ھازىرقى ئورنىڭىز: باشبەتPHOTOSHOP>تەپسىلىي مەزمۇن
Photoshopبىلەن تونۇشۇش
2012-يىلى05-ئاينىڭ07-كۈنى / PHOTOSHOP / ئىنكاس سانى 2 / كۆرۈلۈشى : 109 قىتىم+

بۇ دەرىستىكى مۇھىم نۇقتىلار:
Photoshop نى قوزغىتىش ۋە ئۇنىڭدىن چېكىنىپ چىقىش ئاساسىي مەشغۇلاتلىرىنى ئىگەللەش.
ئوقۇتۇش مەزمۇنى:
Windows مۇھىتىدا "Adobe Photoshop7.0"نى قوزغىتىشتا،باشلاش-پروگرامما- Adobe- Adobe Photoshop7.0
دىگەن كوماندىنى ئىجرا قىلساق،ئېكراندا بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ نەشىر ھوقۇقىنىڭ چۈشەندۈرىلىشى قاتارلىق مەزمۇنلار ئېچىلىپ،بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن، Photoshop كۆزنىكى ئېچىلىدۇ، Photoshopنى قوزغىتىش مەشغۇلاتى ئاياقلىشىدۇ.

ئەگەردە Windows ئۈستە يۈزىدە تېز قوزغىتىش سىنبەلگىسى بولسا،بۇ سىنبەلگىنى ئىككى چەكسەك،ئوخشاشلا Photoshopقوزغىتىلىدۇ.
Photoshopكۆزنىكىدە تېما ئېستونى ،تىزىملىك ئىستونى،تۈر تاللاش ئىستونى،قورال ساندۇقى،خىزمەت رايونى،ھالەت ئىستونى قاتارلىق تەشكىل قىلغۇچى قىسىملارنى كۆرگىلى بولىدۇ.
قورال ساندۇقىدىكى ئوخشاش بولمىغان قورال كۇنۇپكىلىرىنى چەككەندە،ماس بولغان قورال تاللىنىدۇ،شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە تۈر تاللاش ئىستونىدىكى مەزمۇننىڭ تاللانغان قورالىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئەخشىپ ئۆزگىردىغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.ئەمىلىيەتتە،ھەر خىل قورالنىڭ تۈر تاللاش ئىستونى بولىدۇ.ئالدىدىكى بەتتىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگىنى بولسا قورالىنى تاللىغاندىكى تۈر تاللاش ئىستونىدۇر.
Photoshopكۆزنىكىنى ئاچقاندىن كىيىن،ئىكراندا يەنە بىر قانچە خىل تەڭشەش تاختىسى كۆرىنىدۇ،تەڭشەش تاختىسىنىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈستۈنكى بۇرجىكىدىكى خاتا بەلگىسىنى چەكسەك،تەڭشەش تاختىسى ئىتىلىدۇ،كۆزنەك تىزىملىكىنى ئېچىپ،
ئۇنىڭدىن “显示色板,显示信息,显示图层,显示通道” قاتارلىق كوماندىلارنى چەكسەك،ئوخشاش بولمىغان تەڭشەش تاختىسى ئېچىلىدۇ.
 مەشىق:
Photoshopنى قوزغىتىپ،كۆزنەكنىڭ تۈزۈلىشىنى كۈزىتىڭ،مائۇس ئىستىرىلكىسىنى ھەر خىل قوراللارنىڭ كۇنۇپكىسى ئۈستىگە يۆتكەپ،كۇنۇپكا نامى كۆرۈنگەندىن كىيىن ئۇلارنى خاتىرلىۋىلىڭ.
تەڭشەش تاختىسىنى ئېچىش ۋە يېپىش مەشغۇلاتىنى تەكرار مەشىق قىلىڭ،مەشغۇلات ئاخىرلاشقاندا كۆزنەكنى تاقىۋىتىڭ.
 سۈرەت ھۆججىتىنى ئېچىش
Photoshopكۆزنىكىدە ئەسلى بار بولغان سۈرەتنى كۈرۈش،تەھرىرلەش،پىششىقلاپ ئىشلەشتە،ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇنى كۆزنەكتە ئېچىشىمىز كېرەك.
بىرىنجى باسقۇچ: Photoshopكۆزنىكىنى ئاچىمىز.
ئىككىنجى باسقۇچ:“文件-打开”كوماندىنى ئىجرا قىلساق،ئىكراندا”打开” دىئالوگ رامكىسى پەيدا بولىدۇ.
ئۈچىنجى باسقۇچ:سۈرەت بار بولغان ھۆججەت قىسقۇچىنى ئېچىپ،ھۆججەت تىزىملىكىدىن ئۇنى تاپىمىز ۋە ئاچماقچى بولغان ھۆججگتنى ئىككى چېكىمىز.
سۈرەتPhotoshopكۆزنىكىدە كۈرۈنگەندە سۈرەتنى ئېچىش مەشغۇلاتى ئاياقلىشىدۇ.

