ھازىرقى ئورنىڭىز: باشبەتشېئىرلىرىم>تەپسىلىي مەزمۇن
خىزمىتىم
2012-يىلى04-ئاينىڭ13-كۈنى / شېئىرلىرىم / ئىنكاس سانى 4 / كۆرۈلۈشى : 89 قېتىم+

ۋەسلىڭ ئۈچۈن مىڭ ئۆلۈپ ، بىر تىرىلدىم خىزمىتىم ،
كۆزلىرىم نۇرى ئۆچۈپ ، يادەك ئىگىلدىم خىزمىتىم ،
ئونبەش باھار سەن تامان كارۋانغا تىزىلدىم خىزمىتىم ،
يەنە باشلىق ، ھاكىمغا قۇلدەك يىلىندىم خىزمىتىم ،
تۆمۈر دەپتەر بەتلىرىگە ئاخىر تىزىلدىم خىزمىتىم .

تىنچىدى چاڭقاق تىلەك ۋەسلى شارابىڭنى ئېچىپ ،
ئۆتتى ئايلار بىر-بىرىگە بەرمىدى تۇتۇق قىچىپ ،
ئوي ۋە چوڭقۇرى قەيەردە باققىنىمدا بىلدىم كېچىپ ،
ئىنتىزارىم رومالىنى قايرىدىم يۈزىن ئېچىپ ،
سەن ئىكەنسەن ئالتۇن قەپەس ، تۇتقۇن بىلىندىم خىزمىتىم .

كۆرۈنمەيدۇ يىل بويى ، ئىشلىسىەم تاپماي تىنىم ،
ئۇنۇتقاچقا قاقاقلاشنى تۇخۇم تۇغقاندىن كېيىن ،
نام شەرەپنىڭ گۈل تاجىسى تاقالمىقى ماڭا قېيىن ،
لاپچىغا مەنسۇپ نەتىجە ، تەختۇ پەركاغا يىقىن ،
تەر تۆكۈپ ئەجرىم ئۈچۈن ئۇنۋانغا يېلىندىم خىزمىتىم .

قويسا بىر سەبئى ماڭا "نەسلىمىز كىم؟"دەپ سۇئال ،
ھەقلىگە دەرگۇماندا ، تەنقىدىم باردۇر ئاۋال ،
ئۆز تىلىم مەنسۇپ ئەمەستۇر ئۆز-ئۆزۈمگە ئىھتىمال ،
مىللىتىنى سۆيمەي تۇرۇپ ، ۋەتەننى سۆيۈش بىر ئۆزگە ھال ،
گۈلزارىڭىغا ئازغان بولۇپ ، بىلمەي تېرىلىدم خىزمىتىم .

ئىشلە دەيدۇ ، چىشلە دەرگە چىقماس بىرى ئاي، يىل ئۆتۈپ ،
قاسساپ ، ناۋاي ، موزدۇزغىچە قەرىز بولدۇق مائاش كۈتۈپ ،
قورقۇپ خوتۇن سورىقىدىن ، ئۆيگە قايتماي ئاچچىق يۇتۇپ ،
تارتقىنىمىز بولدى خۇمارغا ، قاڭسېق موخۇركا يۆتىلىپ ،
ئازغىنە ھەققىڭ ئۈچۈن ، سەبرى قىلدىم خىزمىتىم .

كېم مېنى تۇغقان تۆمۈر تاۋاققا بەخشەندى قىپ ،
ئۆتەمدىمەن بىر ئۆمۈر شۇنداق ئۇنىڭغا سەجدە قىپ،
مەنمۇ ئىنسان گۈللىگەي ، باغ ياسىسام ئەجىرى قىپ ،
ئەمگىگىم ، تەرىم ئۈچۈن بەرسە رازى گۈل ئېچىلىپ ،
قەپىسىڭ ئاراشلىرىدىن پەرۋازغا ئېنتىلدىم خىزمىتىم .

【ئالدىنقى يازما】
【كېيىكى يازما】

ھازىرغا قەدەر جەمئىي 4 پارچە ئىنكاس قالدۇرۇلدى. ئۇنىڭ ئارىسىدا زىيارەتچىلەر 4 پارچە، بىكەت باشلىقى 0 پارچە ئىنكاس قالدۇردى.

  1. ئالىمجان : 2012-يىلى04-ئاينىڭ19-كۈنى05:57:18  1-قەۋەت جاۋاب

    مەن دىۋاندا دىسەم بەگ ئەپەندىم چىقىۋاپتۇدە :sad: :sad: :sad:

  2. ئۇيغۇربەگ : 2012-يىلى04-ئاينىڭ19-كۈنى02:56:42  2-قەۋەت جاۋاب

    شېئىرنىمۇ قاملاشتۇرۇپ يازىدىكەنسىز ئەسلى…

  3. ئالىمجان : 2012-يىلى04-ئاينىڭ16-كۈنى01:21:23  3-قەۋەت جاۋاب

    ۋاي ۋاي ،،،،، داۋاملىق دىۋاندا مەنلا بار ھى ھى ھى

  4. ئىنتىل : 2012-يىلى04-ئاينىڭ15-كۈنى19:38:30  4-قەۋەت جاۋاب

    ياخشى يېزىلغان شئېر ئىكەن، بىلوگىڭىز دائىم يېڭىلنىۋاتىدۇ ياخشى تېمىلار كۆپ.

قېنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يېزىڭ

باش سۈرەت؟