(ناخشا تېكستى)
قىز بولۇپتۇ چوكانلار،
گۈل بولۇپتۇ قىزباللار.
بىزنى ئوتتا كۆيدۈرگەن ،
ئالدىمىزدا تۇرغانلار.
نېمە توللا يوللاردا ،
قىزلار تولا دۇنيادا .
دەردى كۆپ يىگىتلەرگە ،
داۋا تېپىلار قايدا .
ئاپمۇ-ئاق تاغدىن چۈشتۈم ،
ئاپمۇ-ئاق توپاق مېنىپ .
مەي كەلتۈر ئاق مەيپۇرۇش ،
مەس بولاي ئاق مەي ئېچىپ .
شاراپ ياخشى بويتاققا ،
گەپ كەلتۈرمە شاراپقا .
ھالى چوڭ شۇ قىزلارنى ،
ئىشلەتمەيمىز ياماققا .
ھى…ھى…ھى… يەڭگىل قوشاقكەن، ياقتۇردۇم.
قالتىس جۇمۇ سىز
كىنايە دىگەن نى ئولتۇردىكەنسىز
بويتاقلار مارشىنى ۋۇجۇتقا چىقىرىپسىزدە مۇئەللىم