ھازىرقى ئورنىڭىز: باشبەتمىللەتلەر>تەپسىلىي مەزمۇن
ئۇيغۇر مىللىتى
2012-يىلى03-ئاينىڭ17-كۈنى / مىللەتلەر / ھازىرچە ئىنكاس يوق / كۆرۈلۈشى : 1 قېتىم+

ئۇيغۇر مىللىتى— شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندىكى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقالغان. بۇنىڭ ئىچىدە %80ى جەنۇبىي شىنجاڭدا ئولتۇراقلاشقان. ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى9 مىليون 414 مىڭ بولۇپ، شىنجاڭ ئاھالىسىنىڭ تەخمىنەن %94 .45ىنى ئىگىلەيدۇ (2006 – يىلىدىكى نوپۇس ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغان سان). ئۇيغۇر تىلى ئالتاي تىلى سىستېمىسىدىكى تۈركىي تىللار ئائىلىسىگە مەنسۈپ. ئۇيغۇرلاردا ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللىنىدۇ.      ئۇيغۇر مىللىتى جۇڭگودىكى قەدىمىي مىللەتلەرنىڭ بىرى. مىلادىيە 7 – ئەسىردە ئۇيغۇرلاردا ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغان. ئىككى قېتىم لەشكەر تارتىپ، تاڭ سۇلاسىنىڭ ‹‹ئۆڭلۈك – سۈيگۈن توپىلىڭى››نى تىنجىتىشقا ياردەملەشكەن. 9 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ شىنجاڭ ۋەە ئوتتۇرا ئاسىيانى ئاساس قىلغان ھالدا ئىدىقۇت خانلىقى بىلەن قاراخانىيلار خانلىقىنى قۇرغان ۋە يۈكسەك مەدەنىيەت ياراتقان. 13 – ئەسىردە نۇرغۇن ئۇيغۇرلار يۈەن خاندانلىقىدا ئەمەل تۇتقان. بۇ چاغدا كۆپلىگەن مۇنەۋۋەر سىياسىئونلار، ھەربىي ئالىملار، ئاسترونوم، تارىخشۇناس ۋە تەرجىمانلار يېتىشىپ چىققان، ئۇيغۇرلار 10 – ئەسىردىن باشلاپ ئىسلام دىنىغا ئېتقاد قىلىشقا باشلىغان. 16 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىدە ئىسلامىيەت ئوموملاشقان. 19 – ئەسىردىن بۇيان ئۇيغۇر خەلقى جاھانگىرلىك ۋە فىئودالىزمغا قارشى كۆپلىگەن كۈرەشلەرنى ئېلىپ بارغان. 1949 – يىلى شىنجاڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد بولغاندىن كېيىن، 1955 – يىلى 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلدى.

ئۇيغۇرلار بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيەتكە ئىگە خەلق. ئۇلارنىڭ مىجەزى ئوچۇق – يورۇق، چىقىشقاق، مېھماندوست، ناخشا – ئۇسۇل ۋە كۈلكە – چاقچاققا، يۇمۇرلۇق تۇيغۇغا باي. ئۇيغۇرلار كىلاسسىك مۇزىكىسى ‹‹ئون ئىككى مۇقام›› ئۇزاق تارىخقا ۋە زور شۆھرەتكە ئىگە. ئۇيغۇر ئۇسۇلى شوخ، لەرزان ۋە گۈزەللىكى بىلەن مەشھۇر. ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىدىن مەشرەپ مىللىي ئەنئەنىۋى سەنئەت شەكلى سۈپىتىدە ناھايىتى كەڭ ئومۇملاشقان. شەھەر ۋە يېزا – قىشلاقلاردا يەنە دارۋازلىق، ئات بەيگىسى، ئوغلاق تاتىشىش، چېلىشىش قاتارلىق تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرىمۇ بولۇپ تۇرىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك – ئىچمەك مەدەنىيىتى مەملىكەت ئىچى – سىرتىغا تونۇلغان. ئۇيغۇرلاردا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قۇرغاق مۇھىتىغا خاس بولغان كۆپلىگەن تاماق تۈرلىرى، جۈملىدىن ھەر خىل نانلار، پولو، مانتا، لەغمەن، كاۋاپ، چۈچۈرە، گۆشنان، ھالۋا، ياپما، ئۆپكە – ھېسىپ، سۇيۇقئاش، ئۈگرە قاتارلىق 50 خىلدىن ئارتۇق تاماق تۈرلىرى بار. ئۇيغۇرلار ئۈزۈم، ئالما، نەشپۈت، ئۆرۈك، شاپتول، ئانار، ئەنجۈر، قوغۇن، تاۋۇز قاتارلىق مېۋە – چېۋىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ.

ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتقاد قىلغاچقا، يېمەك – ئىچمەك جەھەتتە ئىسلام دىنىنىڭ قائىدە – نىزاملىرىغا قاتتىق ئەمەل قىلىدۇ.

ئۇيغۇرلار ئەدەپ – ئەخلاققا ۋە جامائەتچىلىككە كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئۆزئارا ئۇچراشقاندا، ئوڭ قولىنى كۆكسىگە قويۇپ سالام بېرىدۇ ۋە ئۆزئارا تىنچلىق – ئامانلىق سورىشىدۇ. ئۆيگە كەلگەن مېھماننى قىزغىن كۈتۈۋالىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ نىكاھ،، توي – تۆكۈن ئىشلىرى ئىسلام دىنى قائىدە – پىرىنسىپلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا قويۇق مىللىي ئۆرپ – ئادەتلەر بىلەن ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ئۇيغۇرلاردا ئۆلۈم – يېتىم يۈز بەرسە مېيىتنى يۇيۇپ، كېپەنلەپ، نامىزىنى چۈشۈرگەندىن كېيىن، يەرلىككە قويىدۇ. مېيىتنى ئۆيدە ئادەتتە بىر كۈندىن ئارتۇق ساقلىمايدۇ. مېيىت دەپنە قىلىنغاندىن كېيىن 7 –، 40 – كۈنلىرى ۋە بىر يىل توشقان كۈنى نەزىر قىلىنىدۇ. روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيتلاردا ۋاپات بولغۇچىنىڭ ئۇرۇق – تۇققانلىرى قەبرە بېشىغا چىقىدۇ.

ئۇيغۇرلاردا بالا تۇغۇلسا ئاخۇنۇمنى چاقىرىپ ئىسىم قويۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ. يەتتە كۈندىن كېيىن بالا بۆشۈككە سېلىنىدۇ. 40 كۈندىن كېيىن بۆشۈك تويى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئوغۇل بالا يەتتە ياشقا كىرگەندە خەتنە قىلدۇرۇلۇپ سۈنئەت توي ئۆتكۈزۈلىدۇ. قىز بالىنىڭ قۇلىقى تېشىلىپ قۇلىقىغا ھالقا ئېسىپ قويۇلىدۇ.

ئۇيغۇرلاردا ‹‹قۇتادغۇبىلىگ››، ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى›› قاتارلىق كۆپلىگەن مەشھۇر ئەدەبىي ۋە ئىلمىي مەزمۇنلۇق خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى بار. ئۇندىن باشقا ئۆزىگە خاس ئۇيغۇر تىبابەت ئەنئەنىسى تاكى بۈگۈنگە قەدەر ساقلىنىپ كەلمەكتە.

قېنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يېزىڭ

باش سۈرەت؟