ھازىرقى ئورنىڭىز: باشبەتمىللەتلەر>تەپسىلىي مەزمۇن
مۇڭغۇل مىللىتى
2012-يىلى03-ئاينىڭ17-كۈنى / مىللەتلەر / ھازىرچە ئىنكاس يوق / كۆرۈلۈشى : 1 قېتىم+

مۇڭغۇل مىللىتى - شىنجاڭدىكى مۇڭغۇللار ئاساسلىقى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىي ئېتەكلىرىدىكى چارۋىچىلىق رايونلىرىغا تارقالغان. ئومۇمىي نوپۇسى 175 مىڭ (2006 يىلدىكى مەلۇمات)، مۇڭغۇل تىلى ئالتاي تىلى سىستېمىسىدىكى مۇڭغۇل تىلى ئائىلىسىگە مەنسۈپ. شىنجاڭدىكى مۇڭغۇللار مۇڭغۇل تىلىنىڭ ئوبرات شىۋىسىدە سۆزلىشىدۇ. بۇرۇن ‹‹تودو›› مۇڭغۇل يېزىقىنى ئىشلىتەتتى. ھازىر ئىچكى مۇڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى مۇڭغۇللارغا ئوخشاش خۇدۇم مۇڭغۇل يېزىقىنى قوللىنىدۇ. مۇڭغۇللاردا لاما دىنىغا ئېتقاد قىلىدۇ. ئاساسەن چارۋىچىلىق بىلەن، قىسمەن دېھقانچىلىق بىلەن شوغۇللىنىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى كىگىز ئۆيلەردە ئولتۇرىدۇ. ھازىر ئاستا – ئاستا كېسەك ئۆيلەردە ئولتۇرۇشقا ئادەتلەنمەكتە.

مۇڭغۇللار يېمەك – ئىچمەك جەھەتتە چارۋىچىلىق تۇرمۇشىغا خاس بولغان گۆش – ماي، سۈت – قايماق قاتارلىق تائاملارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىدۇ. بىلىنى يېشىل پوتا بىلەن باغلىۋالىدۇ. مۇڭغۇللار مېھماننى ناھايىتى قىزغىن كۈتۈۋالىدۇ. مۇڭغۇللارنىڭ ئەڭ چوڭ بايرىمى – چاغاننى ھەمىشە بىر قانچە كۈن خۇشال – خۇرام تەبرىكلەيدۇ. ئۇندىن باشقا، ئۇلار يەنە چوڭراق بايراملاردىن ‹‹نادام›› يىغىلىشىنى ئۆتكۈزىدۇ. مۇڭغۇللارنىڭ قەھرىمانلىق ئېپوسى ‹‹جاڭغىر›› ئېلىمىزدىكى ئۈچ چوڭ ئېپوسىنىڭ بىرىدۇر.

 

【ئالدىنقى يازما】
【كېيىكى يازما】

قېنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يېزىڭ

باش سۈرەت؟