ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
گەرچە بىلوگ ھەممەيلەننىڭ قىزىقىشى بولسىمۇ ، تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى تۈپەيلىدىن بەزىدە WordPress نىڭ ئارقا بەتكە كېرىش پارۇلىنى ئۇنتۇپ قالىدىغان ئىشلارمۇ بولۇپ تۇرىدۇ . ئەگەر سىزمۇ شۇنداق ئەھۋالغا دۈچ كەلسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇسۇللار ئارقىلىق قايتۇرۇپ كەلسىڭىز بولىدۇ ....
SQLجۈملىسى ئارقىلىق ئارقا بەت پارۇلىنى ئۆزگەرتىۋىلىش
بۇ ئۇسۇل ناھايتى ئاددى بولۇپ ، سىز ساندان باشقۇرۇشقا كىرىپ ، تۆۋەندىكى SQL جۈملىسىنى ئىجرا قىلىش ئارقىلىق ، ئارقا بەتكە كىرىش ئىسمى ۋە پارۇلىنى قايتا بىكىتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ . ئەلۋەتتە جۈملە ئىچىدىكى ئەسكەرتىلگەن ئورۇنغا سىز قوللانماقچى بولغان ئىسىم ۋە پارۇلنى ئالدىن خاتىرلىۋىلىشىڭىز كېرەك .
- update user set password=password("يىڭى پارۇلىڭىز") where user='باشقۇرغۇچى نامىڭىز';
ئېلخەت ئارقىلىق قايتۇرۇپ كېلىش
بۇ ئۇسۇلنى قوللىنىش ئۈچۈن ، بوشلۇقىڭىز ئېلخەت(mail)فونېكىسىيەسىنى قوللىشى كېرەك . ئەگەر قوللىسا ، WordPressنىڭ ئارقا بەتكە كېرش بېتىدە «پارۇل ئۇنتۇلغان»دېگەن تىزىملىكنى بېسىش ئارقىلىق ، WordPress ئارقا بەت پارۇلىنى قايتۇرۇپ كېلىشكە بولىدۇ .
كود ئارقىلىق ئارقا بەت پارۇلىنى قايتا بېكىتىش
بۇ ئۇسۇلمۇ ناھايتى قولاي ۋە ئاددى . تۆۋەندىكى كودنى كود تەھرىرلىگۈچكە چاپلاڭ ۋە ھۆججەت نامىنى «parul.php» قىلىپ ساقلاپ ، بۇ ھۆججەتنى ftp قورالى ئارقىلىق بوشلۇق غول مۇندەرىجىسىگە چىقىرىڭ ھەمدە تور كۆرگۈچنىڭ ئادرىس ئىستۇنىغا : سىزنىڭ تور بەت نامىڭىز/parul.php نى كىرگۈزۈپ ، ئىجرا قىلىڭ . ئارقا بەتكە ئوڭۇشلۇق كىرگەندىن كېيىن ، پارۇلنى ئۆزگەرتىۋىلىڭ . ئاندىن ، بوشلۇقتىن بۇ ھۆججەتنى ئۆچۈرۋىتىڭ !
- users";
- $user_ids = $wpdb->get_results($query_str);
- foreach ($user_ids as $uid) {
- $user_id = $uid->ID;
- if (user_can($user_id, 'administrator')) {
- $user_info = get_userdata($user_id);
- $user_login = $user_info->user_login;
- wp_set_current_user($user_id, $user_login);
- wp_set_auth_cookie($user_id);
- do_action('wp_login', $user_login);
- echo "You are logged in as $user_login";
- if (function_exists('get_admin_url')) {
- wp_redirect(get_admin_url());
- } else {
- wp_redirect(get_bloginfo('wpurl') . '/wp-admin');
- }
- exit;
- }
- }
- ?>
ئەسكەرتىش
ئەسكەرتىشكە تىگىشلىك ئەڭ مۇھىم نوقتا : ئۈچىنچى ئۇسۇلنى قوللانغان بولسىڭىز ، جەزمەن پارۇلنى ئۆزگەرتىپ بولغاندىن كېيىن ، بوشلۇققا يوللىغان parul.php نى بوشلۇقتىن ئۆچۈرۋىتىشڭىز كېرەك .....
بۇ ئىككىلىك كود كۆچمە ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرى ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان ! | |
ئىككىلىك كودنى نۇسخىلاش ئارقىلىق ، مەزكۇر يازمىنى تىلىفۇنىڭىزدىلا ئوقۇپ ، باھا يېزىڭ . |
مۇئەللىم ياخشىمۇ سىز؟ مەن wpنى قاچىلىغان قاچىلىغاندا نورمال ئىدىن بىر ئىككى قىتىممۇ نورمال ئارقا بەتكە كىرگەن لىكىن بۇگۇن نىمە بولدى ئارقا بەتكە پەقەت كىرەلمەيۋاتىمەن.. ئىسىم پارول توغرا . ئىسىمنىڭ چوڭ كىچىك يېزىلىشىمۇ توغرا مەخپى نومۇرمۇ توغرا لىكىن ئارقا بەتكە كىرمەيۋاتىدۇ. بولسا بىر ياردەم قىلغان بولسىڭىز.
يىڭى يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
قەدىناس ئوقۇرمەنلەر
بىلوگ ئۇچۇرلىرى
يازما : 322پارچە
بەت :30 بەت
باھا :1943 پارچە
سەھىپە :34 دانە
خەتكۈش :406 دانە
ئۇلىنىشلار:127 دانە
توربەت ئېچىلغىلى 758 كۈن بولدى
تىزىملانغان ئەزا : 63 نەپەر
يېڭىلىنىشى: 3-ئاينىڭ24-كۈنى
باش بەت