ھازىرقى ئورنىڭىز: باشبەتتەۋسىيەلەر>تەپسىلىي مەزمۇن
ھىكمەتلىك ھىكايىلەر
2012-يىلى04-ئاينىڭ07-كۈنى / تەۋسىيەلەر / ھازىرچە ئىنكاس يوق / كۆرۈلۈشى : 48 قېتىم+

پاقىنىڭ تاللىشى

ۋاز كېچىشنى بىلمەيدىغان ئادەم،ئارزۇلىرىنىلا ئەمەس،ئۆزىنىمۇ يوقىتىپ قويىدۇ.

بۇرۇنقى زاماندا بىر پاقا بولغان ئىكەن.بىر كۈنى ئۇ ئۆزى تۇتقان ھاشارەتنى تازا مەزە قىلىپ يەۋاتسا،ئۇدۇلدىن قاپقارا بىر نەرسە ئۇچۇپ كەپتۇ.پاقا تىلىنى چىقىرىپلا ئۇنى تۇتىۋاپتۇ.ئەمدىلا يۇتاي دەپ تۇرىشغا ھېلىقى نەرسە زۇۋانغا كېلىپ:“مېنى يەۋەتمىگەن ”دەپ يالۋۇرۇپتۇ.

پاقا قورققىنىدىن ئۇنى دەرھال يەرگە تۈكۈرۋىتىپتۇ.ۋە ھەيرانلىق بىلەن.سەن قانداق نەرسە؟چىۋېنمۇ ياكى پاشىمۇ؟دەپتۇ.

مەن دېگەن تىلەك ئەۋلىياسى_دەپتۇ.ھېلىقى غەلىتە ھاشارەت.

نېمە؟نېمە دېدىڭ؟سەن تېخى ئەۋلىيامۇ؟

-مېنى بوش چاغلىما،مېنى باشمالتاق قولۇڭ بىلەن بىرنى بېسىپ قويدىغان بولساڭلا بىر ئارزۇيۇڭ ئىشقا ئاشىدۇ،-دەپتۇ تىلەك ئەۋلىياسى.

راستما؟ئۇنداق بولسا سېنى بېسىپ باقسام بولامدۇ؟

_بوپتۇ،بۈگۈن ئېھتىياتسىزلىقتىن سېنىڭ قولۇڭغا چۈشۈپ قاپتىمەن،بىرەر ئارزۇيۇڭنى قاندۇرۇپ قوياي.ئاۋال مېنى باشمالتاق قولۇڭ بىلەن بېسىپ قويۇپ،ئاندىن ئارزۇيۇڭنى ئۈنلۈك ئاۋازدا ئېنىق قىلىپ ئېيتقىن.

_ ۋاھ ئەجەپ ياخشى!_پاقا ئىكى قولىنى كۆكسىگە قويۇپ،كۆزىنى يوغان ئېچىپ ئويلىنىپتۇ:“ماڭا بۇنداق پۇرسەت كېلەر دەپ ئويلىماپتىمەن،ئوبدان ئويلىشاي،ئاۋال قايسىسىنى دېسەم بولار؟“

ئۇ ئۇيان ئويلاپ بۇيان ئويلاپ پەقەتلا بىر قارارغا كېلەلمەپتۇ:“داڭلىق ئاشپەز بولسامغۇ،ھەممە ئېسىل تائاملارنى تېتىيالايتتىم.ئەمما چېمپىيۇن بولسام ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىراق بولارمىكىن.بوينۇمغا ئالتۇن مىدالنى تاقاپ،مەغرۇرلىنىپ تۇرۇپ كەتسەم قانداق ياخشى ھە؟ئۇ چاغدا ھەتتا پادىشاھمۇ ئالدىمغا كېلىپ مەن بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن بولاتتى.ياق،ياق سەنئەتكار بولسامچۇ؟بۇ ئاتا-ئانامنىڭ مەندىن كۈتىدىغان ئەڭ زور ئۈمىدى.كەشپىياتچى بولايمۇ يە،كىچىكىمدىن تارتىپلا كەشپىياتچىلارغا شۇنداق چوقۇناتتىم….“

دەل شۇ چاغدا تىلەك ئەۋلىياسىنىڭ سۆزى كەپتۇ-دە،ئۇنىڭدىن:

_بايا سەن پەقەت بىرلا ئارزۇيۇڭنى ئىشقا ئاشۇرۇپ بېرىمەن دېدىڭما؟دەپ سوراپتۇ.

_ھەئە،پەقەت بىرلا ئارزۇيۇڭنى قاندۇرالايمەن،ئويلىنىپ بولدۇڭمۇ؟

ۋايجان!ئاران بىرنىما؟مېنىڭ ئارزۇيۇم ئاشپەز،چىمپىيۇن،سەنئەتكار،كەشپىياتچى بولۇش.

_ ياق،ياق،ياق بۇ بىر ئەمەس تۆت ئارزۇكەن.

بوپتۇ،ئۇنداقتا مەن قوش ماكانلىق ئارزۇدىن بىرنى ئېيتسام بولامدۇ؟

_نېمە ئۇ قۇش ماكانلىق ئارزۇ دېگەن؟

_ مەسىلەن،بىز پاقىلار قوش ماكانلىقلارغا كىرىمىز.سۇدىمۇ،قۇرۇقلۇقتىمۇ ياشىيالايمىز.قوش ماكانلىق ئارزۇ شۇنداق بولىدۇ.يەنى بۇ ئىككى خىل ئارزۇ دېگەن گەپ.ئۆتۈنۈپ قالاي،مېنىڭ قوش ماكانلىق ئىكەنلىكىمنىڭ يۈزىنى قىلىپ،بىر قېتىم قائىدىنى بۇزۇپ تۇرغىن،بولامدۇ؟

_ سەن خۇددى بازاردىن مال سېتىۋالغاندەك باھا تالاشقىلى تۇردۇڭغۇ؟ئەگەر ئىككى خىل ئارزۇنى تەڭ دەيمەن دېسەڭ،ئاشۇ ئىككى ئارزۇنىڭ ئوتتۇرسىغا چۈشۈپ كېتىسەن.

بۇنى ئاڭلاپ پاقا بىر دەم تۇرۇپ قاپتۇ.ئاندىن قەتئىي قارارغا كېلىپ:

_ بولدى،ئويلىنىپ بولدۇم_دەپتۇ.

_ ئەمىسە باشلايلى،ئاۋازىڭ ئۈنلۈك،ئېنىق بولسۇن دەپتۇ تىلەك ئەۋلىياسى.

پاقا باشمالتاق قولىنى تىلەك ئەۋلىياسىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ بىر يۆتىلىۋىلىپ ئۈنلۈك ئاۋازدا:

مېنىڭ ئاشپەز بولغۇم…-دەپ گەپنى باشلاپلا ئارقىدىن،_ ياق سەنئەتكار،ياق!چىمپىيۇن بولغۇم بار،_دەپتۇ.

ئۇ سۆزىنى ئەمدىلا تۈگىتىشىگە تۇيۇقسىز يەر يېرىلغاندەك بولۇپ،ئۆزىنى چوڭقۇر بىر قۇدۇقنىڭ ئىچىدە كۆرۈپتۇ.

ئۇ يانپىشىنى سىلاپ يۇقىرىغا قاراپتۇ:“ۋاي خۇدايىم،بۇ يەردىن چىقىپ كىتىش مومكىن ئەمەسكەن!“دەل شۇ چاغدا قۇدۇق ئىچىدىن غايىپتىن بىر ئاۋاز كەپتۇ:

_ بۇ يەردىن چىقىپ كىتىشنىڭ مىڭ خىل ئۇسۇلى بار.چىقىپ كېتەي دېسەڭ،تامدىكى سانلاردىن بىرنى تاللىغىن.

پاقا زەن سېلىپ قارىغۇدەك بولسا،تامدا بىردىن مىڭغىچە بولغان سانلار تۇرغۇدەك.ئۇ قولى بىلەن ”1″نى سىلاپ تۇرۇپ:

_ بىرىنچى نۇمۇرنى تاللىدىم دەپتۇ.

_ ئۇنداق بولسا،جايىڭدا تۇرۇپ مىڭ قېتىم سەكرىگىن_ دەپتۇ غايىپ ئاۋاز.

پاقا دەرھال سەكرەشكە باشلاپتۇ.ئەمما 352 گە كەلگەندە پەقەتلا چىدىغۇچىلىكى قالماپتۇ:

”يەنە 999 خىل ئۇسۇل بارغۇ،شۇلارنىڭ ئىچىدىن ئاسانراق بىرىنى تاللىمايمەنمۇ؟“دەپ ئويلاپتۇ-دە،سەكرەشتىن توختاپ،يەتمىش ئالتىنچى خىل ئۇسۇلنى تاللاپتۇ.

_ تىلىڭنى 1001 قېتىم چىقار،_ دەپتۇ غايىپ ئاۋاز.

پاقا تىلىنى يەنە چىقىرىپ،يەنە كىرگۈزۈپ بىر چاغدا ئىچى پۇشۇپتۇ:“بولدىلا باشقا خىل ئۇسۇلنى تاللاپ باقاي…..“

شۇنداق قىلىپ ئۇ تاللا –تاللا مەڭگۈ قۇدۇقتىن چىقالماپتۇ.

دۇنيادا پاقىنىڭ تەقدىرىگە دۈچ كېلىۋاتقان كىشىلەر ئاز ئەمەس.ئۇلار ئارزۇيىنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنىمۇ ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ.بىرەر كىنونى كۆرسە ھاياجانلىنىپ ئارتىس بولغۇسى كېلىدۇ؛بىرەر داڭلىق رەسىمنى كۆرسە رەسسام بولغۇسى كېلىدۇ؛رەسىم سىزىۋىتىپ باشقىلارنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلىسا ناخشىچى بولغۇسى كېلىدۇ….

ئۇلارنىڭ پۈتۈن ئۆمۈرى ئەنە ئاشۇنداق تاللاش،ئىككىلىنىش ئىچىدە ئۆتىدۇ.قېرىپ چاچلىرىغا ئاق كىرگەندە ئۆتۈپ كەتكەن ئۆمرىگە،بىرەر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمىغىنىغا پۇشايمان قىلىدۇ.

ۋاز كېچىشنى بىلمەيدىغان ئادەملەر ئەنە شۇنداق تۈرلۈك-تۈمەن ئارزۇلار ئىچىدە نېمە قىلارىنى بىلمەي،ئاخىردا ھەممىدىن قۇرۇق قالىدۇ.

بۇ ئادەتنى ئۆزگەرتەي دېسىڭىز،كۆڭلىڭىزنى بىر ئىشقىلا توختىتىڭ،بىر ئىشنىڭلا پېشىنى تۇتۇڭ.

"ئاغىچەيلەم"ئۇيۇنى

ئۈچ قىزچاق دەرەخ سايىسىدە ئولتۇرۇپ ئاغچەيلەم ئۇيۇنى ئويناپتۇ.لايدىن ئوچاق ياساپتۇ.كىچىككىنە ئەسكى قاچىنى تېپىپ ئوچاق ئۈستىگە قويۇپتۇ.ئىچىگە دەرەخ يۇپۇرماقلىرىنى سېلىپ،ئوچاققا قۇرۇپ قالغان شاخ-شۇمبىلارنى قالاپ،پولو ئىتىپتۇ.ئەمما پولو پىششى بىلەنلا قورساقلىرى ئېچىپ غۇلدۇرلاپ كىتىپتۇ.ھەممىسى ئۇيۇنلىرىنى تاشلاپ ئۆيلىرىگە كىرىپ تاماق يەپ چىقماقچى بوپتۇ.

بىر ياندا ئۇلارنىڭ ئۇيۇنىغا قاراپ ئولتۇرغان پادىچى بالا:

_ نېمىشقا ئۆزۈڭلار ئەتكەن تاماقنى يىمەيسىلەر؟_ دەپ سوراپتۇ.

_ ئۇ دېگەن يالغان تاماق تۇرسا،بىز تاماق ئىتىپ ئويناۋاتىمىز.ئۇنى قانداقمۇ يىگىلى بولسۇن،_ دەپتۇ بالىلار قوللىرىنى قېقىپ.

دۇنيادا بالىلارنىڭ ئاغىچەيلەم ئۇيۇنىنى ئويناۋاتقان كىشىلەر ئاز ئەمەس.ئۇلارنىڭ ئارزۇ-ئارمىنى،كەلگۈسى ھەققىدىكى پىلانلىرى بىر قېتىملىق ئاغىچەيلەم ئۇيۇنى خالاس.ئۇلار پىلان تۈزۈشنىلا،ئارمان قىلىشنىلا بىلىدۇ_ ئۇنى قانداق قىلىپ ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئويلىمايدۇ.”مەن كەلگۈسىدە ئاتاقلىق يازغۇچى بولۇپ،نادىر ئەسەرلەرنى يازسام دەيمەن“دەپ خىيال سۈرىدىغان،ئەمما قولىغا قەلەم ئېلىپ بىرەر تال خەت يازماي تۇرۇپ،چېچىغا ئاق كىرىدىغان،“كەلگۈسىدە ئېينىشتىيىنغا ئوخشاش ئالىم بولىمەن“دەيدىغان،ئەمما كىتاپ ۋاراقلىسىلا بېشى ئاغرىيدىغان،“مەن تىك-تاك توپ چىمپىيۇنى بولسام دەيمەن“دەپ ئارزۇ قىلىدىغان،ئەمما توپنى بىر ئىككى تاكىلدىتىپ قويۇپلا،ئۇنىڭدىن ئىلىكتىرۇنلۇق ئۇيۇنچۇق ئوينىغان ياخشىكەن دەپ ئۆيىگە كىرىپ كىتىدىغان كىشىلەر ئاز ئەمەس.

ئۇلار پەقەت ئېغىزدىلا شۇنداق دەپ قويىدۇ.قىلغان سۆزىگە ئىگە بولمايدۇ،چۈنكى خىيال دېگەن شۇنچىلىك تاتلىق نەرسە،ھەتتا پادىشاھ بولۇپ خىيال سۈرسىڭىزمۇ بولىۋىرىدۇ.ئۇنىڭغا ھېچقانداق بەدەل كەتمەيدۇ.ئەمما كۆزىڭىزنى ئاچسىڭىز ئۇ بىر خىيال خالاس.

مەيلى سىزنىڭ ئارزۇ-ئارمان،غايىلىرىڭىز قانچىلىك ئۇلۇغۋار،قانچىلىك گۈزەل بولىشىدىن قەتئىي نەزەر ئەمىلىي ھەرىكىتىڭىز بولمىسا،ئۇنىڭ ھېچقانداق قىممىتى بولمايدۇ.بىز كۆرىۋاتقان ھەر بىر نەرسە كىچىكى بۇغدايدىن تارتىپ چوڭى ئالەم كېمىسىگىچە ھەممىسى كونكىرىت ھەرىكەتنىڭ نەتىجىسى.

ھەرىكەت.بۇ ئاجايىپ سىھىرلىك سۆز.پەقەت ئۇنىڭغا تايانغاندىلا ئارزۇ-ئارمانلىرىڭىز چېچەك ئاچىدۇ.بىر تال ئۇرۇق ئەتىراپقا خۇش پۇراق چاچقان گۈلگە ئايلانغۇچە قۇياش نۇرى،سۇ،ھاۋاغا مۇھتاج بولغاندەك ئارزۇ ئارمانلارمۇ چېچەك ئاچقۇچە پەقەت ھەرىكەتكە مۇھتاج بولىدۇ.

ھەر بىر كىشىنىڭ ئارزۇسى بىر تال كىچىككىنە ئۇرۇققا ئوخشايدۇ.ئۇنى ئېھتىيات بىلەن پەرۋىش قىلغاندىلا،ئۇ بۈك-باراقسان دەرەخكە ئايلىنىپ مىۋە بېرەلەيدۇ.ئۇنداق بولمايدىكەن،ئۇنى قولىڭىزدا تۇتۇپ يۈرۈپ ئاخىرى بىر كۈن يوقىتىپ قويىسىز.

دوستلار سىلەرنىڭ ئارزۇ ئارمانلىرىڭلار تۇرمۇشۇڭلارنىڭ ھەر بىر جەريانىغا سىڭدىمۇ؟

ئارزۇ ئارمىنىڭلارنى ھەرىكەت تۇپرىقىغا تېرىدىڭلارمۇ؟

ئىككى قاپاقنىڭ تەقدىرى

ئوخشاش بىر دەرەختىكى مىۋىنىڭ تەقدىرى نىمىشقا ئوخشاش بولمايدۇ؟

ناھايىتى يىراق بىر ئارالدا بىر پەلەكتە ئىككى تال قاپاق چۈشۈپتۇ.

بۇ ئىككى قاپاق بىر –بىرىگە شۇنداق ئوخشايدىكەن.پەرقلەندۈرگىلىمۇ بولمايدىكەن،ئەمما مىجەزى پەقەتلا ئوخشاشمايدىكەن.ئاكىسى جىمغۇر،چىداملىق ئىكەن،ئىشلارنى تەھلىل قىلىشنى ياخشى كۆرىدىكەن؛ئىنىسى بولسا ئۇيۇن قېپى،بىپەرۋا ئىكەن.

ئاكىسى كىچىكىدىن تارتىپلا ياخشى نىيەتلىك ئادەملەرگە ياردەم قىلاليدىغان خىسلەتلىك قاپاق بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىكەن.

ئىنىسى ئاكىسىنى زاڭلىق قىلىپ:

_ خام خىيال قىلما ھەممە ئادەمنىڭ تەقدىرى پىشانىسىگە پۈتۈلگەن بولىدۇ.مېنىڭ ياشاش پەلسەپەم بېشىمغا كەلگەننى كۆرۈش.كەلگۈسى پىلان دېگەن نېمە ئۇ؟دەيدىكەن.

ئاي تولغان بىر كۈنى كېچىدە“ۋىڭ“قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئارالدىكى ياۋا گۈللەر ئىچىدىن يۈز-كۆزىنى قورۇق بېسىپ كەتكەن كىچىككىنە بىر ئادەم سەكرەپ چىقىپتۇ.

ئۇ چوڭ قاپاقتىن:سەن كەلگۈسىدە قانداق ئىشلارنى قىلىشنى،نەلەرگە بېرىشنى خالايسەن؟-دەپ سوراپتۇ.

چوڭ قاپاق ئۇنىڭغا ھەيرانلىق بىلەن قاراپتۇ ۋە ئۆز ئارزۇسىنى ئېيتىپتۇ.

بۇ…بۇ ئانچە ئاسانغا توختىمىغۇدەك.بۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن بەدەل تۆلىشىڭگە توغرا كېلىدۇ.شۇنچە جاپا تارتقانغا چۇشلۇق بەلكىم نەتىجىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولماي قېلىشىمۇ مومكىن،_ دەپتۇ ھېلىقى ئادەم.

مەيلى قانداقلا بولمىسۇن،مەن بىر سىناپ باقاي دەيمەن.مەن مۇشۇ ئارزۇلارنىڭ قوينىدا مەست بولۇپ يۈرگىلى ئۇزۇن بولدى.ئۇ يۈرۈكۈمدىكى بىر پارچە ئوتقا ئوخشاش ماڭا پەقەتلا ئارام بەرمىدى،_ دەپتۇ چوڭ قاپاق.

_ بوپتۇ،لىكىن سەن ئۆگىنىدىغان نەرسىلەر بەك كۆپ،ئۇنى ئۆگەنگۈچە نۇرغۇن جاپا_ مۇشەقەتلەرگە دۇچ كېلىسەن،سەندە شۇلارنى يېڭەلەيدىغان جاسارەت بولىشى كېرەك،ئىشىنى باشلايلى،سەن ئايدىن نۇر چېچىشنى ئۆگەنگىن،- دەپتۇ.

ئۇ ئەمدىلا سۆزىنى تۈگىتىپ تۇرىشىغا بەدىنىگە بىر نەرسە شۇنداق قاتتىق تىگىپتۇكى،يىقىلىپ چۈشكىلى تاسلا قاپتۇ.

_ كەچۈرۈڭ،كەچۈرۈڭ،بىز ئويناۋاتاتتۇق،سىزنى كۆرمەي قاپتۇق،دەپتۇ كىچىك قاپاق.

_ مەنمۇ سېنى ئىزدەپ يۈرەتتىم،- دەپتۇ ھېلىقى كىشى ئۇنىڭ بېشىنى سىلاپ،_ ئېيتىپ باقە،كەلگۈسىدە قانداق ئىشلارنى قىلىشنى،قەيەرلەرگە بېرىشنى خالايسەن؟

بۇنى…..مەن تېخى ئويلاپ باقمىدىم.ئەگەر راستىنلا باشقىلارنىڭ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ بېرەلەيدىغان كارامىتىڭىز بولسا مەن سىز گە ئېيتىپ بېرەي.مەن كەلگۈسىدە ھېرىپ-چارچىمايدىغان،ئۇيۇن-تاماشا بىلەن ئۆتىدىغان بىرەر ئىش قىلسام دەيمەن.قالغان ئىشلارنىڭ كارايىتى چاغلىق،-ئۇ شۇنداق دەپتۇ-دە،دىك-دىك سەكرەپ ئورمانلىق ئىچىگە كىرىپ كىتىپتۇ.

ئارىدىن يۈز يىل ئۆتۈپتۇ.

ئاكىسى دۇنيادا بار جاپانىڭ ھەممىسىنى تارتىپ،پىشىپ يىتىلىپ ھەقىقىي سىھىرلىك قاپاققا ئايلىنىپتۇ.

ئىنىسچۇ؟ئۇنى بىر دېھقان چاي ئۇسىدىغان چۆمۈچ قىلىۋاپتۇ.قارىداپ كەتكەن يېرىمى يوق بۇ كۆرۈمسىز قاپاقنىڭ ھېلىقى سېھىرلىك قاپاق بىلەن بىر پېلەكتە ئۆسكەن ئاكا-ئىنىلەر ئىكەنلىكىگە ھېچكىمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىكەن.

ئەمىلىيەتتە،بۇ دۇنيا يۇغان بىر تۈپ دەرەخكە ئوخشايدۇ.بىز ھەممىمىز شۇ دەرەختىكى مىۋىلەر.لىكىن نىمىشقا ئوخشاش بىر تۈپ دەرەختىكى مىۋىلەرنىڭ تەقدىرى ئوخشاش بولمايدۇ؟

نىمىشقا بەزىلەر ھاياتىنى شۇنچە مەنىلىك ئۆتكۈزۈپ،ئۆلمەس تۆھپىلەرنى يارىتالايدۇ؟يەنە بەزىلەر ھېچقانداق ئىشنى بىر باشقا ئېلىپ چىقالماي،ئۆتكەن كۈنىگە شۈكرى قىلىپ يۈرىيدۇ؟

نىمىشقا؟زادى نىمىشقا؟

چۈنكى،بىرىنچى خىلدىكى كىشىلەرنىڭ ئارزۇ-ئارمىنى،نىشانى بار،ئۇلار ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدە قانداق ئادەم بولىدىغانلىقىنى،قاياققا ماڭىدىغانلىقىنى،نىمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ،ئۇلار چەكسىز دېڭىزدا ئالغا قاراپ كىتىۋاتقان كېمىگە ئوخشايدۇ.

ئىككىنچى خىلدىكى كىشىلەر ئارزۇ-ئارمىنىمۇ،نىشانىمۇ يوق.ئۇلار ئۆزىنىڭ نىمە قىلىۋاتقانلىقىنى،نىمە ئۈچۈن ياشاۋاتقىنىنى بىلمەيدۇ.ياشلىقىنى،پۈتۈن ئۆمرىنى نام-نىشانسىز ئۆتكۈزۋېتىدۇ.ئۇلار سۇدا لەيلەپ يۈرگەن بىر تال سامانغا ئوخشايدۇ.

كىچىككىنە توزاننىڭ ھىكايىسى

مۇئەللىم دوسكىغا خەت يازغاندا بوردىن چىققان بىر تال توزان ئۇچۇپ كېلىپ،بىر بالىنىڭ ئايىقىغا قونۇپتۇ. بالا مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپلا ئايىغىنى تامغا قارىتىپ پىقىرتىپ ئېتىپتۇ،-دە،ئۆيگە كىرىپ كىتىپتۇ.

نىمىدىگەن مەينەت قىلىۋەتكەن،قارا بۇ بالىنى،- ئانىسى قولىغا چوتكىنى ئېلىپ ئاياقنى چوتكىلاشقا باشلاپتۇ.

_ ۋايجان ! ئەجەب ئاغرىدى،توزان چوتكىنىڭ سانجىلىشىغا چىدىماي ۋاقىراپ كىتىپتۇ.ئاخىر تولغىنىپ يۈرۈپ پولغا چۈشۈپتۇ.“ئۇھ،ئاران قۇتۇلدۇم“دەپ تۇرشىغا چاچلىرى پاخپايغان بىر نەرسە كېلىپ ئۇنى تۇتىۋاپتۇ.

_ قېنى قەيەرگە قاچىسەنكىن،ئەمدى دوزاخقا چۈشىسەن،_تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭ ئۈستىدىن شالاقلاپ سۇ قۇيۇلۇشقا باشلاپتۇ.“ۋايجان ئەمدى تۈگەشتىم“توزان سۇ كۆلچىكىنىڭ تۈشۈكىگە قاراپ ئېقىشقا باشلاپتۇ.

دەل شۇ چاغدا كۈچلۈك بىر قول كېلىپ ئۇنىڭ بىلىكىدىن تارتىۋاپتۇ.كۆزىنى ئېچىپ قارىغۇدەك بولسا،قاپقارا بىر نەرسە ئۇنى چىڭ تۇتۇپ بىر يەرگە سۆرەپ مېڭىپتۇ.

_ ۋايجان !خۇدايىم،بۇ قەيەر؟بايىقى ئالۋاستى ئېيتقان دوزاخ شۇمۇ يە؟

_ ئۇ ئالۋاستى ئەمەس،ئادەملەر پول سۇرتۈشكە ئىشلىتىدىغان نەرسە،بىزنىڭ دۈشمىنىمىزمەن قارا ماتاق بولىمەن.دوست بولۇپ قالايلى.ھېلىقى ئۈستىدىن سۇ چۈشكەن يەر سۇ كۆلچىكى،ئۇ چاڭ-توزانلارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان يەر.

_ ھېلىقى نەرسە نىمىشقا بىز بىلەن دۈشمەنلىشىدۇ؟مەن يا ئۇنىڭ چىشىغا تەگمىسەم،نىمىشقا مېنى دوزاخقا تاشلايمەن دەيدۇ؟

_ كىم بىزنى چاڭ-توزان بولسۇن دەپتۇ؟_ دەپتۇ قارا ماتاق،_ ھەممە ئادەم بىزنى مەينەت دەپ ئۆچ كۆرىدۇ،پەس كۆرىدۇ،سۈپۈرگە،چوتكا،پول سۇرتكۈچ،دەسمال دېگەندەك نەرسىلەر بىزنى ئەشەددىي دۈشمىنى دەپ بىلىدۇ.سەن چاڭ_توزان سۈمۈرگۈچ دەيدىغان ئەڭ قورقۇنچلۇق نەرسىنى كۆرمىدىڭ تېخى،ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىساملا بەدەنلىرىم تىكەنلىشىپ كىتىدۇ،ئۇنىڭ قولىغا چۈشكەن نەرسە ھەرگىز ساق چىقمايدۇ.

بۇنى ئاڭلاپ توزاننىڭ كۆڭلى بەكمۇ يېرىم بوپتۇ:“مەن ئەسلىدە ھەممە ئادەم ئۆچ كۆرىدىغان ئارتۇقچە يارىلىپ قالغان نەرسە ئىكەنمەن،مەن نېمە دېگەن شور پىشانە“.

كەچتە ئادەملەر ئۇيقۇغا كەتكەندە چاڭ توزانلار ناخشا ئېيتىپ،ئۇسسۇل ئويناپ تاماشا قىلىشقا باشلاپتۇ.پەقەت ھېلىقى توزانلا كىتاپ ئىشكاپىغا كىرىپ،كىتاپ ئوقۇشقا باشلاپتۇ.كىتاپتىكى ياپيېشىل دەرەخ،رەڭگەارەڭ گۈل،چىرايلىق كېپىنەك ھەققىدىكى تەسۋىرلەرنى ئوقۇپ،ئۆزىدىن تېخىمۇ بىزار بوپتۇ.

_ نىمىشقا مەن بىر تۈپ دەرەخ،بىر تال گۈل ياكى كېپىنەك بولۇپ قالماي،باشقىلارنى بىزار قىلىدىغان،ھېچنىمىگە ئەرزىمەس توزان بولۇپ قالغاندىمەن،_ئۇ شۇنداق دەپ ئۈن سېلىپ يىغلاپتۇ.

_ ھەي ئەخمەق بىزنى كىم ھېچنىمىگە ئەرزىمەس دەيدۇ؟

_ ئۇ ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ قارىسا،يېنىدا پار_پار پارقىراپ تۇرغان بىر توزان تۇرغۇدەك،ئەسلىدە ئۇ بىر پارچە ئەينەكتىن بولغاچقا،شۇنداق پاقىراق ئىكەن.

_ ھەممەيلەىن ئۇنى پار-پار قىز دەپ ئاتايدىكەن.

_ بۇ دۇنيا بەكمۇ چوڭ،ھەر بىر ئادەمنىڭ،ھەر بىر نەرسىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئورنى،رولى بولىدۇ،_ دەپتۇ پار-پار قىز.

_ بىز توزانلارنىڭمۇ رولىمىز بارمۇ؟دەپ سوراپتۇ توزان ھەيران بولۇپ.

_ ئەلۋەتتە،مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە،_ دەپتۇ پار-پار قىز.

توزان ئۇنىڭ سۆزىگە ئانچە ئىشىنىپمۇ كەتمەپتۇ،ئۇچۇپ بىېرىپ بىر تال يۇپۇرماققا قونۇپتۇ_ دە،دەرەخكە:

_ دەرەخ بوۋا،سىز نېمە دېگەن بەختلىك،شۇنداق يوغان ھەيۋەتلىك،ماڭا قاراڭە،مەن نېمە دېگەن بىچارە،_ دەپتۇ.

_ لىكىن مېنىڭ ئازاپلىرىمنى چۈشەنمەيسەن.قارا،مەن ئۆمۈر بويى مۇشۇ بىر جايدىلا تۇرىمەن.ھېچ يەرگە بارالمايمەن.سەنچۇ؟خالىغان يېرىڭگە بارالايسەن.

