ھازىرقى ئورنىڭىز: باشبەتتەۋسىيەلەر>تەپسىلىي مەزمۇن
تۇرمۇش دېگەن…
2012-يىلى04-ئاينىڭ04-كۈنى / تەۋسىيەلەر / ھازىرچە ئىنكاس يوق / كۆرۈلۈشى : 45 قېتىم+

نىجات يۈسۈپ ئوغۇزى

ئەگەر‹‹ياخشى يېيىش-ئىچىش،ياخشى كىيىش،ياخشى ئويناشلا-تۇرمۇش›› دېيىلسە
ئۇنداقتا چوڭ ئۇقۇشماسلىق بولغان بولىدۇ.
تۇرمۇش- ئويغانغانلارنىڭ كۈرەش مەيدانى،شۇنداقلا غەلىبە مېۋىسىنى تەبرىكلەيدىغان چوڭ سەيلىگاھ،ئەكسىچە تۇرمۇش بىخۇدلارنىڭ مەڭگۈلۈك قەبرىگاھى.
تۇرمۇش- سەمىمىي ئادەملەرنىڭ دوستى،ساختىپەزلەرگە جازا مەيدانى.
تۇرمۇش- تۇز سېلىنمىغان بىر قاچا شورپا؛تۇز سىز ئىچسەڭ بەتتام،تۇزنى كۆپ سېلىۋەت
سەڭ قىرتاق،تۇز سېلىش ھوقۇقى سېنىڭ قولۇڭدا بولغان ئەھۋالدا ئۇنى قانداق ئىچىش پۈتۈنلەي ئۆزۈڭگە باغلىق.
تۇرمۇش- تاپقىلى بولمايدىغان تېپىشماق،تۇرمۇش ھەققىدە تۈمەنلىگەن ئادەمنىڭ تۈمەنلىگەن جاۋابى بولىدۇ.
تۇرمۇش- يەشكىلى بولمايدىغان بىر مەسىلە. مەيلى سەن ئۇنى قانداق ھېسابلا،
ھەممىسى ئەجىر-مېھنەتتىن ئىبارەت.تۇرمۇشنىڭ ئادىللىقى شۇيەردىكى،مەيلى كەمبەغەل ياكى باي بولسۇن،ھەممىسىنىڭلا غەم-قايغۇسى بولىدۇ.شۇڭا كىشلىك تۇرمۇشنى سانسىزلىغان كىچىك قايغۇلاردىن تىزىلغان تەسۋى دەيمىز.تۇرمۇشنىڭ ئادەۋەتخورلۇقى شۇ يەردىكى،سەن ئۇنى ئالدىساڭ،ئۇ سەندىن ھېساب ئالماي قويمايدۇ.ئادەم تۇرمۇشنى ئۆزگەرتىدۇ،تۇرمۇشمۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئادەمنى ئۆزگەرتىدۇ.
ئادەمنىڭ بىچارە يېرى شۇكى،ئۇ تۇرمۇشنى ھەقىقىي چۈشەنگەن چاغدا،ئۇنىڭ ھايات مۇساپىسى ئاخىرلىشاي دەپ قالغان بولىدۇ؛ئادەم قانداق ياشاش كېرەكلىكىنى بىلگەن ۋاقىتتا
تۇرمۇش ئەكسىسچە ئۆز لەززىتىنى يوقاتقان بولىدۇ.ئازاب-ئوقۇبەت ئادەمگە تۇرمۇشنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۈرىدۇ.ئاق كۆڭۈل كىشلەر ھەمىشە ئۆزىنى ئۆزگەرتىپ باشقىلارغا ۋە تۇرمۇشقا لايىقلىشىدۇ.شەخسىيەتچى كىشلەرلا دائىم باشقىلاردىن ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىغا بويسۇنۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.

【ئالدىنقى يازما】
【كېيىكى يازما】

قېنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يېزىڭ

باش سۈرەت؟