ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
WordPress ھەققىدە كۆپ ماختاشلار بولدى ، يەنە ئارتۇقچە ماختاش سۆزلىرىنى بايان قىلغۇم يوق . ئەمما ، بۇ خوشخەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ، خوشاللىقىم راستىنلا تاشتى . بىلوگنىڭ جاپاسنى تەڭ تارتىۋاتقان ، بىلوگ ئارقىلىق ئۆزى ۋە باشقىلارنىڭ مەنىۋىيىتىنى ئۈزلىكسىز بېيىتىپ كېلىۋاتقان كەڭ بىلوگگىر دوستلار بىلەن بۇ خوشاللىقتىن تەڭ بەھىرلىنىش مەقسىتىدە بۇ يازمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن .
مەقسەتكە كەلسەم :
WordPress نىڭ 3.7نەشىرىنىڭ Beta 2 نۇسخىسى بۈگۈن ئېلان قىلىندى . بۇ نەشىرىدە ئاپتۇماتىك يىڭىلاش ئىقتىدارىنى سىناشتىن باشقا ، ئىلگىرىكى نەشىرىلىرىدە كۆرۈلگەن 50 تىن ئارتۇق خاتالىق تۈزۈتىلگەن ، بۇ IE11 نىڭ كۆرۈنمە ھالەتتىكى تەھرىرلىگۈچىسىدىكى خاتالىقنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
ئەگەر WordPress نىڭ 3.7 نەشىرىدىكى يىڭى ئىقتىدارلار ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارغا ئىگە بولماقچى بولسىڭىز ، «WordPress نىڭ 3.7نەشىرى Beta1» تېمىسىدىكى بۇ يازمىنى ئوقۇڭ .ئەگەر بۇ يىڭى نەشىرىنى سىنىماقچى بولسىڭىز ، «WordPressنىڭ 3.7نەشىرى Beta 2 » نى چۈشۈرۈپ ، سىناق ئېلىپ بېرىپ ، يىڭى نەشىرىنىڭ ھوزۇرىنى سۈرۈڭ .
WordPress نىڭ 3.7 نەشىرىنىڭ ھەقىقى نۇسخىسى تەخمىنەن يەنە بىر ھەپتىدىن كېيىن تارقىتىلىدۇ . ئۇنىڭغىچە بولغان ئارىلىقتا بىلوگنى يىڭىلىماي تۇرۇڭ . ھەقىقىي نەشىرى چىققاندا بىراقلا يىڭىلىسىڭىزمۇ ئۈلگۈرىسىز .....
بۇ ئىككىلىك كود كۆچمە ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرى ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان ! | |
ئىككىلىك كودنى نۇسخىلاش ئارقىلىق ، مەزكۇر يازمىنى تىلىفۇنىڭىزدىلا ئوقۇپ ، باھا يېزىڭ . |
ئىش ئۆملۇكتە كۇچ بىرلىكتە دىگەن گەپ بار مۇئەللىم باشلامچىلىق قىلسا بۇنىڭ يىڭىلىنىشى توختاپمۇ قالماستى مەن قوللايمەن
مەن تەرجىمە قىلساممۇ بولاتتى ، ئەمما ، بەزى ئاتالغۇلارنى نېمە دەپ ئېلىشنى راستلا بىلەلمىدىم ، شۇڭا ، ھازىرچە قويۇپ تۇردۇم ، 3.7نەشىرى تارقىتىلغاندا ئاندىن ئىش باشلاپ باقارمەن ….
ئەسسالامۇئەلەيكۇم, سىنىپتىكى قېرىنداشلار! مۇئەللىم بىلوگى ھەرقانداق ئاندىرويىد تا نورمال ئىچىلىدىكەن. نىمىدىگەن ئىسىل ھە!!! ئىنكاس يىزىشمۇ شۇنداق ئاسان.
ۋاي ۋاي ۋاي ۋاي . ھەقىقەتەن خۇشخەۋەركەن . رەھمەت سىزگە مۇئەللىم . خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا .
