نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت | يۇمشاق دېتال | ئاساسىي مەزمۇن
تور بېتىڭىزنىڭ IE نىڭ ھەر قايسى نەشىرىدىكى كۆرۈنۈش ئۈنۈمى
2013-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى | يۇمشاق دېتال |جەمئى 1150خەت بار | 293 قىتىم كۆرۈلدى+ | 2پارچە ئىنكاس بار

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !

بەزىدە ئۇسلۇب سىنىغاندا شۇنداق بىر دېتال بولسا دەپ كېتەتتىم . بولۇپمۇ ئۇسلۇبنى IE تور كۆرگۈچنىڭ ھەر قايسى نەشىرلىرىگە ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن ، IE تور كۆرگۈچنىڭ ھەممە نەشىرىلىرىنى كومپىيۇتىرغا قاچىلىغىلى تىخى بولمىغان . شۇنداق بولغاچقا ، ئۇسلۇبنى IE نىڭ بىر نەشىرىگە ماسلاشتۇرسا ، يەنە بىر نەشىرىدە بىر يىرى مايماق ....

IE تور كۆرگۈچىنى ئويلاشماي دېسە ، كۆپلىگەن كومپىيۇتىر ئىشلەتكۈچىلەر ئالدىن ئىشلىتىدىغىنى يەنىلا شۇ IE تور كۆرگۈسى .

بۈگۈن تور ئارىلاپ كېتىپ بارسام ، شۇنداق بىر دېتال ئۇچراپ قالدى . بۇ دېتال ئارقىلىق تور بېتىمىزنى IE تور كۆرگۈسىنىڭ 5.0دىن باشلاپ ھازىرغىچە بولغان نەشىرلىرىدىكى كۆرسىتىلىش ھالىتىنى سىنىيالايدىكەنمىز . بۇنداق بولغاندا ، قايسى نەشىرىدە قايسى ئورۇن ماسلاشمىدى ؟ بۇنى ئېنىق بىلەلەيدىكەنمىز ، ھەمدە بۇنىڭغا قارىتا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپ ، شۇ نەشىرىگە قارىتا ماسلاشتۇرۇش ئېلىپ بارغىلىمۇ بولىدىكەن .

بولۇپمۇ بۇ دېتال ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىدىغان دوسىتلارنىڭ ئۇسلۇب ماسلاشتۇرۇش ۋە سىناق قىلىشىدىكى ئەڭ ياخشى ياردەمچىسى بولالايدىكەن .

دېتال كەسمىسى

دېتالنى چۈشۈرۈش

دېتال چۈشۈرۈش
ھۆججەت نامى :تور كۆرگۈچ
ھۆججەت سىغىمى :
يىڭىلانغان ۋاقتى :2013-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى
چۈشۈرۈش ئادرىسى:1-چۈشۈرۈش ئادرىسى
2-چۈشۈرۈش ئادرىسى

قېىنى سىزمۇ سىناپ بېقىڭ ، ئەگەر سىزگە ياراپ قالسا ، مۇئەللىم بىلوگىغا كۆڭۈل سۆزلىرىڭىزنى تاشلاپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ .....

بۇ ئىككىلىك كود كۆچمە ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرى ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان !
ئىككىلىك كودنى نۇسخىلاش ئارقىلىق ، مەزكۇر يازمىنى تىلىفۇنىڭىزدىلا ئوقۇپ ، باھا يېزىڭ .

يازمىنى ئوقۇغاندىن كېيىنكى باھايىڭىزنى تاللاپ باقمامسىز ؟

قالتىسكەن ياخشى ئادەتتىكىچە پايدىسىز چۈشەنمىدىم ئەخلەت

ئاپتور « مۇئەللىم» ھەققىدە

  • بىلوگچىلىققا بولغان قىزىقىشىم تۈپەيلى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىمنىڭ نامىغا ماس ھالدا «مۇئەللىم بىلوگى»نى قۇرۋالدىم . مېنى نۇرغۇنلىغان بىلوگ ۋە مۇنبەرلەردە «مۇئەللىم»ياكى «ئىقبال»نامىدا ئۇچىرىتالايسىز . بۇ بىلوگ مېنىڭ شەخسى دۇنيارىم ، بۇ يەردە ۋوردپرېس توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرىمدىن ، كەچمىشلىرىمنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن يازغان شېئىر ۋە يازمىلىرىمدىن ، كەسىپىمگە ئائىت ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولالايسىز ......

  • يازما ئۇچۇرلىرى

    نۆۋەتتە 2 پارچە ئىنكاس بار | بۇنىڭ ئىچىدە :زىيارەتچى قالدۇرغىنى :2 پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :0 پارچە

    1. تورسودا 2013-يىلى10-ئاينىڭ24-كۈنى |  1-رەت | @جاۋاب جاۋاب

      ياخشى دىتال بۇ، بىر يىلچە بوپ قالدى مەنمۇ خىلى پايدىلىنىپ كىلىۋاتىمەن

    2. بەگمۇراد 2013-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى |  2-رەت | @جاۋاب جاۋاب

      بۇ بەك ياخشى دىتالكەن.
      auyghurix بىلوگىنى بەك ئىشىل قىلىۋىتىپسىز، نىمە دەپ رەھمىتىمنى بىلدۈرۈشنىمۇ ئۇقمىدىم. بەزىدە سەل خىجىل بۇلغاندەك ھىس قىلىمەن.
      ئەمما مەنمۇ ئۇيغۇرئىكىس بىلەن ئىيتىشۋاتقاندىن بۇيان ئازراقمۇ كىرىم قىلىپ باقمدىم پەقەت چىقىملا بۇلىۋاتىدۇ. بەزىدە ئۆزۈمنى كەشپىياتچىدەك ( نىمىدىگەن گۈزەل تۇيغۇ،— ھە) ياكى بىر پىروگىراممىردەك ھىس قىلىمەن. ئۇيغۇرئىكىس-ئۇبۇنتۇ داڭلىق ماركا بولمىسىمۇ بەزىدە كەمبەغەللەرنىڭ سىستېمىسى دەپ ئاتالسىمۇ ئۇيغۇر ئۈچۈن ئەسقاتىدىغان نەرسە دەپ قارايمەن.

    بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل !