ھازىرقى ئورنىڭىز: باشبەتتەۋسىيەلەر>تەپسىلىي مەزمۇن
ئوقۇتقۇچىلارنى يوقىتايلى!( فېليەتون )
2012-يىلى02-ئاينىڭ28-كۈنى / تەۋسىيەلەر / ئىنكاس سانى 9 / كۆرۈلۈشى : 1 قېتىم+

ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەربىيەسىدىن مۇستەسنا ھالەتتە ئانىسىنىڭ قورسىقىدىنلا دوكتۇر، ماگىستېر، ئالىم – ئىنژىنېر، رەھبىرىي كادىر بولۇپ تۆرەلگەن تۇغما تالانت ئەقىل ئىگىلىرىگە:
كەمىنە مۇئەللىم شۇنچە يىللاردىن بېرى ئالجىپ قالغان يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ "بالاڭنى تەربىيەلەشتە تاياق بىلەن ئۇر، تاياق بىلەن ئىللەت تۈزىلۇر"دېگەن ئاساسسىز، مەدەنىيەتسىز، سەۋىيەسىز گەپلىرىگە، كاللىسىغا ئىشەك تېپىۋەتكەن ئەجدادلارنىڭ "ئۇستاز زالىم بولسا، شاگىرت ئالىم بولۇر"، "تەلەپچان ئۇستازدىن ياراملىق شاگىرت چىقىدۇ"دېگەن قۇرۇق سەپسەتىلىرىگە ئىشىنىپ، ھەر قايسىڭلارنىڭ قاتتىق تەلەپ قويمىسىمۇ ئۆزلۈكىدىنلا ئەقىللىق، بىلىملىك بولۇپ كېتىدىغان، خاتالىقىنى تەنقىد قىلىپ كۆرسىتىپ بەرمىسىمۇ ئۆزلۈكىدىن تۈزىتىپ ئوڭشىلىپ كېتىدىغان، كەلگۈسىدە داڭلىق ئالىم-ئۆلىما بولىدىغان ئارزۇلۇق پەرزەنتلىرىڭلارنى خۇددى كېيىن ياراملىق ئادەم بولۇپ قالسا ماڭا تۇتاملاپ پۇل ئەكېلىپ بېرىدىغاندەك قىلىپ چىڭ تۇتۇپ، خاتالىق ئۆتكۈزسە تەنبىھ بېرىپ، تولىمۇ قاتتىق تەلەپ بىلەن تەربىيەلەپ كەلگەن خاتالىقىمغا چەكسىز پۇشايمان ۋە تەۋبىلەرنى قىلىپ ئولتۇرماقتىمەن.
ئويۇنغا بېرىلسە سېسىق گەپ بىلەن تويغۇزۇپ، ئىنتىزامسىزلىق قىلسا جازالاپ، ئۈستى–ئۈستىلەپ تاپشۇرۇقلارنى بېرىپ، ئۇھ دېگۈدەك پۇرسەت بەرمەي ئوقۇتۇپ قولدىن چىقارغان، ھازىر چەتئەللەردە ماگىستېرلىقتا ئوقۇۋاتقان، شىركەتلەرنى قۇرۇپ پۇل تېپىۋاتقان، مېنىڭ شۇ ناچار تەسىرىم بىلەن پەرزەنتلىرىگىمۇ ئوخشاش زۇلۇم سېلىۋاتقان كونا ئوقۇغۇچىلىرىمدىن تولىمۇ تۆۋەنچىلىك بىلەن ئەپۇ سورايمەن.

كىچىكىمدە "بالىنىڭ گۆشى سىلىنىڭ، سۆڭىكى بىزنىڭ"دەپ مېنى قاتتىق قول تەربىيەچىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن، يالغانچىلىق قىلىپ مۇئەللىمدىن تاياق يەپ ئۆيگە يىغلاپ كەلسەم، يۈگۈرۈپ بېرىپ مۇئەللىمنىڭ ياقىسىدىن ئېلىشنىڭ ئورنىغا مېنى "ئۇستازىڭغا يالغان گەپ قىلدىڭما؟" دەپ ئۆگەي بالىنى ئۇرغاندەك ئۇرۇپ كەتكەن دادامنى قەبرىسىدىن تارتىپ ئېلىپ چىقىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ھۆججەتلىرىنى، تورداشلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى قوغداش، ئاسراش ھەققىدىكى ئىنكاسلىرىنى كۆرسەتكۈم كېلىۋاتىدۇ.شۇ تىل –دەشناملارنىڭ دەستىدىن ئاران ماگىستېر بولۇپتىمەن، ناۋادا ئۇنداق كۆڭلۈمگە ئازار بەرمەي، سىلاپ –پەپىلەپ ئوقۇتقان بولسا چوقۇم دوكتۇر ئاشتى بولاتتىمكەن. خەپ دادا!