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم ،ئالدى بىلەن ئەتىدىكى ئۇلۇق قۇربان ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن .ئۇلۇق بۇ ئايەمدە سىزگە ئائىلىڭىزگە بەختىيارلىق ،خۇشاللىق، مولچىلىق ،سالامەتچىلىك، ئامانلىق يار بولسۇن
بىلوگىڭىزنى كۈرۈپ بەكمۇ سۈيۈندۈم ،ئەجرىڭىزگە بارىكاللا !!مەنمۇ بىر ئىنىمنىڭ ياردىمى بىلەن بىلوگدىن بىرنى ئاچقان ئىدىم بىراق يېرىم يولدا تۇرۇپ قالدى ..خەت نۇسخىسى ياخشى چىقماي قالدى …مۇمكىن بولسا ئوڭشاپ بىرەلەرسىز مۇ؟ يازمىلىرىمنى ئوقۇرمەنلەرگە سۇنسام ..
بىلوە ئادرىسى ؛http://koktugh.allalla.com
ئالاقە مەنزىلىم ؛928021205
تېلفۇن 13565165488
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ، ئالدى بىلەن بىلوگىمغان باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا . بىلوگىڭىز ئىشلىتىدىغان خەت نۇسخىسى بوشلۇقىڭىزدا بولمىغاچ ، IE تور كۆرگۈسىدە خەتلەرنىڭ چاپاق چىقىۋىلىش ھادىسىسى كۆرۈلگەن . بولىدۇ ، ئوڭشاپ بېرەي .
مۇئەللىم ئۇستاز مۇشۇنداق يېڭى خەۋەر ۋە بىلوگ بىلىملىرىنى http://www.uyblog.cn غىمۇ قۇشۇپ يوللاپ قويسىڭىز بىلوگ ئوينايدىغانلا ئازلاپ كىتىپ بارىدۇ بىز بىرلىكتە ئۇيغۇر بىلوگلىرىنى بىر راۋاجلاندۇرساق
مىنىڭچە سىز مۇنبەرنى مەخسۇس ۋوردپىرسس سىتمىسنى تەتقىق قىلىدىغان خاسلىققا قاراپ ماڭدۇرسىڭىز ، تەشۋىقاتقا كۈچەپ بەرسىڭىز مىنىڭچە مۇنبەرمۇ بۇرۇنقى بىلوگداش قا ئوخشاش تەرەققى قىلاتتى ، جىق سۆزلەپ قويغان بولسام كەچۇرەسىز .
مەن بۇرۇن دەل شۇنداق قىلغان نەتىجىدە مۇنبەرگە 7-8 كۈندىمۇ ئۆزەم يوللىمىسام ئوڭلاپ بىرەر تېما ياكى ئىنكاس يوللانمىدى شۇڭا يېقىندا بىلوگنى خالىسق قىلغان قۇشۇمچە باشقا تۈرلەرنىمۇ قوتتۇم
ياخىش خەۋەركەنغۇ بۇ ؟ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى قاچانلىقلارغا چىقار
ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ چىقىشىدىن چىقماسلىقى يۇقىرىراق ، سەۋەبى ؛ تەدبىركار ئەپەندىم ياسىغان ئۇيغۇرچە تونۇتۇش قىستۇرمىسى ئارقا بەتنى يېتەرلىك دەرىجىدە ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ بېرەلەيدۇ …..
راستىنلا خۇشخەۋەركەن.مۇئەللىمگە تەشەككۇر!
خالىس خىزمەت قىلىۋاتقانلارمۇ زىرىكتى بولغاي، يىڭى نەشىرىنى تەرجىمە قىلىش ئىشلىرى توختاپلا قالدى
ياخشى خوشخەۋەركەن، بەرىبىر ھەقىقى نەشىرى ئىلان قىلىنغان بىلەن ئۇيغۇرچى نەشىرى بولمىغاچقا ئادەمنىڭ ئىشلەتكۈسى كەلمەيدىكەن
يىڭى يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
قەدىناس ئوقۇرمەنلەر
بىلوگ ئۇچۇرلىرى
يازما : 322پارچە
بەت :30 بەت
باھا :1943 پارچە
سەھىپە :34 دانە
خەتكۈش :406 دانە
ئۇلىنىشلار:127 دانە
توربەت ئېچىلغىلى 758 كۈن بولدى
تىزىملانغان ئەزا : 63 نەپەر
يېڭىلىنىشى: 3-ئاينىڭ24-كۈنى
باش بەت