ھازىرقى ئورنىڭىز: باشبەتيازمىلىرىم>تەپسىلىي مەزمۇن
ياخشىسىنى تاللاش
2012-يىلى03-ئاينىڭ24-كۈنى / يازمىلىرىم / ئىنكاس سانى 1 / كۆرۈلۈشى : 109 قېتىم+

لۇباۋنىڭ "ھايات"نامىلىق رومانىدا مۇنداق بىر ۋەقەلىك تەسۋىرلىنىدۇ : تولۇق ئوتتۇرنى پۈتتۈرۈپ يۇرتىغا قايىتقان ياش گاۋجىيالىن تەقدىرنىڭ دېھقان بولۇشتىن ئىبارەت پۈتمۈشىگە تەن بېرىپ ، ئۆزىگە مەجنۇنلارچە كۆيۈپ يۈرگەن چىرايلىق ۋە ساپ نىيەت يېزا قىزى لىيۇ چىياۋ بىلەن مۇھەببەت باغلايدۇ .كېيىن گاۋجىيالىن تاسادىپى بىر پۇرسەتتە ناھىيىگە كېرىپ خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ قالىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇردىغان تالانتىنى كۆرسۈتۈپ ، ھەممىگە ياراپ كېتىدۇ .شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۇنىڭ قىممەت قارىشى ، بەخىتكە ، مۇھەببەتكە بولغان تەلىپىمۇ ئۆزى سەزمىگەن ئاساستا ئېشىپ بارىدۇ . دەل مۇشۇنداق پەيىتتە ، تولۇق ئوتتۇردىكى ساۋاقدىشى ھەم دوستى خۇاڭ ياپىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدۇ . ياش ، چىرايلىق ، مەلۇماتلىق ، دادىسىنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى يۇقىرى بولغان خۇاڭ ياپىڭ ئۇنىڭغا ئۆز كۆڭلىنى ئىزھار قىلىدۇ ، لىيۇ چىياۋدا يوق ئارتۇقچىلىقلىرى بىلەن گاۋجىيالىننى ئۆزىگە قارىتىۋىلىپ ، لىيۇ چىياۋنى سىقىپ چىقىرىدۇ . ئەقلى ھۆكۈمگە ئاساسلانغاندا گاۋجىيالىننىڭ خۇاڭ ياپىڭنى تاللىشى توغرا ، تامامەن ئەقىلگە مۇۋاپىق ئىش ھېسابلىناتتى . بىراق ، لىيۇ چىياۋنىڭ كۆز يېشىغا كىم سەۋەبچى؟ ئەلۋەتتە ئاپتۇر قىلىپلاشقان ئۇسۇل بويىچە گاۋجىيالىندىن ئىبارەت پىرسۇناژنى "قەدەمنى خاتا باسقان"لىقى ئۈچۈن جازالايدۇ . لېكىن كىتابخانغا گاۋجىيالىننى يامان كۆرسىتىپ بىرەلمەيدۇ ، ئۇنىڭغا نەپرەتلەنگۈدەك ئاساس تېپىپ بىرەلمەيدۇ . ئوقۇغۇچىنىڭ كۆڭلىدە "بەلكى ئارقا ئىشىكتىن خىزمەتكە ئورۇنلاشقانلىقى پاش بولۇپ قالمىغان بولسا ، گاۋجىيالىن بىلەن خۇاڭ ياپىڭ مەڭگۈ......"دېگەندەك پىكىر بوشلۇقى قىپقالىدۇ . ئەسەرنىڭ بېشىدىلا ئەڭ ياخشى مۇئەللىم ، ئەڭ ياخشى مۇخپىر ، ۋالىبۇل چىمپىيۇنى قىلىپ تەسۋىرلەنگەن ، يەنە كېلىپ بوي-بەستى كېلىشكەن ، كاللىسى ئۆتكۈر ، غەزەپ-نەپرىتى ئېنىق گاۋجىيالىننىڭ ئوبرازى بىر قىزغا ئۇۋال قىلغۇچى دەرىجىسىدە رەزىللىشىپ كەتمەيدۇ . ھەتتا بىزمۇ ئۇنىڭ قىلغىنىغا بىر نەرسە دېيەلمەي قالىمىز . مەيلى ئۇ تېپ دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلمىسۇن ، ئالدى بىلەن بىر ئىنسان ، خۇددى ئوخشاشلا مىڭلىغان ئادەملەردەك "ياخشىسىنى تاللاش"قا ئېنتىلىشتەك تۇغما تەبىئەت ۋە خائىشقا ئىگە . ئۇ لىيۇ چىياۋنى تاللىغاندا ، تاللاش ئوبىكىتىنىڭ خاتا بولۇشىغا شۈبھىلەنمىگەن . چۈنكى ئۇ شۇ چاغدا بىر ئاددى دېھقان ، تۇرىۋاتقان يىرى بولسا-سەھرا .