئايان . تاڭدىكى شەپەقتە مەڭزىڭ جىلۋىسى ، دىلىمدا ئوت بولۇپ ياناتتى ئارمان . كۆكلەمدە ياشىرىپ ، تۆكۈلدۈم كەچكۈز، ئۇچۇردى يىللارنىڭ بوران-چ...
داۋامىنى ئوقۇش
4℃
2012-يىلى05-ئاينىڭ30-كۈنى / شېئىرلىرىم /; كۆرۈلۈشى : 56 قېتىم+
سەرۋىدەك كىلىشكەن گۈزەل قامىتىڭ ، قۇياشتىن نۇر ئالغان چولپان كۆزلىرىڭ . زەخمەكتەك قەلبىمنىڭ تارىسىنى چىكەر، جىسمىڭدىن بالقىغان ھەر بىر تىۋىشىڭ . سېنىڭسىز ھېچنەرسە تۇيۇلماس گۈزەل ، مىھرىڭدۇر يېشىللىق قاپلىغان دۇنيا . جۇدالىق قاپلىغان ئۇزاق تۈنلەردە ، ھەمراھسەن مۇڭۇمغا قېتىپ لىرىكا . قۇرۇق قول قايتىدۇ ئۇھسىنىپ شۇ دەم ، ئويۇمدىن چەتنىگەن ئىنتىلىش گۇيا ، ئاشۇرار سۆيگۈمنى ، سىغىنىشىمنى ، بەرگەن شۇ قەسىمىڭ بولۇپ تۇتىيا!
داۋامىنى ئوقۇش
0℃
2012-يىلى05-ئاينىڭ28-كۈنى / شېئىرلىرىم /; كۆرۈلۈشى : 38 قېتىم+
(ئايالىم خاتىرىسىدىن) گىگانىت تاغلارنىڭ ئەركىن قوينىدا ، يۈرەمسەن ھىجراندا قالدۇرۇپ مېنى ؟ «خۇش»دېمەي كەتسڭمۇ ئاچچىقىڭ بىلەن ، بىلمدىم ، يەنىلا سىغىندىم سېنى . تەنھالىق چىرمىغان بۇ ئىغىر كۈنلەر ، تۈگەيدۇ قاچاندا كۆرىمەن سېنى . دىلىڭدا رەنجىشنىڭ ئاچچىق ھېسلىرى ، بولسىمۇ ، ئەسلەپ قوي بەزىدە مېنى .....
داۋامىنى ئوقۇش
5℃
2012-يىلى04-ئاينىڭ17-كۈنى / شېئىرلىرىم /; كۆرۈلۈشى : 201 قېتىم+
(ناخشا تېكستى) قىز بولۇپتۇ چوكانلار، گۈل بولۇپتۇ قىزباللار. بىزنى ئوتتا كۆيدۈرگەن ، ئالدىمىزدا تۇرغانلار. نېمە توللا يوللاردا ، قىزلار تولا دۇنيادا . دەردى كۆپ يىگىتلەرگە ، داۋا تېپىلار قايدا . ئاپمۇ-ئاق تاغدىن چۈشتۈم ، ئاپمۇ-ئاق توپاق مېنىپ . مەي كەلتۈر ئاق مەيپۇرۇش ، مەس بولاي ئاق مەي ئېچىپ . شاراپ ياخشى بويتاققا ، گەپ كەلتۈرمە شاراپقا . ھالى چوڭ شۇ قىزلارنى ، ئىشلەتمەيمىز ياماققا .
داۋامىنى ئوقۇش
6℃
2012-يىلى04-ئاينىڭ13-كۈنى / شېئىرلىرىم /; كۆرۈلۈشى : 150 قېتىم+
ۋەسلىڭ ئۈچۈن مىڭ ئۆلۈپ ، بىر تىرىلدىم خىزمىتىم ، كۆزلىرىم نۇرى ئۆچۈپ ، يادەك ئىگىلدىم خىزمىتىم ، ئونبەش باھار سەن تامان كارۋانغا تىزىلدىم خىزمىتىم ، يەنە باشلىق ، ھاكىمغا قۇلدەك يىلىندىم خىزمىتىم ، تۆمۈر دەپتەر بەتلىرىگە ئاخىر تىزىلدىم خىزمىتىم . تىنچىدى چاڭقاق تىلەك ۋەسلى شارابىڭنى ئېچىپ ، ئۆتتى ئايلار بىر-بىرىگە بەرمىدى تۇتۇق قىچىپ ، ئوي ۋە چوڭقۇرى قەيەردە باققىنىمدا بىلدىم كېچىپ ، ئىنتىزارىم رومالىنى قايرىدىم يۈزىن ئېچىپ ، سەن ئىكەنسەن ئالتۇن قەپەس ، تۇتقۇن بىلىندىم خىز...