ئۆتكۈر پىچىقى بىلەن راك ھۈجەيرىلىنى كېسىپ تاشلاپ، نۇرغۇن بىمارنى قۇتقۇزغان ئۇستا دوختۇرنى بىر قېتىملىق سەۋەنلىك بىلەن قولىدىكى پىچاقنى تارتىۋالساق، نۇرغۇن جىنايەتچىلەرنى پاراسەت بىلەن قولغا چۈشۈرۈپ، نۇرغۇن خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلكىنى قوغداپ كەلگەن ساقچىنى بىر قېتىملىق سەۋەنلىك بىلەن تۈرمىگە سولىساق، نۇرغۇن ئالىم – ئىنژىنېر، تەتقىقاتچى – كەشپىياتچىلارنى تەربىيەلەپ كەلگەن ئوقۇتقۇچىنى بىرەر ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزىنى بىنادىن تاشلىۋېلىشى بىلەن مۇنبەردىن ئايرىساق ....ئەسلىدە ئىشنىڭ توغرا يولى مۇشۇ ئىكەندە؟

18ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويسا يەتمىش پۇشتىغىچە پۇشايمان قىلغۇدەك جازالايسىز-يۇ، كىچىكىدىن باشلاپ قاتتىق تەلەپ بىلەن تەربىيەلەپ، چوڭ بولغاندا خاتالىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى نېمە ئۈچۈن خاتا دەيسىز؟

ھەر يىلى نەچچە ئونمىڭلىغان ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ قۇرامىغا يەتكەنلەر جىنايەت ئۆتكۈزۈپ تۈرمىگە كىرسە، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنسا كۆزىڭىزنى مىت قىلمايسىز، پۈتۈن مەملىكەتتىكى نەچچە يۈز مىليون ئوقۇغۇچىنىڭ ئىچىدە بىر –ئىككىسى ئوقۇتقۇچىنىڭ ياخشى نىيەت بىلەن قىلغان تەنبىھلىرىگە چىدىماي ئۆزىنى بىنادىن تاشلىۋالسا، سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرمەيلا ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەپ، ئوقۇتقۇچىلارنى ئاغزىڭىزغا كەلگەنچە تىللاپ، مىدىرلىيالماس قىلىپ قويىسىز.

نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا كەپسىزلىكتە ئۇچىغا چىققان، ئاتا –ئانىسىمۇ باشقۇرالماي قالغان بىر نەچچە ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىدىن تاياق يېسە دەرھال تۈزۈم چىقىرىپ تەن جازاسى بېرىشكە بولماس بولدى، ھەر قانچە خاتالىق ئۆتكۈزسىمۇ، غورۇرىمىزغا تەگسىمۇ قول تەگكۈزەلمەيدىغان بولدۇق.ئۆتكەن يىلى ئوقۇتقۇچىنىڭ گېپى ئىچىگە ئۆتۈپ كەتكەن بىرى بىنادىن ئۆزىنى تاشلىۋالسا ئەمدى ئوقۇغۇچىلارنى تىللاشقىمۇ، ئاتالمىش "زىتىغا تېگىدىغان" گەپلەرنى قىلىشقىمۇ بولماس بولدى.

ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىنى ئۇرسا تۈرمىگە كىرىدۇ.ئوقۇغۇچىلار بىرلىشىپ ئوقۇتقۇچىنى ئۇرسا "قۇرامىغا يەتمىگەن" دېگەن باھانە بىلەن پەقەت تەربىيە بېرىلىدۇ.

قېنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھۆرمىتى؟ قېنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىززىتى؟ قېنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەيۋىسى؟ قېنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نوپۇزى؟

سىزنىڭ بالىڭىزنىڭ غورۇرى غورۇر بولۇپ، ئوقۇتقۇچىنىڭ غورۇرى كالىنىڭ پىشمايدىغان يېرىما؟

- تاپشۇرۇق ئىشلىمەپسەنغۇ؟

-مۇئەللىم، ھۆكۈمەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىڭلار دەۋاتسا، نېمە دېگەن كۆپ تاپشۇرۇق بۇ؟ ئىشلىمىدىم....

- تۈنۈگۈن نېمىشقا دەرسكە كىرمەيسەن؟

-مۇئەللىم، بۇ دىگەن ساپا مائارىپى.ئوقۇغۇچىلار قىزىقىشى ۋە ئالاھىدىلىكى بويىچە تەربىيەلىنىشى كېرەك. قىزىقىشىم پۇتبول بولغاچقا پۇتبول مەشىق قىلدىم شۇ.