توزان دەرەخنىڭ سۆزىنىڭمۇ ئاساسىي بارلىقىنى ھېس قىپتۇ.ئۇ يەنە ئۇچۇپ بېرىپ بىر تال گۈلنىڭ بەرگىگە قونۇپتۇ_ دە،ئۇھ تارتىپ قويۇپ:

_ سەن نېمە دېگەن چىرايلىق،مەنمۇ گۈل بولۇپ قالغان بولسامچۇ، _ دەپتۇ.

گەرچە ھەممە ئادەم مېنى ياخشى كۆرسىمۇ،لىكىن بىزنىڭ ئۆمىرىمىز بەك قىسقا،لىكىن سەنچۇ شۇنداق ئۇزۇن ياشايسەن.جاھاننىڭ راھىتىنى قانغۇچە سۈرەلەيسەن.

_ ئۇغۇ راست دەپتۇ توزان بېشىنى لىڭشىتىپ،دەل شۇ چاغدا بىر تال كېپىنەك ئۇنىڭ يېنىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەنىكەن.ئۇ كېپىنەكنىڭ قانىتىغا قونىۋاپتۇ.

_ مەن كېپىنەك بولۇپ قالغان بولسامچۇ،ئىلگىرى دەرەخكە ھەۋەس قىلاتتىم.قاراپ باقسام ئۇ يا ماڭالمايدىكەن،يا ئۇچالمايدىكەن.گۈلگە ھەۋەس قىلسام ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق ئازابى بار ئىكەن.كىچىككىنىلا ئۆمۈر كۆرىدىكەن.يەنىلا كېپىنەك بولغان ياخشىكەن.

_ نېمە دەيدىغانسەن؟بىزنىڭمۇ كۈنىمىز تەس،_ دەپتۇ كېپىنەك._ قاچان بىرەرسى تۇتىۋالاركىن دەپ كۈن بويى دەككە-دۈككىدە يۈرۈيمىز.بەزىلەر تۇتىۋىلىپ ئەينەك ئاستىغا باستۇرۇپ قويغان،بەزىلەر كىتاپ ئارىسىغا قىستۇرۇپ قويغان.ئۇنىڭ ئازابىنى سەن ھەر گىز ھېس قىلالمايسەن.

بىر شامال چىقىپتىكەن توزان ئاسمانغا كۆتۈرلۈپتۇ:“توۋا دۇنيا ئەجەپ قىزقارلىقكەن،مەن دەرەخ،گۈل،كېپىنەكلەرگە ھەۋەس قىلىپ يۈرۈپتىمەن،بۇلارنىڭمۇ ماڭا ھەۋەس قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن“.

دەل شۇ چاغدا ئۇنىڭ قۇلىقىغا:

_ ئەزىز مېھمان ياخشىمۇ سىز؟دېگەن يېقىملىق ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ.

_ ئەزىز مىھمان؟توزان قۇلىقىغا ئىشەنمەي قاپتۇ.ئەتىراپىغا قارىسا ھېچكىم يوق، _ بۇ كىمدۇ؟

_ سەن ئاخىرى كەلدىڭ،مەن سېنى كۈتىۋاتقىلى ئۇزۇن بولدى.

سەپسېلىپ قارىغۇدەك بولسا بىر تال دۈپدۈگىلەك سۇ تامچىسى ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ تۇرغىدەك.

_ مېنى ساقلاپ نېمە قىلىسەن؟

_ ھازىرلا بىلىسەن، _ سۇ تامچىسى ئۇنىڭ قولىدىن تۇتۇپلا بۇلۇتلار ئارىسىدىن پەسكە سەكرەپتۇ.

يامغۇر ياغدى!زىمىن،دەل-دەرەخ،گۈل-گىياھ… بارلىق جانلىقلار يامغۇرنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئاپتۇ.

توزان ئۆزىنى شۇنداق بەختلىك ھېس قىپتۇ،خۇشاللىقىدىن ئۇسسۇل ئويناپتۇ.

بىر توپ بالا يۈگۈرۈپ كېلىپ:

_ قاراڭلار،يامغۇر توختاپ ھەسەن-ھۈسەن چىقىپتۇ، _ دەپ ۋاقىراپتۇ.

توزان بالىلارنىڭ كۆزىدىن ئۆزىنى كۆرگەندەك بوپتۇ.قۇياش نۇرىدا بەدىنىدىن نۇر تۈكىلىۋاتقاندەك،ئۆزىنى ھەسەن-ھۈسەننىڭ بىر قىسمىدەك ھېس قىپتۇ.

دېمەك،دۇنيادا كىشىلەر ئەرزىمەس دەپ قارىغان ئاددىي،كىچىككىنە نەرسىنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق رولى،گۈزەل تەرىپى بولىدۇ.

بەزى كىشىلەردە چوڭ-چوڭ ئىشلارنى ئويلاشقا،خىيال قىلىشقا جۈرئەت قىلغۇدەكمۇ يۈرەك يوق،دائىم ئۆزىنى سەل چاغلايدۇ.ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىدىن گۇمانلىنىدۇ.نەتىجىدە،ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى بارغانسىرى ئاجىزلاپ،ئارزۇ-ئارمان چېچەكلىرى توزۇشقا باشلايدۇ. ئۆزىگە ئىشەمچ قىلالمىغان ئادەم ھەرگىزمۇ چوڭ ئىشلارنى قىلالمايدۇ.

ئالتە مەلىكە

بۇرۇنقى زاماندا بىر پادىشاھ بولۇپ،ئۇنىڭ بىر-بىرىدىن ئەقىللىق،باتۇر،ئاقكۆڭۈل ئالتە قىزى بار ئىكەن.پادىشاھ كىمنى ئۆزىنىڭ تەخت ۋارىسى قىلىشنى بىلەلمەي بېشى قېتىپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە،بىر پەرىشتە ئۇنىڭغا بىر تال پۇرچاق بېرىپتۇ،پەرىشتىنىڭ ئېيتىشىچە،بۇ پۇرچاق پادىشاھنىڭ تەختي ۋارىسى تاللىشىغا ياردەم بېرەلەيدىكەن.

شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ باغۋەننى بۇ پۇرچاقنى ئارقا باغقا تېرىشقا بۇيرۇپتۇ.بۇ پۇرچاقنى تېرىغاندىن كىيىن قانداق ئىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى پادىشاھمۇ بىلمەيدىكەن.ئىككىنچى كۈنى سەھەردە ئارقا باغقا غولى شۇنداق توم بىر توپ پۇرچاق ئۈنۈپ چىقىپتۇكى،ئۇنىڭ ئىگىزلىكىگە كۆز يەتمەيدىكەن.ئۈستىدە نېمە بارلىقىنى ئەسلا كۆرگىلى بولمايدىكەن،خۇددى بۇلۇتقا تاقاشقان شوتىنىڭ ئۆزىكەن.

چوڭ مەلىكە بىرىنچى بولۇپ دادىسىغا ئۇنىڭ ئۈستىگە چىقىپ نېمە بارلىقىنى كۆرۈپ بېقىشنى ئىلتىماس قىپتۇ.پادىشاھ سەل ئەندىشە قىلسىمۇ،ئەمما پەرىشتىنىڭ گېپىنى ئويلاپ،مەلىكىنىڭ چىقىشىغا رۇخسەت قىپتۇ.

مەلىكە ئۇنىڭغا يامىشىپتۇ،يامىشىپتۇ،شۇنچە ئىگىزگە يامىشىپمۇ ھېچنېمىنى كۆرەلمەپتۇ.ھېررىپ ھېچ ھالى قالماپتۇ.قوللىرى قاپىرىپ كېتىپتۇ.بەدىنى چىدىغۇسىز ئاغرىشقا باشلاپتۇ.تۇرۇپلا:“ۋاي-ۋۇي ھەممە نەرسەم تەل بىر مەلىكە تۇرۇپ بۇنىڭغا يامىشىپ نېمىمۇ قىلارمەن؟ئۈستىدە نېمە بولسا بولمامدۇ،بولدى،چۈشۈپ كېتەيچۇ!دەپ قايتىپ چۈشۈپتۇ ۋە پەستىكىلەرگە:

ھېچنېمە يوقكەن،دەپتۇ.

ئىككىنچى مەلىكە ھەدىسىنىڭ گىپىگە ئىشەنمەي ئۆزى چىقپ كۆرۈپ باقماقچى بوپتۇ.يامىشە،يامىشە،بىر يەرگە كەلگەندە بىر مۇنچە تىكەننى كۆرۈپتۇ.ئۇ قاياققا ياماشسا،تىكەنمۇ خۇددى جېنى باردەك شۇ ياققا يۆتكىلىپتۇ.مەلىكە ئاخىر چىدىماي قايتىپ چۈشۈپتۇ ۋە پەستىكىلەرگە:

_ ئۇنىڭ ئۈستىدە تىكەن بار ئىكەن، دەپتۇ.

بۇنى ئاڭلىغان ئۈچىنچى مەلىكە“بولدى،ئۆزۈملا چىقاي“ دەپ پۇرچاق غولىغا يامىشىپتۇ.“ئۇنىڭ ئۈستىدە يەنە نېمە باردۇ؟غەلىتە ئىش،ئىنىكئانامنىڭ ئېيتىشىچە،دېۋىنىڭ ئوردىسى بارمىش.ئەگەر راستىنلا شۇنداق بولۇپ قالسا،ئۇنىڭدىن ئاۋال<تېنچلىقمۇ،دەپ ئەھۋال سورىسام بولارمۇ ياكى مال دۇنيارىڭنى چىقار!دەيمۇ؟>دەپ ئويلاپتۇ.بىر چاغدا ئېھتىياتسىزلىقتىن قولى بوشاپ كىتىپ،پەستىكى سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىگە پولتۇڭىدە چۈشۈپ كىتىپتۇ.ئۇ يېڭىلگىنىگە تەن بەرمەي: ”خەپ توختا،پالتا بىلەن تۈۋىڭدىن كىسىۋەتمىسەم“دەپ ۋاقىراپتۇ.

ئەمدى نۆۋەت تۆتىنچى مەلىكىگە كەپتۇ.ئۇ بىر تەرەپتىن ئۈچىنچى مەلىكىگە قاراپ كۈلسە،يەنە بىر تەرەپتىن دەرەخكە يامىشىشقا باشلاپتۇ“ئاخىرى بۇ سىرنى ئۆزۈم ئاچىدىغان ئوخشايمەن“دەپتۇ،ئۆز-ئۆزىگە. يامىشىپ بىر يەرگە كەلگەندە يۇقىردىن ناخشا ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ.ئۇ خۇشاللىقىدىن پۈتۈن غەيرىتىنى يىغىپ يامىشىپتۇ.تۇيۇقسىز قولى قاتتىق ئاغرىپ كىتىپتۇ.قارىسا قولىدىن قىپقىزىل قان ئېقىۋاتقۇدەك.پەسكە قاراپ:“مېنى قۇتۇلدۇرۇڭلار“ دەپ ۋاقىراپتۇ.پەرىشتىنىڭ كۈلرەڭ كەپتىرى ئۇنى پەسكە چۈشۈرۈپ قويۇپتۇ.ھەممىسى يۈگـۈرۈپ كېلىپ قارىسا،مەلىكىنىڭ قولىنىڭ كىچىككىنە يېرىنى بىر نىمە تىلىۋەتكەنىكەن.

نۆۋەتبەشىنچى مەلىكىگە كەپتۇ،ئۇ ئىچىدە: ”ئۇلار ھەممىسى ھېچنېمىنى كۆرمىدۇق دەپ كەلدى،راستىنلا ئۇنىڭ ئۈستىدە ھېچنېمە يوقمۇ نېمە؟لىكىن بولدى قىلسام ھەممىسى مېنى توخۇ يۈرەك دېيىشى مومكىن،قانداقلا بولمىسۇن بىر چىقىپ باقاي!“ دەپ ئويلاپ،پۇرچاق غولىغا ئاستا يامىشىشقا باشلاپتۇ.ئۇ يامىشىپ بىر يەرگە كەلگەندە:“ئەمدى چۈشۈپ كېتەي،ھېچنېمە يوقكەن دېسەملا پۈتمىدىمۇ؟!“ دەپ قايتىپ چۈشۈپتۇ.

پادىشاھ كەنجى مەلىكىگە:

_ سەن تېخى كىچىك،بولدى چىقمىغىن دەپتۇ.

_ ياق خان ئاتا،مەنمۇ چوڭ بولدۇم،بىر چىقىپ باقاي،رۇخسەت قىلسىڭىز،_ دەپ يالۋۇرۇپتۇ كەنجى مەلىكە.

