سەككىز سائەتنىڭ
تۇتقۇنلۇقىغا مەھكۇم بولغان تەن .
سىتىرىلكا دەپ قويدى ئاڭا ،
سائەتنىڭ ئالتە بولغانلىقىنى ،
ئۆرە-تۆپە باشلىنىپ بىردىن
سەلدەك ئىقىش بولدى ئىشككە ،
بىرلا پەقەت غېرىپ ئىشخانا
تىمتاسلىقتا قالدى مۇڭلۇنۇپ .
ئالدىرىغانچە كۈلگۈنچەك پۇتلار
بىر ۋىسالغا تەشنا يۈرەكنى
سۆرەپ بارماقتا ئۆيىگە تامان .
ئۇنى تارتىدۇ كۆرۈنمەس يىپتا
خوتۇنىنىڭ ئىشىك ئالدىدا-
تۇرۇپ ، يولغا بېقىشلىرى .
ئالدىرىتىدۇ يەنە ،
«دادا»دېگەنچە ئىغزى يۇمۇلماي
ئۇخلاپ قالغان بۇدۇرۇق ئوغلى ،
ئوچاق بېشىدا لۆڭگىدە يۆگەپ
ئېلىپ قويغان ئېسىسىق پولۇيى .
مەش قويمىسىمۇ پارۋايسىز ئۆي ،
ئىللىقلىققا تولار لىپمۇ-لىق ،
بەخت قاقاقلاپ كۈلسە ، پەرىشتە ،
ساماغا دەسسەر يىرتىق كېگىزدە .
بىرلا يالغۇز غېرىپ ئىشخانا ،
كەچ سائەت ئالتىدە قالار ئۇنتۇلۇپ .........
بۇ ئىككىلىك كود كۆچمە ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرى ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان ! | |
ئىككىلىك كودنى نۇسخىلاش ئارقىلىق ، مەزكۇر يازمىنى تىلىفۇنىڭىزدىلا ئوقۇپ ، باھا يېزىڭ . |
شئىرمۇ يېزىپ قويىدىكەنسىز – دە مۇئەللىم! ياخشى چىقىپتۇ، نېمىلا دېگەن بىلەن مۇئەللىم ئەمەسمۇ!؟
راست دىگەندەك ھىس قىلالماپتۇ
ساز شىئىركەن جۇمۇ مۇئەللىم، جىمجىت دىققەت بىلەن ئوقۇسا شۇ جەريانلا ئادەمنىڭ كۆزئالدىدا پەيدا بولغاندەك تۇيغۇ بىرىدىكەن، بۇنى بويتاقلا ھىس قىلامىسا كىرەك