داۋامىنى ئوقۇش
3℃
2012-يىلى04-ئاينىڭ10-كۈنى / شېئىرلىرىم /; كۆرۈلۈشى : 114 قېتىم+
ئۇيقۇغا ئېلىنىپ كۆزلىرى ئاستا ، تېنچىدى ھاياتلىق ، تۈن كېچە بۇدەم . يانىدۇ پەقەت بىر ئۆيدە جىنچىراق ، يانىدۇ بىر يۈرەك ئىزتىراپتا ھەم . تۆت تامنىڭ ئىچىدە يىگانە ئايال ، كۈتكىلى ئىرىنى بولغاندۇ نىكەم . قاپ – قارا ئەرۋاھنىڭ كۆزلىرىسىمان ، دەرىزە كۆزنىكى تۇرار قارىيىپ . جاراڭلاپ ئاچىدۇ كېچە بورىنى ، ۋە كىزەر خانىنى پەردىلەر قايرىپ . يۈرىكى "قارت"قىلىپ ياپراقتەك تىترەپ ، مەزلۈمە چىرايى كېتەر ئاقىرىپ . شىرەگە قويۇلغان ئىككى قاچا ئاش ، قوش كىشىلىك كارۋات قالغاندۇ مۇزلاپ . ساداقە...
داۋامىنى ئوقۇش
2℃
2012-يىلى04-ئاينىڭ07-كۈنى / شېئىرلىرىم /; كۆرۈلۈشى : 108 قېتىم+
خەستە بولغان ھاياتتىن كۆڭلۈم ، رىئاللىقتىن كەتتى يىراقلاپ . مەن قايىتقۇچە ئاداقى ئۈمىد ، بەلكى تۇرار يولۇمدا ساقلاپ . چەكسىز ساما ، ئۇمىتسىز سۆيگۈ ، يۇلتۇز بولۇپ يانار چاراقلاپ . ئاپپاق قالغان ھايات بېتىنى ، ئۆرۈپ بارار يىللار ۋاراقلاپ . خىيالىمدا سۆيگەن نۇر لالەم ، چۈشلۈرۈمگە كىرەر قۇچاقلاپ . ئەپ كېتىدۇ رىئاللىق يەنە ، قوللىرىمدىن يۇلۇپ-تارتقۇشلاپ . خىياللىرىم چەكسىز يىپلىرى ، ئۈمىتدلەرنى بارىدۇ ئۇلاپ . ئېستەكلىرىم يۈرىدۇ سەرسان ، بىر نامەلۇم ئادرسنى سوراپ .
داۋامىنى ئوقۇش
6℃
2012-يىلى03-ئاينىڭ25-كۈنى / شېئىرلىرىم /; كۆرۈلۈشى : 208 قېتىم+
ئۇچۇرىشىپ قالارمىز كۈنلەردىن بىرى ، سالامدىن بىنىشان كېتەرمىز ئۆتۈپ . ۋە ياكى قارارمىز ئارقىغا يېنىش ، قەدەملەر قەدەمدىن توختاشنى كۈتۈپ . ئۇچۇرىشىپ قالارمىز كۈنلەردىن بىرى ، يېنىڭدا قولتۇقلاپ كېلەر بىر سايە . ئۆتۈشۈپ كېتەرمىز ، مەن ئاچچىق كۈلۈپ ، سەن بوينى باغلانغان بولۇپ بىچارە . ئۇچۇرىشىپ قالارمىز كۈنلەردىن بىرى ، تاشلانساڭ باغرىمغا ئاچارمەن قۇچاق . ياتسىرار لىۋىڭدىن قورۇنۇپ لىۋىم . سوۋۇغان تېنىڭنى باسساممەن چىڭراق . ئۇچۇرىشىپ قالارمىز كۈنلەردىن بىرى ، ياق ! ئەمەس بۇ دۇن...
داۋامىنى ئوقۇش