شۇنى سورىغۇم كېلىۋاتىدۇ.قايسى بىر ئوقۇتقۇچى كۆڭۈل خۇشلۇقى ئۈچۈن بىگۇناھ ئوقۇغۇچىلارنى ئۇرۇپ ئوينايدىغاندۇ؟ قايسى ئوقۇتقۇچى ھېچبىر سەۋەبسىز ئوقۇغۇچىنى تەنقىد قىلىدىغاندۇ؟ سىزچە ئوقۇتقۇچى تاپشۇرۇق تەكشۈرۈشكە شۇنچە ھېرىسمەنمىدۇ؟ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى قاتتىق تەلەپ بىلەن تەربىيەلىشى ئۆز كەلگۈسى ئۈچۈنمىدۇ؟

پۈتكۈل جەمىئىيەت قاتتىق قول، تەلەپچان ئۇستازلاردىن شۇنچە بىزار بولغان بولسا، ئوقۇتقۇچىلارنى يوقىتىپلا قۇتۇلساڭلار بولمامدۇ؟

مەنبە:مىسرانىم مۇنبىرى

 

ھازىرغا قەدەر جەمئىي 9 پارچە ئىنكاس قالدۇرۇلدى. ئۇنىڭ ئارىسىدا زىيارەتچىلەر 5 پارچە، بىكەت باشلىقى 4 پارچە ئىنكاس قالدۇردى.

  1. ئالىمجان : 2012-يىلى04-ئاينىڭ09-كۈنى05:42:45  1-قەۋەت جاۋاب

    ۋاي ۋاي …..،تاسقالدىم تامغا ئۇسىۋەتكىلى ، :mrgreen: :mrgreen:

    • ئىقبال : 2012-يىلى04-ئاينىڭ09-كۈنى05:46:03 جاۋاب

      بۇ يەردە تام يوقتىغۇ ؟ نەدىن پەيدا بوپ قالدى بۇ تام ئەمدى؟ بۇ ئەسەرنى ئوقۇۋاتقاندا تامنىڭ يىنىدىمىتىڭىز ؟ ئورۇندۇققا يۆلىنىپ ئوقارسىز ئەمدى……

  2. ھەۋەسكار : 2012-يىلى04-ئاينىڭ09-كۈنى05:40:14  2-قەۋەت جاۋاب

    مۇئەللىملەرنى يوقاتساق بالىلىرىمىزنى كىم ئوقىتىدۇ ؟؟؟ مىنىڭغۇ ھازىر بالام يوق !!! :lol: :lol: :lol: :lol:

    • ئىقبال : 2012-يىلى04-ئاينىڭ09-كۈنى05:44:42 جاۋاب

      غەم قىلماڭ ، ھازىر جەمئىيەتتە ئوقۇتقۇچىدىن تولا خىزمەتچى يوق ، ئوقۇتىدىغانلار ھامان چىقىدۇ ، ئوقۇتىدىغانغا چىقمىسا ئۆزۈم شەخسەن ئوقۇتۇپ بىرىمەن ، ھۆددەس ……

      • ھەۋەسكار : 2012-يىلى04-ئاينىڭ09-كۈنى10:42:51 جاۋاب

        كىچىك ھەۋەسكار دۇنياغا كەلگەندە سىزنى ئىزدەيمەن ھە !!ئەمسە !!! :lol: :lol: :lol:

  3. ئۇيغۇربەگ : 2012-يىلى04-ئاينىڭ09-كۈنى05:35:31  3-قەۋەت جاۋاب

    ئوقۇتقۇچىنى يوقىتىپ ئۇيغۇربەگكە يازغۇچى قىلىش كېرەك!

    • ئىقبال : 2012-يىلى04-ئاينىڭ09-كۈنى05:37:38 جاۋاب

      سىزگە يازغۇچى ئەمەس ، كاتىپلىققا ئاران يارارمەن مەن؟

  4. ئەلپىدا : 2012-يىلى03-ئاينىڭ04-كۈنى15:22:00  4-قەۋەت جاۋاب

    بۇ يېڭى بلوگىڭىزغىمۇ مۇبارەك بولسۇن . ئىشىنىمەنكى بلۇگباس سۇپىسىدىكى بلوگىڭىزغا ئوخشاشلا بۇمۇ شىددەت بىلەن ، سۈپەت بىلەن ئالغا ئىلگىرلىگۈسى …

  5. ئىقبال : 2012-يىلى02-ئاينىڭ28-كۈنى17:48:35  5-قەۋەت جاۋاب

    مۇئەللىم بىلوگى مۇستەقىل ھالەتتە ، رىنات ئەپەندىمنىڭ خالىسانە ياردىمى ئارقىسىدا مانا مۇشۇنداق مەيدانغا كەلدى. بۇنى يەنە ئۇيغۇر بەگ ، پاراۋۇز ، شاتمەن ، غىنىباي ، ئەلشات بەگ ، پەنجىر بەگ …… قاتارلىق باشلامچىلارنىڭ ياردىمىدىن ، سەممىي قوللىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ ، ئەلۋەتتە . بىلوگ ساھەسىدىكى باشلامچىلارغا سەمىمىي ئىھتىرامىمنى بىلدۈرىمەن . بولۇپمۇ ئۇسلۇب بىلەن تەمىنلەپ ، بىر قوللۇق تەڭشەش خىزمىتىنى تاماملىغان رىنات ئەپەندىمگە چوڭقۇر تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن . بىلوگ سىلەرنىڭ قوللىشىڭلارغا ، ياردىمىڭلارغا يەنىلا مۇھتاج ……!!! :razz:

قېنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يېزىڭ

باش سۈرەت؟