Photoshopتا ئاچقان سۈرىتىمىز،سۈرەت كۆزنىكىدە كۆرىنىدۇ.

بۇ كۆزنەكتە كۈرۈنگىنى سۈرەتنى كۆرۈش،تەھرىرلەش ۋە ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەشتىكى خىزمەت رايونى بولۇپ،ئادەتتە دوكۇمېنىت كۆزنىكى دەپ ئاتىلىدۇ.بۇ كۆزنەك پروگرامما كۆزنىكى ئىگە بولغان خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولۇپ،ئۇنىڭدا يۆتكەش،چوڭايتىش،كىچىكلىتىش،ئەڭ چوڭ ھالەت،ئەڭ كىچىك ھالەت،ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ.



ھازىرغا قەدەر جەمئىي 2 پارچە ئىنكاس قالدۇرۇلدى. ئۇنىڭ ئارىسىدا زىيارەتچىلەر 1 پارچە، بىكەت باشلىقى 1 پارچە ئىنكاس قالدۇردى.

  1. kaliptax : 2012-يىلى05-ئاينىڭ07-كۈنى12:08:20  -49-قەۋەت جاۋاب

    مەن بىلوگىمغا ئۇيۇن قۇشۇپ قۇياي دىگەن قانداق قۇشۇدۇ ؟ ئېلىكىتاپ پۇتتىمۇ ؟ ھەقسزى رەسىم ياكى كىنو ئۇسلۇب بامىدۇ

    • ئىقبال : 2012-يىلى05-ئاينىڭ07-كۈنى12:24:58 جاۋاب

      ئالدى بىلەن بىلوگىمغا قەدەم باسقىنىڭىزغا رەھمەت ئېيتىمەن ، قەدەم ئىزلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي …..
      1.كەچۈرۈڭ ، بۇ جەھەتتە ئىزدىنىپ باقماپتىمەن ، شۇڭا سىزگە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بىرەلمىگىنىمدىن خاپا بولمايسىز ، پاراۋۇز ئەپەندىم بىلەن ئالاقىلىشالىسام ، بۇ جەھەتتە سوراپ ، سىزگە جاۋابىنى بىرەي .
      2.ئىلكىتاب پۈتۈش ئالدىدا ، ھازىرچە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنۋان ئىشى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كىتىپ ، كىتابنى پۈتتۈرۈشكە ۋاقىت چىقىرالمىدىم ، ۋاقىت چىقىرىپ پۈتتۈرۈپ ، سىلەرگە تەقدىم قىلىش ئۈچۈن تىرىشىمەن .
      3.ھەقسىز رەسىم ياكى كىنۇ ئۇسلۇبى ھازىرچە يوق ، ئەمما ئىزچى گۇرۇپپىسى بىلەن پائال ھەمكارلىشىپ ، كەڭ بىلوگگىرلارنى ئىھتىياجىلىق ئۇسلۇب بىلەن ھەقسىز تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىمىز ، گۇرۇپپىمىز ئەمدىلا قۇرۇلغاچ ، تىخى ھەمكارلىشىپ ئۇسلۇب تەمىنلەش ئىشلىرىنى باشلىيالمىدۇق . شۇڭا قەدەم ئىزىڭىز ئۇيغۇر مۇنبىرى ۋە ۋە باشقا ئالاقىدار بىلوگلاردىن ئۈزۈلمىگەي . شۇندىلا يىڭىلىقلاردىن ۋاقتىدا خەۋەردار بولالايسىز …………….

ئىنكاسلار گۈلستانى

باش سۈرەت؟