پادىشاھ ئامالسىز ماقۇل بوپتۇ،كەنجى مەلىكە پۇرچاق غولىغا شوخلۇق بىلەن يامىشىشقا باشلاپتۇ.

ئارىدىن خېلى ۋاقىت ئۆتۈپتۈ.ئەمما كەنجى مەلىكە قايتىپ چۈشمەپتۇ.پادىشاھ تىت-تىت بولغىنىدىن ئالدى-كەينىگە مېڭىشقا باشلاپتۇ.دەل شۇ چاغدا يۇقىردىن چىققان قورقۇنچلۇق كۈلكە ئاۋازى بىلەن تەڭ كەنجى مەلىكە پادىشاھنىڭ قولىغا پوككىدە چۈشۈپتۇ ۋە ئەتىراپتىكىلەرگە:

_ تېزدىن پۇرچاقنى تۈۋىدىن كىسىۋىتىڭلار،تېز كىسىۋىتىڭلار،_ دەپ ۋاقىراپتۇ.

چاپارمەنلەر تەرەپ-تەرەپتىن ھېلىقى پۇرچاقنى ھەرىدەشكە باشلاپتۇ. ”گۈلدۈر“قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ،غايەت زور بىر دىۋە دەرەخ بىلەن تەڭ يەرگە پوككىدە چۈشۈپتۇ-دە،تىن تارتماي ئۆلۈپتۇ.

ھەممە ئادەم قورققىنىدىن چىرقىرشىپ كىتىپتۇ.

دىۋە ئۆلگەندىن كىيىن،كەنجى مەلىكە كۆپچىللىككە ئۆزىنىڭ تارتقان ئازاپلىرىنى،تىكەنلەرنىڭ توسالغۇسىدىن قانداق ئۆتكەنلىكىنى،قوللىرى تىلىنىپ قاناپ كەتسىمۇ چىداپ يۇقىرغا ئۆرلەۋەرگەنلىكىنى،ئاخىرى بىر سىھىرلىك بىر ئوردىغان كىرىپ قالغانلىقىنى،ئۇ يەردە گەپ قىلالايدىغان ھەميان،سىھىرلىك ئۈزۈك ۋە ناخشا ئېيتالايدىغان نەينى ئۇچىراتقىنىنى،بىر دەمدىلا ھېلىقى دىۋىنىڭ شىددەت بىلەن ئېتىلىپ كەلگەنلىكىنى،ئۆزىنىڭ ئۇنىڭ قولىدىن قانداق قىلىپ قۇتۇلغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ.

_ قاراڭلار،بۇلار مەن ئېلىپ چۈشكەن بايلىقلار.بۇ ھەميانغا:“سىلكىنىڭ ھەميىنىم“دېسەڭلارلا ئۇنىڭدىن تىللا تۈكۈلىدىكەن؛بۇ سېھىرلىك ئۈزۈك ئادەمنى ياشارتىدىكەن؛بۇ نەي ھەر خىل ناخشىلارنى ئېيتالايدىكەن، _ دەپتۇ.كەنجى مەلىكە.

ھەممە ئادەم ئۇ نەرسىلەرنى كۆرۈپ ئاغزىنى ئېچىپلا قاپتۇ،دەل شۇ چاغدا ھېلىقى پەرشتە پەيدا بوپتۇ ۋە كەنجى مەلىكىگە قاراپ كۈلۈپ:

_ قىزىم سىز ھەقىقەتەن باتۇر ئىكەنسىز،سىز ئەمەلىيەتتە پۇرچاق غولىغا ئەمەس،ئارزۇ-ئارمان پەلەمپىيىگە يامىشىپ چىقتىڭىز.ھېچكىم چىدىمايدىغان جاپا-مۇشەقەتكە چىدىدىڭىز،ھەرگىز بەل قويۋەتمىدىڭىز.بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى سىزگە تەئەللۇق،ھە راست،بۇ نەرسىلەرلا ئەمەس يەنە تېخى….، _ پەرىشتە سۆزىدىن توختاپ پادىشاھتىن، _ كىمنى تەخت ۋارىسى قىلىشنى ئەمدى بىلگەنسەن دەپتۇ.

_ ئەلۋەتتە، _ دەپتۇ پادىشاھ قايىللىق بىلەن، _ چۈنكى كەنجى مەلىكە ئۆزىدە ئايال پادىشاھ بولۇشقا تىگىشلىك ئەڭ ئالىي پەزىلەت_ چىدامچانلىقنىڭ بارلىقنى نامايەن قىلدى دەپتۇ.

پەرشتە قالغان بەش مەلىكىگە:

_ سىلەر يېرىم يولدىلا بەل قويۋەتتىڭلار،بەكمۇ ئەپسۇس!كىشىلەر دائىم چارچاش،قىيىنچىلىق،مەغلۇبىيەت،ئىككىلىنىش دېگەندەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن،ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا ئارزۇ-ئارمانلىرىدىن مەھرۇم قالىدۇ،بۇ سىلەرگە ئاچچىق ساۋاق بولسۇن دەپتۇ.

رىئال تۇرمۇشتىمۇ بۇ خىلدىكى كىشىلەر ئاز ئەمەس،ئۇلار بىرەر ئىشنى ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن باشلايدۇ-يۇ،ئازراق قىيىنچىلىق،توسالغۇ،مەغلۇبىيەتكە يولۇقسىلا دەرھال نىيتىدىن ۋاز كېچىپ ئارقىغا يانىدۇ.

غەلبە ئاخىرغىچە غەيرەت قىلغۇچىلارغا مەنسۈپ.ئارزۇ-ئارمانلىرىڭىزنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا ئەڭ ئاخىرقى بىر تال پەلەمپەيگە چىققۇچە غەيرەت قىلسىڭىزلا،قانداق مۆجىزىلەرنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلەلەيسىز.

مەنبە:شىياۋلىڭ دىڭداڭ يازغان(دىلنۇر ئابدۇرۇسۇل تەرجىمە قىلغان) ”ئارزۇ تاشقىنلىرى“ ناملىق كىتاپتىن.

【ئالدىنقى يازما】
【كېيىكى يازما】

قېنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يېزىڭ

باش سۈرەت؟