سالام دوسىتلار !
ئالدىنقى يازمىمىزدا كۆد ئارقىلىق ھاسىل قىلىنىدىغان قويغۇچلار بىلەن كەڭ دوسىتلارنى تەمىنلىدۇق ، بۇ خىل كود ئارقىلىق ھاسىل قىلىنغان قويغۇچلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان سىستىما شارائىتىدىكى كۆرۈنۈش شەكلىمۇ ئوخشىمايدۇ ، ئەمما قويغۇچنىڭ ئۇنۇمى زىيانغا ئۇچرىمايدۇ .
بۈگۈن ئېلىپ كەلگىنىم بولسا ، ئۈنۈمى ناخشا تور بىكەتلىرى ۋە ئۇلىنىش بىكەتلىرى(قايسىلا ئۇلىنىش تىپىدىكى تور بىكەتلەرنى ئاچسا ، ئۆزىگە خاش قويغۇچ باركەن)قويۇۋالغان ناخشا قويغۇچلارغا ئوخشايدۇ .
بۇ قويغۇچ بىر نەچچە css, html, js ۋە شۇنداقلا قويغۇچنىڭ شەكلىنى ھاسىل قىلىدىغان رەسىم ھۆججەتلىرىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ ، ئەگەر سىز كودلارنى چۈشىنەلىسىڭىز ياكى رەسىم بىر تەرەپ قىلىش تىخنىكىسىنى ئىگىلىگەن بولسىڭىزلا ، بۇ قويغۇچنىمۇ ئۆزىڭىز خالىغان شەكىلگە كىركۈزۋالالىشىڭىز مۇمكىن .
بۇ قويغۇچنى ئىشلىتىشتە :
بىرىنچى قەدەمدە ، مەن تەمىنلىگەن قويغۇچلارنى چۈشۈرۈپ كۆرگەندىن كېيىن ، سىزگە يارىغان قويغۇچنى ئەسلى ھۆججەت قىسقۇچى بىلەن بوشلۇقىڭىزغا يوللايسىز ، ئەلۋەتتە ھۆججەت قىسقۇچ نامىنى خالىغانچە قويسىڭىز بولىۋىرىدۇ .
ئىككىنچى قەدەمدە ، سىز تۆۋەندىكى كودنى كۆرسەتمەكچى بولغان ئورۇنغا قويۇش ئارقىلىق ، قويغۇچنى بىلوگىڭىزدا كۆرسىتىش ئۈنۈمىگە ئىرىشەلەيسىز :
قويغۇچ كۆرسىتىش كودىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ: چۈشۈرۈش
بۇ ئادرسنى سىز بايام بوشلۇققا يوللىغان قويغۇچ ھۆججەتلىرى ئىچىدىكى " exobud.htm "ياكى" index.htm "ھۆججەت نامىغا ئالماشتۇرۋىلىڭ . ئەلۋەتتە بوشلۇققا يوللىغان قويغۇچ ھۆججەت قىسقۇچى ئىچىدىكى ھۆججەت ئادرسىغا ....
ئۈچىنچى قەدەمدە ، سىز قويغۇچ ھۆججەتلىرى ئىچىدىكى " exobudpl.js "بۇ ھۆججەتنى خاتىرە دەپتەردە ئېچىپ ، ناخشا ئادرىسىنى تۆۋەندىكىدەك خاتىرلەپ ، ساقلاپ ، بۇ ھۆججەتنى بوشلۇق قويغۇچ ھۆججىتى ئىچىدىكى ئەسلى ھۆججەتكە قاپلىۋىتىڭ ، قويغۇچ ناخشىنى مۇشۇ ھۆججەتتىن ئوقۇيدىغان بولغاچ ، ئادرس خاتا بولسا ياكى باشقىچە خاتىرلەنسە ، نۇرمال ئوقۇيالمايدۇ ......ئەلۋەتتە ، سىز قويماقچى بولغان ناخشىلارنىڭ ئۇلىنىش ئادىرىسى بولۇشى كىرەك .
« »
ئەمدى سىز بىلوگىڭىزدا ناخشا-مۇزىكىلاردىن خالغانچە ھوزۇرلىنىڭ ، ئەگەر سىز ناخشىلارنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز بايىقى ناخشا ئادرىسى خاتىرلەنگەن jsھۆججىتىنى قايتا تەھرىرلىسىڭىزلا ، ئىش تامام -ۋەسسالام .....
ئەگەر بۇ جەھەتتە قېيىنچىلىققا ئۇچرىسىڭىز ياكى چۈشىنەلمىگەن جايلار بولسا ، بىۋاستە مەن بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ .
قۇيغۇچلار:
چۈشۈرۈش
پەيزى كود تىن بىر سى ئۇچىراپ قالدى . ئۇنۇمىنى مىنىڭ بىلوگىمدىن كورۇڭ
ما ۋۇ كودى شۇ ، ۋىجىت رايۇنىغا html دىن بىرنى قۇرۇپ تاشلاپ قويغان ، يامان ئەمەس چىقتى
ماندا كود لازىمما باللا مىنڭ چىچ رىمىنى قاچىلاڭ ياكى خەت ساندۇقى ئادىرسىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ يوللاپ بىرەي ,QQ : 1094725209 . OSAL.TK
مەن شيا مى نىڭكىنى ئىشلىتىۋاتقان، ماۋۇنى بىر سىناپ باقاي…
ھە راست، مۇشۇ يەردە بولسىمۇ دىۋان تىگىپتۇ ماڭا…