لېكىن كېيىنكىسىدە ، ئۇ نامدار بىر شەخىس ، يەنە كېلىپ خۇاڭ ياپىڭمۇ ئادەتتىكى قىز ئەمەس . تۇرمۇشتا شارائىت ۋە باشقا چەكلىمىلەر تۈپەيلى ، ئادەم ھامان ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا ئۆز تەلىپىنى تۆۋەنلىتىشكە مەجبۇر بولىدۇ . ئەسلىدىكى ئارزۇ-غايىلىرى ئاستا-ئاستا يوقىلىدۇ ، ئەمما ئۆزى تەلپۇنگەن ، شەيدا بولغان نەرسە قايتىدىن نامايەن بولغىنىدا ، ئاۋال پۇشايمان قىلىدۇ . كېيىن بۇرۇنلا ئۆلگەن ئۇمىد-ئېستەكلەرنىڭ چوغ ھالىتىدە كۆمۈلۈپ ياتقان ئۇچقۇنلىرى يالقۇنجاپ شۇنداق ھالەتكە يېتىدۇكى ، ئۇنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى ئەسلىدىكىدىنمۇ زور ، تىخىمۇ قۇدرەتلىك بولىدۇ ، بۇ چاغدا ئۆزىنى تۇتماق مۈشكۈل! "ئات تاپقۇچە ئىشەك" مېنىمىز،ئىشەك پەقەت ۋاقىتلىق زۈرۈرىيەت تۈپەيلى پەيدا بولغان ئىھتىياجنى قاندۇرۇشتىكى ۋاستە . ئاتنىڭ پەيدا بولۇشى تەبىئى ھالدائىشەكنىڭ رولىنى يوقىتىدۇ . ئادەملەر ھامان ئەڭ ياخشىسىنى تاللاشقا ئۆگەنگەن ، بۇ خىل تاللاش يەنە ئەڭ يۇقىرى چەككىچە بولىدۇ . لېكىن "چەك"ھامان ئادىل بولىۋەرمەيدۇ . مەسىلەن :گۈزەل ، ئىقتىدارلىق بىر قىز ئۆزخىلىنى پەقەت شەھەرلەردىن ئىزدەپ تېپىشى مۇمكىن . ئەكسىچە ، يىراق سەھرا-قىرلارغا بىرىۋىلىپ ، يىگىت تاللاش تەلىپى بويىچە ئىزدىسە ، ئارزۇ بىلەن رىئاللىقنىڭ قانۇنىيتى تەرىپىدىن جازالىنىشى ئېنىق . ئەگەر ئۇ "چەك"نى تۆۋەنلەتكەندە ، ئاندىن بىر قەدەر ياخشىسىنى تاللىۋالالايدۇ . كوچىلاردا كېلىشكەن يىگىتلەرنى ، غۇنچە بوي قىزلارنى كۆپ كۆرىمىز . لېكىن ئۇلارنىڭ بىر ئۆيگە كىرىدىغىنى ناھايتى ئاز ..... مۇھەببەتكە سادىق بولۇش ئەلۋەتتە قەدىرلەشكە ئەرزىيدىغان خېسلەت . "ياخشىسىنى تاللاش"ساداقەتسىزلىك ھېسابلانسا ، يەنە سەل ئۇۋال بولغان بولىدۇ . "شاختىن-شاخقا قونۇش" ، "ئۈژمە كۆڭۈل"دېگەن ئىبارىلەر بىلەن پەرقسىز بولسا قانداق بولغىنى؟ يىگىت Aقىزنى سۆيىدۇ ، لېكىن Aدا بار بارلىق خسلەتلەر تېپىلىدىغان ، ھەمدە Aدا بار بولغان كەمچىللىكلەردىن خالىيBنى ئۇچراتقاندا ، Bنى تاللاش نەزرىيە جەھەتتىن توغرا تاللاش . شۇنداق بولغاندا ، كىتابلاردا دېيىلگەن "ساداقەت" ، "ۋاپا" ، "ئەقىدە"لەرنى يازغۇچىلارنىڭ مۇھەببەتنى زىيادە يۇكسەكلىككە كۆتۈرۈپ سىرلىقلاشتۇرىۋىتىشىنىڭ مەھسۇلى دەپ قاراش كىرەكمۇ ياكى بۈگۈنكى زامان كىشىلىرىنىڭ قىممەت قارىشى شۇنداق دەپ خۇلاسىلاش كىرەكمۇ ؟!.......

 

 99-يىل 8-ئاۋغۇسىت(شىخپۇ)

【ئالدىنقى يازما】
【كېيىكى يازما】

ھازىرغا قەدەر جەمئىي 1 پارچە ئىنكاس قالدۇرۇلدى. ئۇنىڭ ئارىسىدا زىيارەتچىلەر 1 پارچە، بىكەت باشلىقى 0 پارچە ئىنكاس قالدۇردى.

  1. ئەلپىدا : 2012-يىلى03-ئاينىڭ24-كۈنى16:56:03  1-قەۋەت جاۋاب

    شۇنداق ، خوتۇننىڭ ياخشىسىنى تاللاپ ئېلىش كېرەك ، بلوگنىڭمۇ ھەم …

قېنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يېزىڭ

باش سۈرەت؟